كۆرۈش: 112370|ئىنكاس: 68

خوتەن ناھىيەسى تەۋەككۈل يېزىسىدىكى قىز ئوقۇغۇچىلار مىللىيچە ئالا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تىللا
536
تۆھپە
154
UID
5032

ئاۋانگارت ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلىنازۇك

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 12:09:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خوتەن ناھىيەسى تەۋەككۈل يېزىسىدىكى قىز ئوقۇغۇچىلار مىللىيچە

ئالاھىدىلىككە ئىگە مەكتەپ فورمىسى كەيدى


4487fcd6ecef1154dcae00.jpg


4487fcd6ecef1154dccc02.jpg


      تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى (خوتەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى روزى توختى، ئەلى شىرئەلى فوتوسى، خەۋىرى) كىيىم – كېچەك مىللىي خاسلىقنى ئىپادىلەيدىغان مۇھىم بەلگىلەرنىڭ بىرى. 15 – ئىيۇن، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكى قىسمىغا جايلاشقان تەۋەككۈل يېزىسى «مىللىيچە مەكتەپ فورمىسى كىيىش، يارقىن ياشلىق سالاپەتنى ئىپادىلەش» تېمىسىدىكى مەكتەپ مەدەنىيەت پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇردى.
      شۇ كۈنى، خوتەن ناھىيەسى تەۋەككۈل يېزىسىدىكى ئىككى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 100 قىز ئوقۇغۇچىسى ئەتلەستە تىكىلگەن مىللىيچە تۈس ئالغان مەكتەپ فورمىسى ۋە دوپپىنى كىيىپ، ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنى باشلامچى قىلغان، ئوقۇغۇچىلار فورمىسى ئىسلاھاتىدىكى ئالدىن سىناش خىزمىتى تەجرىبىسىنى نامايان قىلدى. تەۋەككۈل يېزىسى ئوتتۇرا مەكتىپى سەنئەت ئەترىتىدىكى ئوقۇغۇچىلار كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان «تەۋەككۈل ناخشىسى» ۋە «بادام» ناملىق ئۇسسۇلنى ئورۇنلىدى، گۈزەل مىللىي تۈستىكى مەكتەپ فورمىسى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەپىس ئۇسسۇلى تەۋەككۈل يېزىسىدىكى ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ يارقىن ياشلىق سالاپىتىنى ئىپادىلەپ بەردى.
      يېڭى مەكتەپ فورمىسى ئەتلەس بىلەن لايىھەلەنگەن كىيىم ۋە دوپپا بولۇپ، ئۇيغۇر قەدىمىي مەدەنىيىتىنى نامايان قىلغان، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ۋە ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى گەۋدىلەندۈرگەن. ئەتلەسنىڭ رەڭگى ناھايىتى چىرايلىق بولۇپ، قۇملۇق ئەتراپىدىكى زېرىكىشلىك مۇھىت بىلەن كۈچلۈك سېلىشتۇرما بولالايدۇ، شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ رېئال ۋە كەلگۈسى تۇرمۇشقا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە تەلپۈنۈشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
      ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋەكىلى زۇلخۇمار مەمتىمىن: «بىزنىڭ مەكتەپ فورمىمىز ناھايىتى چىرايلىق، ناھايىتى راھەت ھېس قىلىمىز. بۇ فورما بىزنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم – كېچەكلىرىمىزنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ، شۇنداقلا يەنە مىللىي ئالاھىدىلىك ۋە ھازىرقى زامان ئالاھىدىلىكنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان بولۇپ، مىللىي مەدەنىيىتىمىزگە قايتقاندەك ھېس قىلىمىز.» دېدى.


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
391
تۆھپە
309
UID
19029
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 12:27:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلمايدىكەن سەت ئىككەن.


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
99
تۆھپە
7
UID
4098
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 12:30:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     
بۇلمايدىكەن سەت ئىككەن.

نېمە بولمايدىكەن ؟    نېمە سەتكەن ؟؟؟


Rank: 4

ئىسىمى
-★★★★★-
تىللا
615
تۆھپە
23
UID
15907
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 13:12:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللىيچە كىينىپ مەكتەپكە بېرىش...


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6185
تۆھپە
2819
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 13:12:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kurban.qaydu يوللىغان ۋاقتى  2012-7-3 12:27
بۇلمايدىكەن سەت ئىككەن.

دوستۇم نېمىنى بولمايدىكەن دەۋاتىسىز؟


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 2

تىللا
97
تۆھپە
56
UID
165
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 13:17:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىيىمنى بولمايدىكەن دىگەنلەر غەرىپ مەدەنيىتى بىلەن چاڭلىشىپ كەتكەنلەر ياكى ئۆز مەدەنيىتىگە ھۆرمەت قىلىشنى ئۇقمايدىغانلار بولىشى مۇمكىن. مېنىڭچە بۇ كىيىمنىڭ لاھىيەسى ئەنئەنىۋىيلىككە ھۆرمەت قىلىنغان ئاساستا ياخشى لاھىيلىنىپتۇ. باشقا مەكتەپلەرمۇ كېڭەيتسە بولىدىغان لاھىيە ئىكەن.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
391
تۆھپە
309
UID
19029
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 13:55:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ubulomar يوللىغان ۋاقتى  2012-7-3 13:17
بۇ كىيىمنى بولمايدىكەن دىگەنلەر غەرىپ مەدەنيىتى بىلەن ...

ئۇز مەدىنىيىتى ھۇرمەت  قىلمايدۇ دەمسىز ھا، ھا. قانداق ئۇيلىسىڭىز  ئۇيلاڭ ئۇكا


Rank: 6Rank: 6

تىللا
391
تۆھپە
309
UID
19029
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 14:23:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتلەسنىڭ ئۇستىگە كىيىۋالغان جىلىتكىسى ئاق رەختە قىپتۇ  ئىشتىك مەينەت بۇلۇپ كىتىدۇدە، بىر ئىككى كۇندىلا كىرلىشىدىغان گەپ . خۇتەنىڭ مۇھىتى قۇرغاق، بۇران شامالدىن نىرى كىتەرمەيدۇ. ئاسماندىن يامغۇر ياغماي تۇپا ياغىدۇ. مۇشۇ ھاۋا كىلىماتقا ماشلاشتۇرۇپ مىللىي تۈستىكى مەكتەپ فورمىسى كىيسە دەيمەن.


Rank: 4

ئىسىمى
نۇرمەمەت
تىللا
595
تۆھپە
61
UID
3736
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 14:42:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىش بولۇپتۇ ،باشقا مەكتەپلەرمۇ مۇشۇنداق قىلغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى


Rank: 6Rank: 6

تىللا
532
تۆھپە
288
UID
2954
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 15:18:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەرىپ مەدەنيىتى بىلەن چاڭلىشىپ كەتكەنلەرنىڭ كۆزى بالدۇر ئىچىلىپ كەتكەن بۇلىدۇ، قۇربان چەيدۇنىڭ دىگىنىمۇ خاتا ئەمەس. باش سۇرەتڭىز  كارامەت ئىككەن،،، ئىتقا قارىتىپ قۇيۇپ كاۋاپنى ئۆزىڭىز  يەيدىغان گەپ


پوتپول ، روھ  ۋە  ئېتىقادنى  يېتىلدۈرىدىغان جەڭ مەيدانى .قايسى
مىللەتتە  پوتپول روھى ئاجىز  بولىدىكەن ئۇنىڭ مىللى ئېڭى ،ئېتىقادىمۇ  شۇنچە زەئىپ بولىدۇ دەيدىكەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-23 17:07, Processed in 0.083979 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991