كۆرۈش: 47634|ئىنكاس: 22

سەيپىدىن ئەزىزنىڭ چوپاندىكى دېھقان دوستى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1658
تۆھپە
793
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 11:11:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ چوپاندىكى دېھقان دوستى

توختى ھوشۇر



111052jhjbvbahamhmubvj.jpg



   مەن 1994-يىلى قاغىلىق ناھيە چوپان يېزىلىق خەلق ھۆكۈمەتىنىڭ كاتىپى ئىدىم.يىل ئاخىردا خەت-چەكلەرنى رەتلەپ ئارخىپلاشتۇرۋاتقىنىمدا،ئىككى كىشنىڭ بىرگە چۈشكەن خاتىرە سۈرىتى قولۇمغا چىقىپ قالدى.
سۈرەتتىكى ئىككى كىشنىڭ بىرسى ،مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزى ،بىرسى،چوپان يېزىسىنىڭ چارەكلە كەنتىدىكى دېھقان قاۋۇز ھالىم ئىدى.
    مەن پۇرسەت چىقىرىپ، قاۋۇز ئاكىنى مەخسۇس زىيارەت قىلدىم.ئۇ مۇنۇلارنى سۆزلەپ بەردى.مەن بۇ يىل 88ياشقا كىردىم.مېنىڭ سەيپىدىن ئەزىزى بىلەن تونۇشۇپ دوسىت بولۇشقىنىمىزغا 50يىل بولدى.ئەسلىسەم بۇ 1945-يىلقى ئىش ئىكەن. ئۇ چاغلاردا قاغىلىقتا ئابدۇۋېلاخۇن ئىسىملىك ئاتۇشلۇق بىر كىشى بار ئىكەن. ئۇ كىشىنىڭ بازار ئىچىدە دۇكان-سارايلىرى ، يىتىملىقۇم يېزىسىنىڭ چاسۇمۇق كەنتىدە باغ-ئاراملىق ھويلىسى ،كۆكيار يېزىسىنىڭ گوساس يايلىقىدا مال-چارۋىسى بار بولغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر ئۇ كىشىنى ئابدۇۋېلاخۇن باي دەپ ئاتايدىكەن. بۇ باي سودىگەرچىلىكمۇ قىلىدىكەن. مەن ئۇ كىشىنىڭ ۋاكالىتەن مال سېتىۋالغۇچىسى ئىدىم. گۈلە-قاق ،ياڭاق،يۇڭ –تىۋىت ،تېرە –كۆرپە قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىپ،ئۇ كىشىگە ئۆتكۈزۈپ ،ئارىدىن ئاز تولا پايدا ئېلىپ،تىرىكچىلىك قىلاتتىم.ياز ئايلىرىنىڭ بىر كۈنىدە باينىڭ ئۆيىگە مەخسۇم سۈپەت كىيىنگەن،قەددى-قامىتى كېلىشكەن بىر ياش يىگىت پەيدا بولۇپ قالدى،ئۇ يىگىت بىر قانچە كۈن ئىچىدىلا بىز بىلەن چىقىشىپ كەتتى.بىر كۈنى ئابدۇۋېلاخۇن باي مېنى چاقىرىپ <<بۇ بالا مېنىڭ يېقىن تۇغقنۇم بولىدۇ،ئىسمى سەلەي ئاخۇن ،ئاتۇشتىن مېنى يوقلاپ كەپتىكەن،دەريا كېچىپ،تاغ-داۋانلار ئېشىپ يايلاق كۆرۇپ كەلسەم ،دەيدۇ،سىز يول باشلاپ كۆرسىتىپ كېلىڭ>>دېدى. مەن <<ماڭا ئىشەنگەنلىرىگە رەھمەت >>دەپ بۇ ۋەزىپىنى قوبۇل قىلدىم،باي بىر قېچىرغا قەنىت-ناۋات،ئۇرۇس گۇگۇتى،ئۇرۇس قۇلۇپى،قەشقەر چەكمىنى قاتارلىق ماللار قاچلانغان تاغار –خالتىلارنى ئارتىپ بەردى.مەن سەلەي ئاخۇن بىلەن بىردىن ئاتقا مىنىپ،خالاستان دەرياسىنى بويلاپ يولغا چىقتۇق،مۇمۇق كەنتىگە بارغاندا ،سەلەي ئاخۇننىڭ تەلىپىگە بىنائەن،مىرزا ئابابەكرىنىڭ قورغىنىنى كۆرسەتىم.سەلەي ئاخۇن قورغانىڭ ئۈستىگە چىقىپ:<< مىرزا ئابابەكرى>>-تارىختا نامى بار شەخىس.تاش بىلەن ياسالغان بۇ قورغانىڭ بەزى جايلىرى چۇۋۇلۇپ كېتىپتۇ،زىندان يۈتۈپ كەتكىلى ئاز قاپتۇ....ئۇ بۇلارنى كۆرۈپ :<<كېيىنكىلەر ياساپ ئەسلىگە كەلتۈرمىسىمۇ،يېزىپ تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالدۇرۇپ قويار>>دەپ بىر نېمىلەرنى يازدى.بىز داۋان ئېشىپ گوساس قىشلىقىغا كەلدۇق،ئۇ چاغدا گوساس چوپان بەگلىكىگە قارايتتى.بىز گوساستا سۇلايمان يۈز بېشىنىڭ ئالۋان-ياساقلىرىنى تۆلىيەلمىگەن كەمبەغەللەرنى دەرەخنىڭ شاخلىرىغا ئېسىپ يالىڭاچلاپ قامچىلاۋاتقانلىقىنى كۆردۇق.سەلەي ئاخۇن بىچارىلەرنىڭ ئازاپلىنىۋاتقانلىقغا چىداپ تۇرالماي يۈز بېشىغا 40سەر كۈمۈش بېرىپ كەمبەغەللەرنى قامچا تېگىدىن قۇتقۇزۇپ قالدى ھەمدە كۆڭلەك-ئىشتانلىرى جۇللىشىپ كەتكەنلەرگە ماتا(خام)تارقىتىپ بەردى،سەلەي ئاخۇننىڭ بۇ ئىشى كەمبەغەللەرنى تولىمۇ خوش قىلدى.بىز سودىگەر قىياپىتىدە گوساسنىڭ يايلاقلىرىغا كەتتۇق.يايلاقتا قارىغايلارنى ئارىلاپ،مالچىلارنىڭ گەمىسىدە قېتىق-قايماق بىلەن مېھمان بولۇپ،بىر قانچە كۈننى ئۆتكۈزدۇق،چارۋىچىلارغا سەلەي ئاخۇننىڭ خەير-ساخاۋىتى ئاڭلىنىپ پاقلان سويۇپ ،مېھمان قىلىش باشلىنىپ كەتكەن ئىدى.سەلەي ئاخۇن بۇنداق قىلىشقا يول قويمىدى.بىز تاغ ئارىلاشنى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ شېخشۇ يېزسىدىكى يۇلۇڭ قىشلىقىغىچە داۋاملاشتۇردۇق،بىز گوسساسنىڭ ئۈسەس يايلىقىدىن يولۈڭ قىشلىقىغا بارغاندا كىشىلەر<<ئۇلۇغ ئات>>دەپ ئاتايدىغان داۋاندىن ئاشقان ئىدۇق. سەلەي ئاخۇن <<ئۇلۇغ ئات>>دېگەن ئىسىمىنى ئاڭلاپ:<<ئات ئەمەس>><<ئارت،ئارت>>سۆزى تۈرۈكچە داۋان دېگەن بولىدۇ،دېدى ھەم <<تاغلاردا [ئارىت ]نامى بىلەن ئاتىلىدىغان يەنە قايسى داۋانلار بار......>>دەپ سورىدى.مالچىلار،<<كىچىك ئارت>>،<<قۇم ئارت>>،<<كۆك ئارت>>،<<ئېشەك ئارت>>،<<تام ئارت>>دەپ ئاتىلىدىغان داۋانلارنىڭ بارلىقىنى ئىيتىپ بەردى. سەلەي ئاخۇن بۇ داۋانلاردىن ئېشىپ قەيەردىن قەيەرگە بارغىلى بولىدىغانلىقىنى سوراپ يېزىۋالدى. سەلەي ئاخۇن بۇ جايدىكى تاغلارنىڭ ھەيۋەتلىك چوققىلىرىغا ،ئىپتىدائىي ئورمانلىرىغا ،گۈل-گىياھلىرىغا ،ياۋايى ھايۋانلىرىغا،ئۇچار قۇشلىرىغا،كالا-قوتازلىرىغا بەكمۇ قىزىقتى ھەمدە تولۇق خاتىرە قالدۇردى.بىز گوساس يايلىقىدىكى سەيلە-ساياھەتلىرىمىزنى تاماملاپ،ئازانسال قىشلىقى ئارقىلىق چوپانغا كەلدۇق.چوپاندا مېنىڭ باغ ئاراملىق ھويلامىنىڭ ھاۋاسى سەلەي ئاخۇنغا يېقىپ قالدى.مېنىڭ ھويلام چوپان دەرياسىنڭ شاۋقۇنى ئاڭلىنىپ،سۈيى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ،يېنىدا كېچە كۈندۈز سۈيى توختىمايدىغان كىچىك ئېرىق بار ئىدى. سەلەي ئاخۇن سودىگەر قىياپىتىدە توي-تۈكۈن مەرىكىلىرىگە ،ئۆلۈم –يېتىم ،نەزىرلەرگە قاتناشتى.كىشىلەرگە بالىلىرىنى يېڭىچە مەكتەپ(پەننىي مەكتەپ )لەردە ئوقۇتۇشقا دەۋەت قىلدى.بىزنىڭ ئۆيدە 17كۈن تۇرغاندىن كېيىن بىر كۈنى <<ئاداش قاۋۇز ئاخۇن،مۇشۇ مەھەللىدە ھەسەن ئاخۇن باي(1)ئىسىملىك بىر ئادەم بار ئىكەن،كۆزىدىن خۇنخورلىقى چىقىپ تۇرىدۇ.ماڭا يامان كۆزى بىلەن قاراۋاتىدۇ.بىز بۇ يەردىن كېتەيلى>> دېدى،شۇنىڭ بىلەن ماتېرىياللارنى خالتىلارغاقاچىلاپ ،پۇل-پۈچەكلەرنى تۈگۈنچە قىلىپ،ئاتقا توقۇيدىغان مۆلەنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ تىكىپ،ئەتىسى ئەتىگەندە تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى ئاتا-ئانامنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ، قاغىلىق بازىرىغا قاراپ ماڭدۇق.چوپاننىڭ كەنىتلىرىنى ئارىلاپ<<ئوراز>> چۆلىنى كېزىپ،سېرىقئاتا،يىلقىچى،شاخاپ،جەمخۇم ،قۇچچى قاتارلىق يېزا-كەنىتلەرنى ئارقىمىزدا قالدۇرۇپ،يېتىملىقۇم يېزىسىنىڭ لايباغ كەنتىگە كەلسەك قوراللىق ئىككى ئاتلىق ئەسكەر ئۇچۇردى.ئەسكەرلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇر،بىرى خەنزۇ ئىكەن.سەيپىدىن ئۇ ئەسكەرلەردىن <<نەگە ماڭدىڭلار >>دەپ سورىغان ئىدى.ئۇيغۇر ئەسكەر <<سەيپىدىن ئىسىملىك بىر ئەپەندىچاق ماتېريال توپلاپ،ھۆكۈمەتكە قارشى تەشۋىق تارقىتىپ يۈرۈپتۇ ،دەپ دوكلات يوللانغان ئىكەن،جۇيجاڭلىرىمىز بىزنى سەيپىدىننى تۇتۇپ كېلىشكە بۇيرۇدى.چوپانغا ماڭدۇق>>دېدى. سەيپىدىن:<<سىلەر ئۇ ئەپەندىنى تونۇمسىلەر ؟>>دەپ سورىغان ئىدى.<<تونۇمايمىز>>دېدى.سەيپىدىن :<<ئاۋارە بولماڭلار ، سەيپىدىن دېگەن مانا مەن>>دېدى.ئەسكەرلەر باغلاشقا كەلگەن ئىدى،<<باغلىماڭلار جىڭساجۈيگە ئۆزۈم كىرىمەن>>دېدى.مەن <<ھەسەنباي مەلۇم قىلغان ئوخشايدۇ>>دەپ ئويلىدىم-دە، سەيپىدىن : سەيپىدىن <<بۇ نېمە قىلغانلىرى؟>>دەپ سورىدىم. سەيپىدىن:<<مەن ئۆزۈمنى مەلۇم قىلمىسام،چوپانغا بېرىپ ئاتا-ئانىڭىزنى ئاۋارە قىلىدۇ.قورقماڭ،ئۆزۈم جاۋاپ بېرىمەن >>دېدى.ئۆزىنىڭ مىنگەن ئېتىنى ماڭا مىندۈرۈپ ،ئاستاغىنە پىچىرلاپ:<<بۇ مۆلەنى ئابدۇۋېلاخۇن باينىڭ ئۆز قولىغا بىرىڭ>>:دېدى. قاغىلىق بازىرىغا كەلدۇق.سەيپىدىنىنى ئەسكەرلەر جىڭساجۈيگە ئەكىرىپ كەتتى.
    مەن ئابدۇۋېلاخۇن باينىڭ بازاردىكى ھويلىسىغا كەتتىم،ئابدۇۋېلاخۇن بايغا سەيپىدىنىنىڭ سەپەر ئەھۋالىنى،ئۇنىڭ جىڭساجۈيگە تۇتۇپ كېتىلگەنلىكنى ئېيتتىم . ئابدۇۋېلاخۇن باي ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ،چوڭقۇر ئويغا پاتتى.مەن 3-4كۈنگىچە ئەتىگەن-ئاخشىمى سەيپىدىنگە تاماق ئاپىرىپ بەردىم.بىر كۈنى ئابدۇۋېلاخۇن باي سەيپىدىننىڭ ئېتىنى جىڭساجۈينىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشىمنى ،سەيپىدىننىڭ  شۇ يەردە ساقلاپ تۇرۇدىغانلىقىنى ئېيىتتى.ئاتنى ئېلىپ بارسام ،سەيپىدىن جىڭساجۈينىڭ دەرۋازىسىنىڭ يېنىدا ئاتنى قولۇمدىن ئالدى،مەن ھەيران قالدىم.ئۇ قانداق قېچىپ چىققاندۇ؟كېيىن ئۇقسام ئابدۇۋېلاخۇن باينىڭ گۇندىپايلارنى پۇلغا سىتېۋېلىشى بىلەن قېچىپ چىققان ئىكەن..
سەيپىدىن ئەزىزى ئازادلىقتىن كېيىن قاغىلىققا كۆپ قېتىم كەلگەن.ھەر قېتىم كەلگەندە قاۋۇز ھالىمىنى سۈرۈشتە قىلىپ ھايات ئىكەنلىكىدىن ئۇچۇر ئالالمىغان.1976-يىلى11-ئاينىڭ 16-كۇنى قاغىلىققا ،قاغىلىقنىڭ داجەيچە ناھىيە بولغانلىقىنى ئېلان قىلىشقا كەلگەندە ،ئېلان قىلىش يىغىنىغا مەھەللە باشلىقىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار قاتناشقان،سۈرۈشتە قىلىپ، قاۋۇز ھالىمىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ھەمدە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى ئارقىلىق تېلېفون بەرگۈزۈپ،چوپاندىن ناھىيە بازىرىغا ئاچىقتۇرۇپ،ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مېھمانخانىىسدا كۆرۈشكەن،دىدارلاشقاندىن كېيىن قۇچاقلىشىپ،كۆز يېشى قىلىشىپ،مۇڭدىشىپ ،بىر-بىرىدىن ھال ئەھۋال سوراشقان ،خاتىرە ئۈچۈن سۈرەتكە چۈشكەن، سەيپىدىن ئەزىزى قاۋۇز ھالىمىغا بىر تونلۇق چىپەرقۇت،بىر كىيىملىك ئەتلەس ھەدىيە قىلغان.
    سەيپىدىن ئەزىزى بىلەن  قاۋۇز ھالىمىنىڭ خاتىرە سۈرىتى دوستلىقىنىڭ يالدامىسى بولۇپ،ئىككى دوستنىڭ  قولىدا چوپان يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئارخىپىدا ساقلانماقتا.

(1) ھەسەنئاخۇن زومىگەر بولۇپ ئازادلىقتىن كېيىن ،ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش،زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە ھۆكۈمىتىمىز تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن .

ئاپتور : شائېر-چوپان يېزىسىنىڭ سابىق باشلىقى، ھازىر ناھىيەلىك يېزا ئىچىملىك سۈيىنى باشقۇرۇش باش پونكىتىنىڭ شۇجىسى .
مەنبە :2003-يىلى قاغىلىق ناھيەلىك سىياسىي مەسلىھەت  كېڭەش تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلانغان.قاغىلىق تارىخ ماتېرىياللىرى (2)قىسمىدىن ئېلىندى.تورداشلارنىڭ بۇ تارىختىن ئىجابىي پايدىلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
530
تۆھپە
288
UID
2954
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 17:54:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېچكىم ئىنكاس يازماپتىغۇ؟سەيپىدىن ئەزىز ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ شەخسنىڭ بىرى.سەيپىدىن ئەزىز «ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابى » نىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى ، ناھايىتى كۆپ جەڭلەرنىڭ شاھىدى .


پوتپول ، روھ  ۋە  ئېتىقادنى  يېتىلدۈرىدىغان جەڭ مەيدانى .قايسى
مىللەتتە  پوتپول روھى ئاجىز  بولىدىكەن ئۇنىڭ مىللى ئېڭى ،ئېتىقادىمۇ  شۇنچە زەئىپ بولىدۇ دەيدىكەن.

Rank: 2

تىللا
128
تۆھپە
39
UID
5354
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 21:48:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەيپىدىن ئەزىز بىزنىڭ ئىچىمىزدىن چىققان قەھرىمان .سەيپىدىن ئەزىزنىڭ بۇنداق دوستىنىڭ بارلىقىنى ئەمدى ئاڭلىشىم .


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئۇيغۇر ئوغلى
تىللا
184
تۆھپە
79
UID
459
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 22:45:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىز كىشىلىرىمىز باسقان يوللارنى بىز مەڭگۈ بېسىپ بولالمايمىز .
ئۇلار تارىخنى ياراتقۇچىلار ئىدى، ئەمما قۇدرەتلىك كۈچ ئالدىدا ئۇلارمۇ ئاجىز كەلدى.
بۇ قەدىردان كىشىلىرىمىزنى مەڭگۈ ئەسلەيمىز.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
574
تۆھپە
206
UID
11362
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-11 01:31:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ  ئەسلىمىدىن سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ خەلقپەرۋەر رەھبەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ ، ئوزىنى ئويلىماي
پەقەت خەلقنىلا ئويلايدىغان مۇشۇنداق ياخشى رەھبەرلەر قانچىكى كۆپ بولسا ، خەلق خاتىرجەم ، جەمئىيەت
تېنچ ،دۆلەت مۇستەھكەم بولىدۇ .


Rank: 6Rank: 6

تىللا
391
تۆھپە
309
UID
19029
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-11 12:56:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەيپىدىن ئەزىزى مەشھۇر شەخىس خەلقپەرۋەر رەھبەر


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
2579
تۆھپە
1341
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-11 18:17:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەيپىدىن ئەزىز بىزنىڭ ئىچىمىزدىن چىققان قەھرىمان


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
گۈلزىنە
تىللا
375
تۆھپە
244
UID
9404
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-11 18:23:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل ئادەم دىگەن تىگىدىن ئىسىل بۇلدۇدە،ھازىرقى بەزى ئادەملەر يات بىر كەمبەغەلنى ئەسلەپ ئىزدىكىنى قىلىش ئەمەس ،ئۈزىنىڭ كەمبەغەلرەك تۇغقىنىغىمۇ قارىماس  بۇلۇپ كەتتى


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1658
تۆھپە
793
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-11 19:58:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
·1990-يىلىنىڭ باشلىرىدا خەلىقئاراغا تۇنۇلغان رەھبەر سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ‹‹ئۆمۇر داستانلىرى ››ناملىق 2توملۇق كىتابىي نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغاندا يۇرتىمىزدىن چىققان تونۇلغان ئاخباراتچى خەلق ئىغىز ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى-ئىنتنوگىرافىيە تەتقىقاتچىسى مەرھۇم كىرەم نىياز ئەپەندى بۇ كىتابىنى كۆرۇپ،چوپاندىكى ئىشلىرىنىڭ كەم بولۇپ قالغانلىقىنى بايقاپ ئەپەندىدمگە خەت يازغان.توختى ھوشۇر ئەپەندى قاۋۇز ھالىمىنى زىيارەت قىلىپ،بۇ ئەسلىمىنى يېزىپ 9يىلدىن كىيىن جامائەت بىلەن يۈز كۆرۇشتۇردى ،مەن سۈرەتنى 10نەچچە يىلدىن بىرى ساقلاپ كەلدىم،ئەپەندىم نەنجىڭ جۇنجۇي بىلەن كۆرۇشۇپ،قاۋۇز ھالىمغا پىشقەدەم ئارمىيە تەمىناتى ھەل قىلىپ بەگەن بولۇپ،بۇ يۇرۇتدىشىمىز ئۆمرىنىڭ ئاخىردا بپلسىمۇ تۇرمۇشىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈپ،10يىل مۇقەدەدم بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى.مەن كەڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ تارىختىن خەۋەردار قىىلىش ئۈچۈن،ئاپتۇرنىڭ ماقۇللۇقىنى ئىلىپ ،تورداشلار ھوزۇرىغا سۇندۇم.


Rank: 1

تىللا
7
تۆھپە
4
UID
20756
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-12 23:41:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى قېلىپسىز


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-20 04:43, Processed in 0.086974 second(s), 30 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991