ئەمەتجان يۈسۈپ
ئۇنتۇپ كەتمەك بولدۇم ئاخىرى ،
خائىن بولۇپ ئۆزۈمگە ئۆزۈم .
ئاپئاق بەتلەر ئاق پېتى قالدى ،
چىن مۇھەببەت ئوت بولۇپ ياندى ،
شۇ ئوتلاردا كۆيمەكتە سۆزۈم .
ئۇنتۇپ كەتمەك بولدۇم ئاخىرى
ئاخىرقى گۈل توزۇپ كەتكەندەك ،
سېغىنىشمۇ ئۇيقۇغا كەتتى ،
ئارمانلىرىم ھەسرەت چىكەتتى ،
خىياللىرىم پايغان ئەتكەندەك .
ئۇنتۇپ كەتمەك بولدۇم ئاخىرى ،
تىمتاسلىققا چۆكمەكتە زىمىن .
ئاخىرقى بەت ئۆرۈلدى ،ئىسىت......
سوئال سوراپ ئۇرۇلدى چىكىت ،
قايتا باشتىن ئۆرۈمەك قىيىن .
ئۇنتۇپ كەتمەك بولدۇم ئاخىرى ،
ئۆز-ئۆزۈمنى دەپنە قىلغانچە ،
يۈرىكىمدىن تۆكۈلەر قان-ياش،
ئامالىم يوق بەرمەككە بەرداش ،
خارلىسىمۇ مىنى ھەر كىچە .
ئۇنتۇپ كەتمەك بولدۇم ئاخىرى ،
ئۈمىدلىرىم ياتتى ھالسىراپ .
تەنھالىقنىڭ قۇلى بولغانچە ،
بەختىمنىمۇ ۋەيران قىلغانچە ،
چىن سۆيگۈدىن كىتەي يىراقلاپ .
2012-يىلى گۇڭجۇ