كۆرۈش: 6970|ئىنكاس: 7

بالىنىڭ تاللىشى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تىللا
527
تۆھپە
151
UID
5032

ئاۋانگارت ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلىنازۇك

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 15:31:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بالىنىڭ تاللىشى

ئابلىز ئۆمەر ئەنجانى


      دىلشات بىلەن دىلبەرنىڭ تالىشىشى ئەۋجىگە چىقتى.
      - مەن ئالىي مەكتەپنىڭ پېداگوگىكا كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاتا -– ئانامنىڭ ئائىلە شارائىتى ياخشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوغۇل بالا بولغاندىكىن مەن بىلەن بىللە تۇرسا مۇۋاپىق، - دېدى دىلشات.
      - مەن بالىلار مائارىپى كەسپىنى پۈتكۈزگەن، مەن بىر ئانا، يۈرەك پارەمدىن ئايرىلالمايمەن، دادىسى ھاراقكەش، ئۇنىڭ بىلەن تۇرسا بالىنىڭ تەربىيەلىنىشىگە تەسىر يېتىدۇ، - دېدى دىلبەر كەسكىن ھالدا.
      سوت جەريانىدا ئەر –- خوتۇن ئۆي -– جاي، بانكا ئامانەت پۇلى قاتارلىق ئورتاق مۈلۈكلەرنى بۆلۈشۈشتە بىرلىككە كەلگەن بولسىمۇ، ئوغلى دىلمۇراتنى بېقىش ھوقۇقىدا تالىشىپ قالدى. دىلبەر ئېرىنىڭ ھاراقكەشلىكىنى، كەچكىچە ئاغىنىلىرىم دەپ ئۆيگە قارىمايدىغانلىقىنى؛ دىلشات دىلبەرنىڭ تۈگىمەس چايلىرىنى، خەقتىن ئۈستۈن تۇرىمەن دەپ ئەسەبىيلەرچە كىيىمگە بېرىلىشىنى، بالىنى تەربىيەلىيەلمەيدىغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتتى. ئۇلار بالىنىڭ بېقىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، بىر -– بىرىنىڭ ئەيىبىنى ئېچىپ، سوتقا قاتناشقانلارنىمۇ خىجىل قىلىۋەتتى.
      - دىلمۇرات، ئاتا -– ئاناڭ ئاجراشماقچى بولۇۋاتىدۇ، ھەر ئىككىيلەن ساڭا ئامراق ئىكەن، ئۇلار سېنى تالىشىشتا كېلىشەلمىدى، كىم بىلەن تۇرۇشنى خالايسەن؟ - دېدى سوتچى بالىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن.
      دىلمۇرات دەسلەپتە ئەتراپتىكىلەرگە سوغۇق نەزەردە قاراپ چىقتى، ئاندىن خۇددى بوينىغا تاش ئېسىلغاندەك بېشىنى تۆۋەن سېلىپ جىم تۇردى. ئۇ شۇ تاپتا مۇدھىش بىر خەۋەرنى ئاڭلاۋاتقاندەك ساراسىمدە ئىدى. باش سوتچى سوئالنى تەكرارلىدى، بۇ چاغدا دىلمۇرات بىردىنلا جىددىيلىشىپ، ئەسەبىيلىكى تۇتقان يولۋاستەك ئېتىلىپ بېرىپ، ئاۋۋال دادىسىغا، ئاندىن ئانىسىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ جان -– جەھلى بىلەن ۋارقىرىدى:
      ـ مەن سىلەرگە ئۆچ، ھېچقايسىڭلار بىلەن تۇرمايمەن. بۇنداق تىرىك يېتىم بولغۇچە...! - دېگىنىچە ھۆڭرەپ يىغلاپ سىرتقا ئېتىلدى.
      سوتخانا پاتپاراق بولۇپ كەتتى، دىلشات بىلەن دىلبەر بالىسىنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈردى...
      ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن سوت مەھكىمىسى تېلېفوندا دىلشات بىلەن دىلبەرنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش توغرىسىدىكى ئەرزىنى قايتۇرۇۋالىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلدى.


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەخپىي
تىللا
799
تۆھپە
237
UID
404
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 16:42:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىچارە بالىلار....
ھېچقايسىسى ئاتا-ئانا بولۇشقا ماس كەلمەيدىكەن.


گۈلباھار ھامۇتنىڭ‹‹قاپقارادۇر قاشلارىڭ››نى ئىزدەيمەن!!!

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1443
تۆھپە
915
UID
4983

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 18:38:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناكەس ئاتا-ئانىغا بىر قېتىملىق ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك دەرس بوپتۇ.


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1456
تۆھپە
1133
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 19:09:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بالىلار كەلگۇسىدە نىمە بولار .؟


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
1040
تۆھپە
722
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-6 01:02:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەقىللىق بالا...


ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي!

Rank: 2

تىللا
89
تۆھپە
23
UID
4969
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-6 11:37:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سوت مەھكىمىسى نىكاھتىن ئاجرىشىش دېلولىرىغا قاراپ چىققاندا ،بالىنىڭ ۋەسىيلىك ھوقۇقىنىڭ كىمگە تەۋە بولىشىغا ھۆكۈم قىلىشتا  تەرەپلەت ئاراىسىدىكى پەرزەنت 10ياشتىن ئاشقان بولسا كىم بىلەن بىللە تۇرۇشىنى پەرزەنت ئۆزى بەلگىلەيدۇ. پەرزەنت 10ياشقا توشمىغان بولسا ، ۋەسىيلىك ھوقۇقىنىڭ كىمگە تەۋە بولۇش مەسلىسىنى ، ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى، ئىقتىسادىي ئەھۋالى ،،، پەرزەنتىنڭ كېىينكى ئۆسۈپ يېتلىشىگە پايدىلىق بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن ئۆمۇملاشتۇرۇپ بىر ياقلىق قىلىدۇ.پەرزەنت ئىككى ياشتىن تۆۋەن بولسا ئادەتتە ئانا تەرەپنىڭ بېقىپ تەتبىيلىشىگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ. يوقۇرقى يازما ئەدەبىيلىك جەھەتتىن تەربىييۋە ئەھمىيەتكە ئىگە بولسىمۇ لېكىن سوت ئەمەلىيتىدىن  سەل چەتنەپ كەتكەندەك قىلىدۇ  ،،،،، نىكاھ دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندا پەرزەنتنى تالاش تارتىش بولىۋاتقان نەق مەيدانغا كىرگۈزمەيدۇ،،، چۈكى  پەرزەنتنىڭ كىم بىلەن بىللە تۇرۇشىنى ئاتا -ئانىسى يوق يەردەپەرزەنتتىن  ئايرىم سوراپ  شۇنىڭغا ئاساسەن قارار قىلىدۇ ......


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سانىيە
تىللا
458
تۆھپە
240
UID
15154
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-6 17:46:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى بالنى نەق مەيدان سوتقا ئەكىرىش ئۆزىمۇ خاتا  ئىشقۇ  دەيمەن ..


Rank: 1

ئىسىمى
ئادىلە
تىللا
53
تۆھپە
9
UID
27362
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 01:39:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىنى سوتقا ئېلىپ كىرىش خاتا ئىش بولسۇن ياكى توغرا ئىش بولسۇن بۇ مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى سەبىي باللىرىنى يىتىم قىلىپ ئاجرىشىپ كىتىۋاتقان ئاتا-ئانىلارغا بىر قېتىملىق ياخشى تەربىيە بولۇپ قېلىش خالاس، بىز بۇ تېمىنىڭ تەربىيىۋى ئەھمىيىتىنى چىقىش نوقتا قىلىپ ئويلايلى دوسلار .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-19 17:06, Processed in 0.078112 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991