ئىجارە ئالغان ئۆينى ئىجارە ئالغۇچى ئالدىن سېتىۋالالامدۇ؟
كۆپلىگەن ئۆي ئىجارە ئالغۇچىلار ئۆي ئىگىسى ئۆينى ساتماقچى بولسا ئۆزىنىڭ ئوخشاش شەرت ئاستىدا ئالدىن سېتىۋېلىش ھوقۇقى بارلىقىنى بىلىدۇ. توختام قانۇنىنىڭ 230 –- ماددىسدا شۇنداق بەلگىلەنگەن. ئۆي ئىجارە ئالغۇچىنىڭ ئالدىن سېتىۋېلىشى ئۈچۈن تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا قانۇنلۇق ئۆي ئىجارە مۇناسىۋىتى بولۇشى، ئۆي ئىجارە ئالغۇچى مۇۋاپىق مۆھلەتتە ئۇقتۇرۇشى، ئۆي ئىجارە ئالغۇچى باشقا سېتىۋالغۇچىلار بىلەن ئوخشاش شەرت ئاستىدا سېتىۋېلىشى كېرەك. ئەگەر ئۆي ئىجارە بەرگۈچى ئىجارە ئالغۇچىغا ئۇقتۇرمىسا، ئوخشاش شەرت ئاستىدىمۇ سېتىپ بەرمىسە قانداق قىلىشى كېرەك؟ سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، ئۆي ئىگىسى بىلەن ئۆي سىتىۋالغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى ئېلىم - سېتىم مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغىلى بولامدۇ؟ ئىلگىرى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى ھەققىدىكى ئىزاھاتىنىڭ 118 - ماددىسىغا ئاساسەن، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆي ئېلىم - سېتىم مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا سوت قوللايتى. 2007 - يىلى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى قارار چىقىرىپ، ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى ھەققىدىكى ئىزاھاتنىڭ 88 - ماددىسى، 94 - ماددىسى، 115 - ماددىسى، 117 - ماددىسى، 118 - ماددىسى، 177 - ماددىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۆي ئىجارە ئالغۇچى ئۆي ساتقۇچى بىلەن سىتىۋالغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى ئېلىم - سېتىم مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلالمايدىغان بولدى. ئەمما بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلالمىغان بىلەن ئۆي ساتقۇچى ئۆي سېتىش سەۋەبلىك ئىجارە ئالغۇچىغا ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرسە چوقۇم تۆلەش كېرەك. 2009 - يىلى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان ئالىي خەلق سوت مەھكىسمىنىڭ شەھەر بازار ئىجارە ئۆيلىرى ئىجارە توختامى ماجىراسىغا قانۇن تەتبىقلاش ھەققىدىكى ئىزاھاتنىڭ 21 - ماددىسىدا ئۆي ساتقۇچى ئەگەر ئۆي ئىجارە ئالغۇچىغا زىيان كەلتۈرسە تۆلەپ بېرىدىغانلىقى، ئۆي سېتىۋالغۇچىنىڭ ئالدىن سېتىۋېلىش ھوقۇقىغا چېقىلغانلىقى ئۈچۈن ئېلىم - سېتىم توختامىنىڭ كۈچتىن قالمايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. شۇڭا ئۆي ئىجارە ئالغۇچىلار ئۆي ئىگىسى ئەگەر ئۇقتۇرمايلا ئىجارە ئۆينى سېتىۋەتسە پەقەت زىيان تەلەپ قىلالايدۇ. لېكىن ئۆي ئىجارە بەرگۈچى بىلەن ئۆي ئالغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى ئېلىم - سېتىم توختامىنى، مۇناسىۋىتىنى كۈچتىن قالدۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ. قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش چ چ نومۇرى: 1471561935 نىكاھ، قاتناش، مەمۇرىي ئىشلار، جىنايى ئىشلار، توختام ماجىراسى، قەرز ماجىراسى، ۋارىسلىق، جىسمانىي زىيان، مۈلۈك زىيىنى ... قاتارلىقلارغا مەسلىھەت بېرىلىدۇ. چ چ دا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار يوللانسا بولىدۇ. مەسلىھەت سورىغۇچىلارنىڭ مەخپىيەتلىكى قەتئىي ساقلىنىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-12 11:04
|