ئۆتكۈرنىڭ ئىمزاسى قويۇلغان كىيىم ۋە پۇتبولغا ئېرىشكۈڭىز بارمۇ؟
جۇڭگو دۆلەتلىك ياشلار پۇتبول كوماندىسىنىڭ كاپىتانى ــ ئۆتكۈر
ئىيۇل ئېيىنىڭ باشلىرى تورىمىز مۇخبىرلىرى شەندۇڭ ئۆلكىسى ۋېيففاڭ شەھىرىگە بېرىپ جۇڭگو دۆلەتلىك ياشلار پۇتبول كوماندىسىنىڭ كاپىتانى ــ ئۆتكۈر ھەسەننى زىيارەت قىلدى، شۇنداقلا ئۆتكۈر ھەسەننىڭ ئىمزاسى قويۇلغان بىر مايكا ۋە ئىككى دانە پۇتبولنى مۇنبەردىكى ئەزالارغا سوۋغا سۈپىتىدە ئېلىپ كەلدى. ھازىر بىز بۇ مايكا ۋە پۇتبولنى تەلەيلىك مۇنبەرداشلارغا سوۋغا قىلىمىز.
مۇشۇ تېمىنىڭ 111-قەۋەت، 308-قەۋەت، 575-قەۋەتلىرىگە ئىنكاس يازغان تورداشلار پەخىرلىك ئوغلانىمىز ئۆتكۈر تەمىنلىگەن سوۋغاتلاردىن بەھرىمان بولىدۇ.111-قەۋەت ئۆتكۈر ئىمزا قويغان توپقا ئېرىشىدۇ.308-قەۋەت ئۆتكۈر ئىمزا قويغان مايكىغا ئېرىشىدۇ.575-قەۋەت ئۆتكۈر ئىمزا قويغان ھەم ئۆزى تەپكەن توپقا ئېرىشىدۇ. ئەسكەرتىش: بىر ئەزانىڭ ئىنكاس سانى چەكلەنمەيدۇ( قانچە ئىنكاس يازسا بولىدۇ)، بىراق چوقۇم ئىنكاسلار ئوخشاشمىغان بولۇشى، شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىغا مەدەت تىلەيدىغان تىلەك سۆزلىرى يېزىلىشى كېرەك. بىرىنچى تورداشنىڭ ئىنكاسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالغان ھەر قانداق تورداشنىڭ ئىنكاسى ئۆچۈرۈلىدۇ. چوقۇم ئۆزىنىڭ كۆڭۈل سۆزىنى ئېيتىشى كېرەك. تورداشلارنىڭ شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنى قوللاش بىلەن بىرلىكتە، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە توپ تېپىۋاتقان شىنجاڭلىق پۇتبولچىلارغا مەدەت بېرىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. مۇنبىرىمىز بۇنىڭدىن كېيىنمۇ، تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭلىق پۇتبولچىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ سوۋغىسىنى پۇتبول سۆيەر شىنجاڭ خەلقىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ!

سولدىن ئوڭغا ئارسلان كامىل(تەڭرىتاغ تورى مۇخبىرى)، ئۆتكۈر ھەسەن، ئالىمجان ئابدۇراخمان(تەڭرىتاغ تورى مۇخبىرى)