مۇڭ باسقان «ھېيتگاھ»
ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ بۆشۈكى، قەدىمىي دىيار - ئەزىزانە قەشقەر تىلغا ئېلىنسا قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 4 مىليون نوپۇس بۇ يۇرتنىڭ كۆزنىكى «ھېيتگاھ جامەسى» نى كۆز ئالدىغا كەلتۈرمەي قالمايدۇ. «ھېيتگاھ جامەسى» ئۇزاق زامانلاردىن بېرى قەشقەردىكى ئۇيغۇرلار ئەمەس مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىنىدىغان جايىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى. شۇڭىمۇ كىشىلەر «قەشقەرگە كەلمىگەن ئادەم شىنجاڭغا كەلگەنلىك ھېسابلانمايدۇ، قەشقەرگە كېلىپ ھېيتگاھنى كۆرمىگەنلەر ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنى بىلەلمەيدۇ» دەيدىغان بىر ھېكىمەتلىك سۆز ئەل ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرمەكتە. ئۇزاق تارىخقا ئىگە بۇ مەدەنىيەت بۆشۈكىدىكى بۇ تەۋەررۈك «ھېيتگاھ» 2000 - يىلدىن كېيىن دۆلەت، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ، مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ نەچچە مىليون مەبلەغ ئاجرىتىش ئارقىلىق قايتىدىن رېمونت قىلىنىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ دىن بىلەن ئۆرپ - ئادەت بىر گەۋدىلەشكەن يارقىن ساياھەت ئورنىغا ئايلاندى. لېكىن بۇ يەردىكى تەبىئىيلىك بىراقلا يوقاپ قىشتا مۇز توڭلايدىغان، ئادەم قورقماي ماڭالمايدىغان، ياز كۈنلۈكى ئاپتاپتا قاقىرام بىر مەيدان ھاسىل بولۇپ ساياھەتكە كەلگەنلەر يىراقتىنلا رەسىمگە چۈشۈپ «ھېيتگاھ جامەسى» نىڭ رەسىمىنىلا ئېلىپ كېتىپ تەتقىق قىلىشقا، تاۋاپ قىلىشقا، يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈشكە بەل باغلايدىغانلارمۇ ئاستا ئارقىسىغا يېنىشقا مەجبۇر بولىدىغان ئورۇنغا ئايلىنىپ قالدى.
بۇرۇنقى بىلەن ھازىرقىنى سېلىشتۇرۇپ باقساق، ئاسمان - زېمىن پەرقى بار.
90 - يىللاردىن ئىلگىرىكى ھېتيگاھ جامەسى ئالدى گۈللۈك بىلەن پۈركەنگەن، كوچىلىرىدا مىغ - مىغ ئادەم قاينايدىغان، ئۇششاق تىجارەتچىلەر قۇلاق - مېڭىنى يىگۈدەك توۋلىسىمۇ ئادەمنى بىر خىل سۆيۈندۈرىدىغان جاي ئىدى. لېكىن ھازىر توۋلايدىغانلارمۇ يوق. ئادەممۇ ئاز ... نېمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟
1. ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلدى. نەچچە مىليون يۈەن خەجلەپ رېمۇنت قىلىنغان مەيدان باشتا ئېيتقاندەك يازدا قاقىرام ئىسسىق، قىشتا غۇر - غۇر شامال، توڭلىغان مۇز بولغاچقا كىشىلەر يىراقتىنلا كۆرۈپ قايتىدىغان بولدى. بۇرۇنقى گۈللۈكتىن ئەسەرمۇ بولمىغاچقا كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن بارغانچە يىراقلىشىپ كەتتى.
2. ھېيت - بايراملاردا ساما سالىدىغان قەشقەر خەلقى پەقەت بىر - ئىككى كۈنلا مەيداننى قىزىتىپ، ئاندىن ئاي - يىللاپ «ھېيتگاھ جامەسى» قەدەم باسمايدىغان ھالەت شەكىللەندى (ئەھلى مۇسۇلمان، ناماز ئوقۇيدىغان، جۈمە نامىزىغا كېلىدىغانلار بۇنىڭ سىرتىدا)، سامادىن كېيىن ئائىلە بويىچە مەيدان ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان گۈللۈكتە رەسىمگە چۈشىدىغان، بۇرۇنقى گۈللۈكتىكى ئىككى تال ئانارنىڭ ھەيكىلىگە توختىماي باقىدىغان كىشىلەر ئازلىدى. قىسقىسى «ئانار ماكانى» دەپ نام ئالغان قەشقەر تەبىئىيلىكىنى، ئەسلىنى يوقاتقان ئىدى.
3. «ھېيتگاھ جامەسى» ئۆزگىچىلىكىنى يوقىتىشقا باشلىدى. نېمىشقا دېگەندە مەيدان سىرتىغا جايلاشقان پەلەمپەيسىمان جايلاردا گۈل - گىياھ ساتىدىغان سودىگەر، بىر دانە تۆگە، بىر ئات، بىر قەدىمىي ھارۋىدىن باشقا مەدەنىيەت بۈشۈكىدە كۆزگە چىلىقىدىغان ئالاھىدە ئىش يوق. كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا «ھېيتگاھنى شۇ ئاتقا مېنىپ رەسىمگە چۈشسىلا بولىدىغان جاي» دەيدىغان ھالەت بىخ سۈرۈشكە باشلىدى.
4. مۇھىت بۇلغاندى. يازدا قاقىرام مەيدانغا نەچچە مىڭ ساياھەتچى كەلسىمۇ، بۇ مەيداننى ئازراق مىللىي تۈسكە ئىگە قىلىپ بىزەيدىغان، تەشتەكلىك گۈلمۇ بولسا قويۇپ كىشىلەرنى ھۇزۇرلاندۇرۇشنى ئويلايدىغان، مۇھىتىنى ياخشىلاپ مەملىكىتىمىز ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ مەدەنىيەت بۆشۈكى، قەدىمى مەرۋايىت قەشقەرنى تونۇتۇشقا ئۇل ھازىرلايدىغان بىرەر ئورۇن ۋە شەخس چىقمىدى. چوكا مۇز قەغىزى، سۇلياۋ پارچىلىرى ئۇچۇپ يۈرسىمۇ، بەلگىلىگەن تازىلىق ئىشچىلىرى، مۇھىت ئاسرىغۇچىلاردىن باشقىلار ئانچە كۆڭۈل بۆلمىدى. بۇنىڭ بىلەن 90 - يىللاردىكىدىن ئىلگىرىكى «ھېيتگاھ جامەسى» ئەسلىنى ئەسلەيدىغان، بۇرۇنقى ئىشلىرىنى ئويلايدىغان بولۇپ قالدى.
5. «ھېيتگاھ جامەسى» ئالدىغا ئورنىتىلغان چوڭ ئېكرانلىق تېلېۋىزور كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە، دۇنيا ئىشلىرىدىن خەۋەردار قىلىشقا ياخشى ئۇل ھازىرلىغان بولسىمۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ «ئەزران ئاۋازى» نى بېسىۋېلىپ، كىشىلەرنى بىزار قىلدى. مەسچىت ئالدىغا ئورنىتىلغان بۇ ئىكرانغا كۆز سالىدىغان، پىكىر بىرەلەيدىغان بىرەر ئورۇن چىقمىدى... ئومۇملاشتۇرغاندا، يۇقىرىقى سەۋەبلەر بىلەن مەدەنىيەت بۆشۈكىدىكى بۇ مەرۋايىت يىراقلارغا نەزەر سېلىپ كۈندىن - كۈنگە مۇڭ بىسىشقا باشلىدى.
مەنبە: قەلىمىم