ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى (2003 – يىل 4 – ئاينىڭ 27 – كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 375 – نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان، 2010 – يىل 12 – ئاينىڭ 20 – كۈنى ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ ئىشتا يارىلىنىش نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› غا ئاساسەن تۈزىتىلدى)ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى (586 – نومۇرلۇق)
‹‹گوۋۇيۈەننىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› 2010– يىل 12 – ئاينىڭ 8 – كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 136– قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2011 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن. زۇڭلى ۋېن جياباۋ 2010 – يىل 12 – ئاينىڭ 20 – كۈنى 1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ 1 – ماددا بۇ نىزام ئىشتا ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلانغان ياكى كەسپىي كېسەل بولغان ئىشچى– خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىشى– قۇتقۇزۇلۇشى ۋە ئىقتىسادىي تولۇقلىمىغا ئېرىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىشتا يارىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كەسپىي كېسەللەرنىڭ ساقىيىشىنى تېزلىتىش، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىشتا يارىلىنىش خەۋپ – خەتىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى. 2 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇن، ئىجتىمائىي تەشكىلات، كارخانا ئەمەس پۇقراۋى ئورۇن، فوند جەمئىيىتى، ئادۋوكاتخانا، بوغالتىرخانا قاتارلىق تەشكىلات ۋە ئىشچى ياللىغان يەككە سودا – سانائەتچىلەر (تۆۋەندە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن دېيىلىدۇ) مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ، بارلىق ئىشچى – خىزمەتچىلىرى ياكى ياللانما ئىشچىلىرى (تۆۋەندە ئىشچى – خىزمەتچى دېيىلىدۇ) ئۈچۈن، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇن، ئىجتىمائىي تەشكىلات، كارخانا ئەمەس پۇقراۋى ئورۇن، فوند جەمئىيىتى، ئادۋوكاتخانا، بوغالتىرخانا قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئىشچى – خىزمەتچىلىرى ۋە يەككە سودا – سانائەتچىلەر ياللىغان ئىشچىلىرى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىدىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق. 3 – ماددا ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققىنى يىغىش – تاپشۇرۇش ‹‹ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى يىغىش – تاپشۇرۇش ۋاقىتلىق نىزامى››دىكى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ھەققىنى يىغىش – تاپشۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. 4 – ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى شۇ ئورۇندا ئېلان قىلىشى كېرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەر بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر قانۇن، نىزاملارغا رىئايە قىلىشى، بىخەتەرلىك، تازىلىق قائىدىسى ۋە ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىشى، ئىشتا يارىلىنىش ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، كەسپىي كېسەلنىڭ خەۋپىدىن ساقلىنىشى ۋە ئۇنى ئازايتىشى كېرەك. ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئىشتا يارىلانغاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تەدبىر قوللىنىپ، ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچىنى ۋاقتىدا داۋالىتىشى كېرەك. 5 – مادداگوۋۇيۈەننىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە قۇرغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات (تۆۋەندە بېجىرگۈچى ئاپپارات دېيىلىدۇ) ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنى كونكرېت بېجىرىدۇ. 6 – ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى قاتارلىق تارماقلار ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا دائىر سىياسەت ۋە ئۆلچەمنى بېكىتكەندە، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىنىڭ ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋەكىلىنىڭ پىكرىنى ئېلىشى كېرەك. 2 – باب ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندى 7 – ماددا ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تاپشۇرغان ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىنىڭ ئۆسۈمى ۋە ئىشتا يارىلىنىش فوندىغا قانۇن بويىچە كىرگۈزۈلگەن باشقا مەبلەغدىن تەركىب تاپىدۇ. 8 – ماددا ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققىنىڭ نىسبىتى كىرىمنى چىقىمغا قاراپ بېكىتىش، كىرىم بىلەن چىقىمنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ. دۆلەت ساھەلەرنىڭ پەرقلىق ھەق نىسبىتىنى ئوخشاش بولمىغان ساھەلەرنىڭ ئىشتا يارىلىنىش خەۋپ – خەتىرىگە قاراپ بېكىتىدۇ ھەمدە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققىنى ئىشلىتىش ئەھۋالى، ئىشتا يارىلىنىش نىسبىتى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ھەربىر ساھەدە ھەق نىسبىتىنىڭ بىرقانچە دەرىجىسىنى بېكىتىدۇ. ساھەلەرنىڭ پەرقلىق ھەق نىسبىتى ۋە ساھەنىڭ ئىچكى ھەق نىسبىتى دەرىجىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى بېكىتىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن، ئېلان قىلىپ يولغا قويىدۇ. غەملىگۈچى رايوندىكى بېجىرگۈچى ئاپپارات ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققىنى ئىشلىتىش ئەھۋالى، ئىشتا يارىلىنىش نىسبىتى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن، قارىمىقىدىكى ساھەلەرگە ماس كېلىدىغان ھەق نىسبىتى دەرىجىسىدىن پايدىلىنىپ، ئورۇن تاپشۇرىدىغان ھەق نىسبىتىنى بېكىتىدۇ. 9 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتتىكى غەملىگۈچى رايونلارنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىنىڭ كىرىم – چىقىم ئەھۋالىنى قەرەللىك ئىگىلەپ، ساھەلەرنىڭ پەرقلىق ھەق نىسبىتى ۋە ساھەلەرنىڭ ئىچكى ھەق نىسبىتى دەرىجىسىنى تەڭشەش لايىھەسىنى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن، ئېلان قىلىپ يولغا قويۇشى كېرەك. 10 – ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇشى كېرەك. ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرمايدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تاپشۇرغان ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا سوممىسى شۇ ئورۇندىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر مائاش ئومۇمىي سوممىسى بىلەن ئورۇن تاپشۇرىدىغان ھەق نىسبىتىنىڭ كۆپەيتمىسىگە باراۋەر بولىدۇ. مائاش ئومۇمىي سوممىسىغا ئاساسەن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشى تەس بولغان ساھەلەرنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇش كونكرېت ئۇسۇلىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەيدۇ. 11 – ماددا ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندى ئۆلكە بويىچە پەيدىنپەي غەملىنىدۇ. رايون ھالقىغان، ئىشلەپچىقىرىشى تۇراقسىزراق ساھەلەر باشقا غەملىگۈچى رايوننىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا مەركەزلىكرەك قاتناشسا بولىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى ئالاقىدار ساھەنىڭ مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ.
12 – ماددا ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندى ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنىڭ مالىيە مەخسۇس ئىسچوتىغا قويۇلۇپ، مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتى، ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش، ئىشتا يارىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە تەشۋىق قىلىش، تەربىيەلەش قاتارلىق خىراجەتلەر شۇنىڭدەك قانۇن، نىزاملاردا ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا ئىشلىتىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا خىراجەتلەر ئۈچۈن چىقىم قىلىنىدۇ. ئىشتا يارىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىراجىتىنى ئېلىش نىسبىتى، ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ. ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىنى ئىشلىتىپ تىجارەت قىلىشىغا، ئىشخانا سېلىشىغا ياكى ئۆزگەرتىشىگە، مۇكاپات پۇلى بېرىشىگە ياكى باشقا ئىش قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 13 – ماددا ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن مەلۇم نىسبەتتە زاپاس قالدۇرۇپ، غەملىگۈچى رايوندا يۈز بەرگەن زور ھادىسىدە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتى ئۈچۈن چىقىم قىلىش كېرەك؛ زاپاس پۇل چىقىم قىلىشقا يەتمىسە، غەملىگۈچى رايوندىكى خەلق ھۆكۈمىتى بېرىپ تۇرىدۇ. زاپاس پۇلنىڭ ئومۇمىي فوندتا ئىگىلەيدىغان كونكرېت نىسبىتى ۋە زاپاس پۇلنى ئىشلىتىش چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەيدۇ. 3 – باب ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش 14 – ماددا ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىنى ئىشتا يارىلاندى دەپ بېكىتىش كېرەك: (1) ئىش ۋاقتىدا ۋە ئىش سورۇنىدا ئىش سەۋەبىدىن ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلانغانلار؛
(2) ئىش ۋاقتىنىڭ ئالدى – كەينىدە ئىش سورۇنىدا ئىشقا تەييارلىنىش ياكى ئىشنى يىغىشتۇرۇش جەريانىدا ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلانغانلار؛ (3) ئىش ۋاقتى ۋە ئىش سورۇنىدا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىۋېتىپ زوراۋانلىق قاتارلىق تاسادىپىي ۋەقەگە ئۇچراپ يارىلانغانلار؛ (4) كەسپىي كېسەل بولغانلار؛ (5) ئىش بىلەن سىرتقا چىققاندا، ئىش سەۋەبىدىن يارىلانغانلار ياكى ھادىسىسىگە ئۇچراپ ئىز – دېرىكى بولمىغانلار؛ (6) ئىشقا كېلىش – كېتىشتە ئۆزى ئاساسلىق جاۋابكار بولمىغان قاتناش ھادىسىسى ياكى شەھەردىكى رېلىسلىق قاتناش، يولۇچىلار كېمە – پاراخوتى، پويىزدا ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلانغانلار؛ (7) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئىشتا يارىلاندى دەپ بېكىتىش بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار. 15 – ماددا ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولغانلىرى ئىشتا يارىلاندى دەپ قارىلىدۇ: (1) ئىش ۋاقتى ۋە ئىش ئورنىدا تۇيۇقسىز كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن ياكى 48 سائەت ئىچىدە جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەنلەر؛ (2) خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق دۆلەت مەنپەئىتى، جامائەت مەنپەئىتىنى قوغداشتا يارىلانغانلار؛ (3) ئىشچى – خىزمەتچى ئىلگىرى قىسىمدا مەجبۇرىيەت ئۆتەپ، جەڭدە ۋە ھۆكۈمەت ئىشىدا مېيىپ بولۇپ، ئىنقىلابىي مەجرۇھ ھەربىيلەر كىنىشكىسى ئالغان، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا بارغاندىن كېيىن، كېسىلى قوزغالغانلار. ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن ئالدىنقى تارماقنىڭ (1)، (2) تارماقچىلىرىدىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلىرى مۇشۇ نىزامدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن ئالدىنقى تارماقنىڭ (3) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال بولغانلىرى مۇشۇ نىزامدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە، بىر يولىلا بېرىلىدىغان مېيىپلىك ياردەم پۇلىدىن باشقا ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. 16 – ماددا ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن مۇشۇ نىزامنىڭ 14–، 15 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلسىمۇ، تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلىرىنى ئىشتا يارىلاندى دەپ بېكىتىشكە ياكى ئىشتا يارىلاندى دەپ قاراشقا بولمايدۇ: (1) قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر؛ (2) ھاراق ئىچىپ مەست بولغانلار ياكى زەھەر چەككەنلەر؛ (3) ئۆزىنى مېيىپ قىلىۋالغانلار ياكى ئۆلۈۋالغانلار. 17 – ماددا ئىشچى – خىزمەتچىلەر ھادىسىدە يارىلانغان ياكى كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، كەسپىي كېسەل دەپ دىياگنوز قويۇلغان ۋە باھالانغان بولسا، ئىشلەيدىغان ئورنى يارىلىنىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن كۈندىن باشلاپ ياكى كەسپىي كېسەل دەپ دىياگنوز قويۇلغان، باھالانغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، غەملىگۈچى رايوندىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقىغا ئىشتا يارىلانغانلىقىنى بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈلگەندە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن ئىلتىماس قىلىش ۋاقىت چېكىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىشقا بولىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشتا يارىلانغانلىقىنى بېكىتىش ئىلتىماسىنى سۇنۇشتا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغان بولسا، ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچى ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى يارىلىنىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن كۈندىن باشلاپ ياكى كەسپىي كېسەل دەپ دىياگنوز قويۇلغان، باھالانغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۇرۇشلۇق جايدىكى غەملىگۈچى رايوننىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقىغا ئىشتا يارىلانغانلىقىنى بېكىتىپ بېرىشنى بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. مۇشۇ ماددىنىڭ 1 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىشتا يارىلانغانلىقىنى ئۆلكە دەرىجىلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى بېكىتىدىغان ئىشلارنى تەۋەلىك پىرىنسىپى بويىچە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۇرۇشلۇق جايدىكى رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى بېجىرىدۇ.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىش ئىلتىماسىنى مۇشۇ ماددىنىڭ 1 – تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ۋاقىت چېكىدە سۇنمىغان بولسا، مۇشۇ مەزگىلدە پەيدا بولغان مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە چۈشىدىغان ئىشتا يارىلىنىش تەمىناتى قاتارلىق ئالاقىدار خىراجەتنى ئادەم ئىشلەتكۈچى شۇ ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ. 18 – ماددا ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش كېرەك: (1) ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى؛
(2) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن بولغان ئەمگەك مۇناسىۋىتى (جۈملىدىن ۋاقىئىي ئەمگەك مۇناسىۋىتى) بارلىقىغا دائىر ئىسپات ماتېرىيالى؛ (3) داۋالاش – دىياگنوز ئىسپاتى ياكى كەسپىي كېسەل دىياگنوز ئىسپاتنامىسى (ياكى كەسپىي كېسەل دىياگنوز باھانامىسى).
ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلىدە ھادىسىنىڭ يۈز بەرگەن ۋاقتى، ئورنى، سەۋەبى ۋە ئىشچى – خىزمەتچىنىڭ يارىلىنىش دەرىجىسى قاتارلىق ئاساسىي ئەھۋاللار بولۇشى كېرەك. ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى بەرگەن ماتېرىيال تولۇق بولمىسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا تولۇقلايدىغان بارلىق ماتېرىيالنى تولۇقلاش ھەققىدە بىر قېتىملا يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ئىلتىماس قىلغۇچى تولۇقلايدىغان ماتېرىياللارنى يازما ئۇقتۇرۇشتىكى تەلەپ بويىچە تولۇقلىغاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى قوبۇل قىلىشى كېرەك. 19 – ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، تەكشۈرۈش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ھادىسىدە يارىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ دەلىللىسە بولىدۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن، ئىشچى – خىزمەتچىلەر، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى، داۋالاش ئاپپاراتى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ھەمكارلىشىشى كېرەك. كەسپىي كېسەلگە دىياگنوز قويۇش ۋە دىياگنوز تالاش – تارتىشىنى باھالاش كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. قانۇن بويىچە كەسپىي كېسەل دىياگنوز ئىسپاتى ياكى كەسپىي كېسەل دىياگنوز باھانامىسى بولسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى قايتا تەكشۈرمەيدۇ. ئىشچى – خىزمەتچى ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقىنى ئىشتا يارىلانغان دەپ قارىسىمۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشتا يارىلانمىغان دەپ قارىسا، دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ. 20 – ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە، ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش قارارى چىقىرىشى ھەمدە ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىشچى – خىزمەتچىگە ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقىنىغا ۋە شۇ ئىشچى – خىزمەتچىنىڭ ئىشلەيدىغان ئورنىغا يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى قوبۇل قىلغان ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىش ئىلتىماسلىرىدىن پاكىتى، ھوقۇق – مەجبۇرىيىتى ئېنىق بولغانلىرى ھەققىدە 15 كۈن ئىچىدە ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش قارارى چىقىرىشى كېرەك. ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش قارارى چىقىرىشتا، قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگان ياكى ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقنىڭ يەكۈنىنى ئاساس قىلىشقا توغرا كەلسە، قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگان ياكى ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماق يەكۈن چىقارمىغان مەزگىلدە، ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش قارارى چىقىرىش سۈرۈكى توختىتىپ تۇرۇلىدۇ. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقىنىڭ خادىملىرىدىن ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلىرى چەتلەپ تۇرۇشى كېرەك.
4 – باب ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش 21 – ماددا ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن ئىشتا يارىلىنىپ، داۋالىنىش ئارقىلىق ياخشىلانغان بولسىمۇ مېيىپ بولۇپ قالغان، ئەمگەك ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكەنلىرىنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كېرەك. 22 – ماددا ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش ئەمگەك ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىق دەرىجىسى ۋە تۇرمۇشتا ھاجىتىدىن چىقالماسلىق دەرىجىسىنى باھالاشنى كۆرسىتىدۇ. ئەمگەك ئىقتىدارى ئاجىزلىقى مېيىپلىكىگە قاراپ ئون دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ. ئەڭ ئېغىرى 1 – دەرىجىلىك، ئەڭ يېنىكى 10 – دەرىجىلىك بولىدۇ. تۇرمۇشتا ھاجىتىدىن چىقالماسلىق تۇرمۇشتا ھاجىتىدىن پۈتۈنلەي چىقالماسلىق، ئاساسەن چىقالماسلىق ۋە قىسمەن چىقالماسلىق دەپ ئۈچ دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ. ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ. 23 – ماددا ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاشتا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن، ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچى ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقىنى رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتىغا ئىلتىماس قىلىدۇ ھەمدە ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش قارارى ۋە ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچىنىڭ داۋالانغانلىقىغا ئائىت ماتېرىياللارنى بېرىدۇ. 24 – ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتى ۋە رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ۋە رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى، بېجىرگۈچى ئاپپاراتنىڭ ۋەكىلى ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ۋەكىلىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتى داۋالاش – ساقلىق ساقلاش مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرى قۇرىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىنىڭ داۋالاش – ساقلىق ساقلاش كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى تۆۋەندىكى شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك: (1) داۋالاش – ساقلىق ساقلاش بويىچە يۇقىرى كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسى ئۆتەش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇش؛ (2) ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاشقا ئالاقىدار بىلىملەرنى ئىگىلىگەن بولۇش؛
(3) كەسىپ ئەخلاق – پەزىلىتى ياخشى بولۇش.
25 – ماددا رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتى ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۆزى قۇرغان داۋالاش – ساقلىق ساقلاش مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىستىن ئۈچتىن بەشكىچە ئىختىيارىي تاللاپ، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللىشى، باھالاش پىكرىنى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باھالاش پىكرىگە ئاساسەن، ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچىنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش يەكۈنى چىقىرىدۇ؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، سالاھىيەت ھازىرلىغان داۋالاش ئاپپاراتىغا دىياگنوز قويۇشقا ھەمكارلىشىشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتى ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە، ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش يەكۈنى چىقىرىشى كېرەك. زۆرۈر تېپىلغاندا، ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش يەكۈنىنى چىقىرىش مۆھلىتىنى 30 كۈن ئۇزارتىشقا بولىدۇ. ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش يەكۈنىنى ئىلتىماس قىلغان ئورۇن ۋە شەخسكە ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىش كېرەك. 26 – ماددا باھالىتىشنى ئىلتىماس قىلغان ئورۇن ياكى شەخسلەردىن رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ باھالاش يەكۈنىگە قايىل بولمىغانلىرى شۇ باھالاش يەكۈنىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتىغا يەنە بىر قېتىم باھالاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش يەكۈنى ئاخىرقى يەكۈن بولىدۇ. 27 – ماددا ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش خىزمىتىنى ئوبيېكتىپ، ئادىل ئىشلەش كېرەك، ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر ياكى باھالاشقا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەردىن ئالاقىدارلار بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلىرى چەتلەپ تۇرۇشى كېرەك. 28 – ماددا ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش يەكۈنى چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ بىر يىلدىن كېيىن، ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچى ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقىنى، ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى بېجىرگۈچى ئاپپارات مېيىپلىك ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولدى دەپ قارىسا، ئەمگەك ئىقتىدارىنى قايتا باھالاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 29 – ماددا ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ مۇشۇ نىزامنىڭ 26 – ماددىسى ۋە 28 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، يەنە بىر قېتىم باھالاش ۋە قايتا باھالاش مۆھلىتىدە، مۇشۇ نىزامنىڭ 25 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىدۇ. 5 – باب ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتى 30 – ماددا ئىشچى – خىزمەتچى ئىشتا ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلىنىپ ياكى كەسپىي كېسەل بولۇپ داۋالانسا، ئىشتا يارىلىنىش بويىچە داۋالىنىش تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچى داۋالىنىشتا مۇلازىمەت كېلىشىمى ئىمزالىغان داۋالاش ئاپپاراتىدا داۋالىنىشى كېرەك، جىددىي ئەھۋالدا يېقىن جايدىكى داۋالاش ئاپپاراتىدا داۋالانسىمۇ بولىدۇ. 33 – ماددا ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن ئىشتا ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلىنىپ ياكى كەسپىي كېسەل بولۇپ ئىشتىن ۋاقتىنچە توختاپ داۋالىنىدىغانلىرىنىڭ ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مەزگىلىدىكى ئەسلىي مائاش – پاراۋانلىق تەمىناتى ئۆزگەرمەيدۇ، ئۇنى ئىشلەيدىغان ئورنى ئايمۇ ئاي بېرىدۇ. ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ئادەتتە 12 ئايدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. يارىسى ئېغىر ياكى ئەھۋالى ئالاھىدە بولسا، رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى بىلەن مۇۋاپىق ئۇزارتىشقا بولىدۇ، لېكىن ئۇزاق بولغاندىمۇ 12 ئايدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچىنىڭ مېيىپلىك دەرىجىسى بېكىتىلگەندىن كېيىن، ئەسلىي تەمىناتى توختىتىلىپ، مۇشۇ بابتىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە، مېيىپلىك تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىنمۇ داۋالىنىدىغانلىرى ئىشتا يارىلىنىش بويىچە داۋالىنىش تەمىناتىدىن داۋاملىق بەھرىمەن بولىدۇ. ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن تۇرمۇشتا ھاجىتىدىن چىقالمىغانلىقتىن ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىۋاتقان مەزگىلدە ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا توغرا كېلىدىغانلىرىغا ئىشلەيدىغان ئورنى مەسئۇل بولىدۇ.
34 – ماددا ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن مېيىپلىك دەرىجىسى بېكىتىلگەن ھەمدە ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتى ھالىدىن خەۋەر ئېلىش كېرەكلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىرىگە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ھەققى ئايمۇ ئاي بېرىلىدۇ. ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ھەققى تۇرمۇشتا ھاجىتىدىن پۈتۈنلەي چىقالماسلىق، ئاساسەن چىقالماسلىق ياكى قىسمەن چىقالماسلىق دېگەن ئۈچ دەرىجە بويىچە بېرىلىدۇ، ئۆلچىمى غەملىگۈچى رايوندىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ %50ى، %40ى ياكى %30ى بويىچە بولىدۇ. 35 – ماددا ئىشتا مېيىپ بولغان ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن 1 – دەرىجىلىكتىن 4 – دەرىجىلىككىچە مېيىپ، دەپ باھالانغانلىرى ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالىدۇ، ئىش ئورنىدىن چېكىنىدۇ ۋە تۆۋەندىكى تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ: (1) مېيىپلىك ياردەم پۇلى مېيىپلىك دەرىجىسىگە قاراپ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن بىر يولىلا بېرىلىدۇ. ئۆلچىمى مۇنداق: 1 – دەرىجىلىك مېيىپكە شۇ كىشىنىڭ 27 ئايلىق مائاشى، 2 – دەرىجىلىك مېيىپكە شۇ كىشىنىڭ 25 ئايلىق مائاشى، 3 – دەرىجىلىك مېيىپكە شۇ كىشىنىڭ 23 ئايلىق مائاشى، 4 – دەرىجىلىك مېيىپكە شۇ كىشىنىڭ 21 ئايلىق مائاشى بېرىلىدۇ؛ (2) مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن ئايمۇ ئاي بېرىلىدۇ. ئۆلچىمى مۇنداق: 1 – دەرىجىلىك مېيىپكە مائاشىنىڭ %90ى، 2 – دەرىجىلىك مېيىپكە مائاشىنىڭ %85ى، 3 – دەرىجىلىك مېيىپكە مائاشىنىڭ %80 ى، 4 – دەرىجىلىك مېيىپكە مائاشىنىڭ %75ى بېرىلىدۇ. مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلىنىڭ ئەمەلىي سوممىسى شۇ جايدىكى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولسا، كەم قىسمى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن تولۇقلاپ بېرىلىدۇ. (3) ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچى پېنسىيە يېشىغا توشقان ھەمدە پېنسىيە رەسمىيىتىنى ئۆتىگەن بولسا، مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى توختىتىلىپ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا تەمىناتى مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلىدىن تۆۋەن بولسا، كەم قىسمى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن تولۇقلاپ بېرىلىدۇ.
ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئىشتا مېيىپ بولۇپ 1 – دەرىجىلىكتىن 4 – دەرىجىلىككىچە مېيىپ، دەپ باھالانغان بولسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شۇ ئىشچى – خىزمەتچى مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلىنىڭ ئاساس سانى بويىچە، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرىدۇ. 36 – ماددا ئىشتا مېيىپ بولغان ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن 5–، 6 – دەرىجىلىك مېيىپ، دەپ باھالانغانلىرى تۆۋەندىكى تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ: (1) مېيىپلىك ياردەم پۇلى مېيىپلىك دەرىجىسىگە قاراپ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن بىر يولىلا بېرىلىدۇ، ئۆلچىمى مۇنداق:5 – دەرىجىلىك مېيىپكە 18 ئايلىق مائاشى، 6 – دەرىجىلىك مېيىپكە 16 ئايلىق مائاشى بېرىلىدۇ؛
(2) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالغانلارنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن مۇۋاپىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئورۇنلاشتۇرۇش قىيىن بولغانلارغا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلىنى ئايمۇ ئاي بېرىدۇ، ئۆلچىمى مۇنداق: 5 – دەرىجىلىك مېيىپكە مائاشىنىڭ %70ى، 6 – دەرىجىلىك مېيىپكە مائاشىنىڭ %60ى بېرىلىدۇ ھەمدە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بەلگىلىمە بويىچە ئۇلار ئۈچۈن تاپشۇرىدىغان تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرىدۇ. مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلىنىڭ ئەمەلىي سوممىسى شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولسا، كەم قىسمىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تولۇقلاپ بېرىدۇ. ئىشتا مېيىپ بولغان ئىشچى – خىزمەتچىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن شۇ ئىشچى – خىزمەتچى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن بولغان ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلسا ياكى ئاخىرلاشتۇرسا بولىدۇ، ئىشتا يارىلىنىش بويىچە داۋالىنىش ياردەم پۇلى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن بىر يولىلا بېرىلىدۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلىنى بىر يولىلا بېرىدۇ. بىر يولىلا بېرىلىدىغان ئىشتا يارىلانغانلار داۋالىنىش ياردەم پۇلى ۋە مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلىنىڭ كونكرېت ئۆلچىمىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بېكىتىدۇ. 37 – ماددا ئىشتا مېيىپ بولغان ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن 7 – دەرىجىلىكتىن 10 – دەرىجىلىككىچە مېيىپ، دەپ باھالانغانلىرى تۆۋەندىكى تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ: (1) مېيىپلىك ياردەم پۇلى مېيىپلىك دەرىجىسىگە قاراپ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن بىر يولىلا بېرىلىدۇ، ئۆلچىمى مۇنداق: 7 – دەرىجىلىك مېيىپكە 13 ئايلىق مائاشى، 8 – دەرىجىلىك مېيىپكە 11 ئايلىق مائاشى، 9 – دەرىجىلىك مېيىپكە توققۇز ئايلىق مائاشى، 10 – دەرىجىلىك مېيىپكە يەتتە ئايلىق مائاشى بېرىلىدۇ؛ (2) ئەمگەك توختامى، تەكلىپلىك ئىشلىتىش توختامىنىڭ مۇددىتى توشسا ياكى ئىشچى – خىزمەتچى ئەمگەك توختامى، تەكلىپلىك ئىشلىتىش توختامىنى بىكار قىلىشنى ئۆزى ئوتتۇرىغا قويسا، ئىشتا يارىلانغانلارنىڭ داۋالىنىش ياردەم پۇلى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىدىن بىر يولىلا بېرىلىدۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلىنى بىر يولىلا بېرىدۇ. ئىشتا يارىلانغانلارغا بىر يولىلا بېرىلىدىغان داۋالىنىش ياردەم پۇلىنى ۋە مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلىنىڭ كونكرېت ئۆلچىمىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بېكىتىدۇ. 38 – ماددا ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن كېسىلى قايتا قوزغىلىپ داۋالاشقا تېگىشلىك، دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەنلىرى مۇشۇ نىزامنىڭ 30 –، 32 –، 33 – ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن ئىشتا يارىلىنىش تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. 39 – ماددا ئىشچى – خىزمەتچى ئىشتا ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن دەپنە ياردەم پۇلى، تۇغقانلىرىنى بېقىش نەپىقە پۇلى ئالىدۇ ۋە ئىشتا ئۆلۈش ياردەم پۇلىنى بىر يولىلا ئالىدۇ: (1) دەپنە ياردەم پۇلى غەملىگۈچى رايوندىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىنقى يىلىدىكى ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ ئالتە ئايلىقى بويىچە بېرىلىدۇ؛ (2) تۇغقانلىرىنى بېقىش نەپىقە پۇلى شۇ ئىشچى – خىزمەتچىنىڭ مائاشىنىڭ مەلۇم نىسبىتى بويىچە، ئىشتا ئۆلۈپ كەتكەن ئىشچى – خىزمەتچى ھايات ۋاقتىدا ئاساسلىق باققان، ئەمگەك ئىقتىدارى بولمىغان تۇغقانلىرىغا بېرىلىدۇ. ئۆلچىمى مۇنداق: جورىسىغا ھەر ئايدا 40 يۈەن، باشقا تۇغقانلىرىغا ھەر ئايدا 30 يۈەن بېرىلىدۇ، ياشانغان ئىگە – چاقىسىزلار ياكى يېتىم بالىلارنىڭ ھەر بىرىگە ھەر ئايدا يۇقىرىقى ئۆلچەم ئاساسىدا 10 يۈەن قوشۇپ بېرىلىدۇ. بېقىش بېكىتىلگەن تۇغقانلىرىنىڭ نەپىقە پۇلى يىغىندىسى ئىشتا ئۆلگەن ئىشچى – خىزمەتچىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى مائاشىدىن يۇقىرى بولمايدۇ. بېقىلىدىغان تۇغقانلىرىنىڭ كونكرېت دائىرىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى بېكىتىدۇ؛ (3) بىر يولىلا بېرىلىدىغان ئىشتا ئۆلۈش ياردەم پۇلىنىڭ ئۆلچىمى مەملىكەت بويىچە شەھەر – بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئالدىنقى يىللىق كىرىمىنىڭ 20 ھەسسىسى بويىچە بولىدۇ. مېيىپ ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىۋاتقان مەزگىلدە ئىشتا يارىلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەنلىرىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى مۇشۇ ماددىنىڭ 1 – تارمىقىدا بەلگىلەنگەن تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ. 1 – دەرىجىلىكتىن 4 – دەرىجىلىككىچە مېيىپ بولغان ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەنلىرىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى مۇشۇ ماددىنىڭ 1 – تارمىقىنىڭ (1)، (2) تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن تەمىناتتىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ. 40 – ماددا مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى، تۇغقانلىرىنى بېقىش نەپىقە پۇلى، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ھەققىنى غەملىگۈچى رايوندىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى ۋە تۇرمۇش خىراجىتىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋاللىرىغا قاراپ مۇۋاپىق تەڭشەيدۇ. تەڭشەش چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بېكىتىدۇ. 41 – ماددا ئىشچى – خىزمەتچى ئىش بىلەن سىرتقا چىققاندا ھادىسىگە ئۇچرىسا ياكى خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش داۋامىدا ئىز – دېرىكى چىقمىسا، ھادىسە يۈز بەرگەن ئايدىن باشلاپ ئۈچ ئايغىچە مائاش بېرىلىۋېرىدۇ، 4 – ئېيىدىن باشلاپ مائاشى توختىتىلىدۇ، ئۇلارنىڭ باقىدىغان تۇغقانلىرىغا ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن تۇغقانلىرىنى بېقىش نەپىقە پۇلى ئايمۇ ئاي بېرىلىدۇ. تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بارلىرىغا ئىشتا ئۆلۈش ياردەم پۇلىنىڭ %50ى بىر يولىلا بېرىپ تۇرۇلسا بولىدۇ. ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۆلدى، دەپ جاكارلانغانلىرى مۇشۇ نىزامنىڭ 39 – ماددىسىدىكى ئىشتا ئۆلۈپ كەتكەن ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە دائىر بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. 42 – ماددا ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتى توختىتىلىدۇ: (1) تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇش شەرتىدىن مەھرۇم قالغانلار؛ (2) ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاشنى رەت قىلغانلار؛
(3) داۋالىنىشنى رەت قىلغانلار. 43 – ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئايرىۋېتىلگەن، قوشۇۋېتىلگەن، ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن بولسا، ۋارىس ئورۇن ئەسلىي ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ ئەسلىي ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان بولسا، ۋارىس ئورۇن شۇ جايدىكى بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا بېرىپ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تىزىمىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ھۆددىگەرلىكنى يولغا قويغانلىرىنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىنى ئىشچى – خىزمەتچى بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى بار ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ. ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىلگەن مەزگىلدە ئىشتا يارىلىنىش ھادىسىسىگە ئۇچراپ يارىلانغانلىرىنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىنى ئەسلىي ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ، لېكىن ئەسلىي ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئارىيەت ئېلىپ ئىشلەتكۈچى ئورۇن تولۇقلىما بېرىش چارىسىنى پۈتۈشسە بولىدۇ. ۋەيران بولغان كارخانىلارنىڭ ۋەيرانلىق ھېساباتىنى ئېنىقلىغاندا، ئورۇن بېرىدىغان ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتى قانۇن بويىچە ئاۋۋال ئاجرىتىپ بېرىلىدۇ. 44 – ماددا چېگرا سىرتىدا ئىشلەشكە ئەۋەتىلگەن ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن بارغان دۆلەت ياكى رايوننىڭ قانۇنى بويىچە شۇ جايدا ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىدىغانلىرى شۇ جايدا ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان بولسا، ئۇلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا مۇناسىۋىتى توختىتىلىدۇ؛ شۇ جايدا ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشالمايدىغانلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا مۇناسىۋىتى توختىتىلمايدۇ. 45 – ماددا ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن ئىشتا قايتا يارىلىنىپ بەلگىلىمە بويىچە مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىرى يېڭى بېكىتىلگەن مېيىپلىك دەرىجىسى بويىچە مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. 6 – باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش 46 – ماددا بېجىرگۈچى ئاپپارات ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنى كونكرېت بېجىرىشتە تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىدۇ:
(1) ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققى يىغىش؛ (2) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ مائاش ئومۇمىي سوممىسى ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ سانىنى ئېنىقلاپ، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنى تىزىملاش ھەمدە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ھەق تاپشۇرۇش ئەھۋالى ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئەھۋالى خاتىرىسىنى ساقلاش؛ (3) ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنى تەكشۈرۈش، ئىستاتىستىكا قىلىش؛ (4) ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندى چىقىمىنى بەلگىلىمە بويىچە باشقۇرۇش؛ (5) ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتىش؛ (6) ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچى ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىغا ھەقسىز مەسلىھەت بېرىش. 47 – ماددا بېجىرگۈچى ئاپپارات داۋالاش ئاپپاراتى ۋە قوشۇمچە سايمان بەرگۈچى ئاپپارات بىلەن باراۋەر كېڭىشىش ئاساسىدا مۇلازىمەت كېلىشىمى تۈزىدۇ ھەمدە مۇلازىمەت كېلىشىمى تۈزگەن داۋالاش ئاپپاراتى ۋە قوشۇمچە سايمان بەرگۈچى ئاپپاراتنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، خەلق ئىشلىرى تارمىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ. 48 – ماددا بېجىرگۈچى ئاپپارات كېلىشىمگە ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مۇندەرىجىسى ۋە ئۆلچىمىگە ئاساسەن، ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىراجىتى، قوشۇمچە سايمان خىراجىتى، قوشۇمچە سايمان خىراجىتىنى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى ئېنىقلايدۇ ھەمدە خىراجەتنى ۋاقتىدا تولۇق راسچوت قىلىدۇ. 49 – ماددا بېجىرگۈچى ئاپپارات ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىنىڭ كىرىم – چىقىم ئەھۋالىنى قەرەللىكئېلان قىلىشى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقىغا ھەق نىسبىتىنى تەڭشەش ھەققىدە ۋاقتىدا تەكلىپ بېرىشى كېرەك.
50 – ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى ۋە بېجىرگۈچى ئاپپارات ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچى، داۋالاش ئاپپاراتى، قوشۇمچە سايمان بەرگۈچى ئاپپارات ۋە جەمئىيەتتىكى ساھەلەرنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا خىزمىتىنى ياخشىلاش پىكىرلىرىنى قەرەللىك ئاڭلىشى كېرەك.
51 – ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققى يىغىش ئەھۋالى ۋە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىنىڭ چىقىم قىلىنىش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ. مالىيە تارمىقى ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىنىڭ كىرىم – چىقىم ئەھۋالى ۋە باشقۇرۇلۇش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىدۇ.
52 – ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى پاش قىلىنغان قىلمىشنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈشى، بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە پاش قىلغۇچىنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلىشى لازىم.
53 – ماددا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى خىزمىتىنى نازارەت قىلىدۇ. 54 – ماددا ئىشچى – خىزمەتچى بىلەن ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئوتتۇرىسىدا ئىشتا يارىلىنىش تەمىناتى جەھەتتە يۈز بەرگەن تالاش – تارتىش ئەمگەك تالاش – تارتىشىنى بىر تەرەپ قىلىشقا دائىر بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. 55 – ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەر مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ: (1) ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىشچى – خىزمەتچى ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ۋە شۇ ئىشچى – خىزمەتچى ئىشلەيدىغان ئورۇن ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلماسلىق قارارىغا قايىل بولمىسا؛ (2) ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىشچى – خىزمەتچى ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ۋە شۇ ئىشچى – خىزمەتچى ئىشلەيدىغان ئورۇن ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش يەكۈنىگە قايىل بولمىسا؛ (3) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بېجىرگۈچى ئاپپارات بېكىتكەن ئورۇن تاپشۇرىدىغان ھەق نىسبىتىگە قايىل بولمىسا؛ (4) مۇلازىمەت كېلىشىمى تۈزگەن داۋالاش ئاپپاراتى ۋە قوشۇمچە سايمان بەرگۈچى ئاپپارات بېجىرگۈچى ئاپپاراتنى ئالاقىدار كېلىشىم ياكى بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلمىدى، دەپ قارىسا؛ (5) بېجىرگۈچى ئاپپارات بېكىتكەن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىغا ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچى ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ باشقىچە پىكرى بولسا. 7 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى 56 – ماددا ئورۇنلار ياكى شەخسلەردىن مۇشۇ نىزامنىڭ 12 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىنى ئىشلىتىۋېلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە ياكى ئىنتىزام چارىسى كۆرۈلىدۇ. ئىشلىتىۋالغان فوندىنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى قايتۇرۇۋېلىپ، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىغا كىرگۈزىدۇ؛ مۇسادىرە قىلىنغان قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قانۇن بويىچە خەزىنىگە تاپشۇرۇلىدۇ. 57 – ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقىنىڭ خادىملىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ: (1) ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىش ئىلتىماسىنى يوللۇق سەۋەبى يوق تۇرۇپ قوبۇل قىلمىغانلار ياكى ئىشتا يارىلىنىش شەرتىگە توشمايدىغانلارنى ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچى، دەپ ساختىپەزلىك بىلەن بېكىتكەنلەر؛ (2) ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىش ئىلتىماسىغا ئائىت دەلىل – ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ياخشى ساقلىماي، مۇناسىۋەتلىك دەلىل – ئىسپاتلارنى يوقىتىۋەتكەنلەر؛
(3) ئالاقىدارلاردىن پۇل – مال ئالغانلار.
58 – ماددا بېجىرگۈچى ئاپپاراتلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ياكى باشقا جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە ئىنتىزام چارىسى كۆرىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ ئالاقىدارلار ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىسا، بېجىرگۈچى ئاپپارات قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ: (1) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ھەق تاپشۇرۇش ئەھۋالى ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئەھۋالى خاتىرىسىنى ساقلاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛ (2) ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىنى بېكىتىشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛ (3) ئالاقىدارلاردىن پۇل – مال ئالغانلار. 59 – ماددا داۋالاش ئاپپاراتى، قوشۇمچە سايمان بەرگۈچى ئاپپارات مۇلازىمەت كېلىشىمى بويىچە مۇلازىمەت قىلمىسا، بېجىرگۈچى ئاپپارات مۇلازىمەت كېلىشىمىنى بىكار قىلىۋەتسە بولىدۇ. بېجىرگۈچى ئاپپارات خىراجەتنى ۋاقتىدا، تولۇق راسچوت قىلمىسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ داۋالاش ئاپپاراتى ۋە قوشۇمچە سايمان بەرگۈچى ئاپپارات مۇلازىمەت كېلىشىمىنى بىكار قىلىۋەتسە بولىدۇ. 60 – ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار، ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچىلەر ياكى ئۇلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىدىن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلىرى، داۋالاش ئاپپاراتى، قوشۇمچە سايمان بەرگۈچى ئاپپاراتلىرىدىن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن ئالداپ چىقىم قىلدۇرغانلىرىنى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە ئالداپ ئېلىۋالغان پۇل سوممىسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 61 – ماددا ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش تەشكىلاتلىرى ياكى شەخسلەردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ: (1) ساختا باھالاش پىكرى بەرگەنلەر؛ (2) ساختا دىياگنوز ئىسپاتى بەرگەنلەر؛ (3) ئالاقىدارلاردىن پۇل – مال ئالغانلار. 62 – ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ قاتناشمىغانلىرىنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە قاتنىشىشقا بۇيرۇيدۇ، تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا پۇلىنى تولۇقلاپ تاپشۇرغۇزىدۇ ھەمدە كەم تاپشۇرغان كۈندىن باشلاپ كۈنىگە %.005 0 بويىچە كېچىكتۈرگەنلىك پۇلى ئالىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تاپشۇرمىغانلىرىغا كەم تاپشۇرغان سوممىسىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ قاتناشمىغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىشچى – خىزمەتچىلىرىدىن ئىشتا يارىلانغانلىرىغا ئادەم ئىشلەتكۈچى شۇ ئورۇن مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتى تۈرى ۋە ئۆلچىمى بويىچە ھەق بېرىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ھەمدە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك سۇغۇرتا پۇلى، كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندى ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە يېڭىدىن شەكىللەنگەن خىراجەتنى چىقىرىدۇ. 63 – ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ نىزامنىڭ 19 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ھادىسىنى تەكشۈرۈپ دەلىللىشىشىگە ھەمكارلاشمىغانلىرىنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. 8 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ 64 – ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان مائاش ئومۇمىي سوممىسى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن شۇ ئورۇندىكى بارلىق ئىشچى – خىزمەتچىگە بىۋاسىتە بېرىدىغان ئەمگەك ھەققى ئومۇمىي سوممىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ نىزامدا ئېيتىلغان شۇ كىشىنىڭ مائاشى ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچىنىڭ ئىشتا ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلىنىش ياكى كەسپىي كېسەل بولۇشتىن ئىلگىرىكى 12 ئايدا ئېيىغا ھەق تاپشۇرىدىغان ئوتتۇرىچە مائاشىنى كۆرسىتىدۇ، شۇ كىشىنىڭ مائاشى غەملىگۈچى رايوندىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ %300ىدىن يۇقىرى بولسا، غەملىگۈچى رايوندىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ %300 ى بويىچە ھېسابلىنىدۇ؛ شۇ كىشىنىڭ مائاشى غەملىگۈچى رايوندىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ %60 ىدىن تۆۋەن بولسا، غەملىگۈچى رايوندىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ %60 ى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
65 – ماددا مەمۇرلاردىن ۋە مەمۇرلار قانۇنىدىن پايدىلىنىپ باشقۇرۇلىدىغان كەسپىي ئورۇن، ئىجتىمائىي تەشكىلات خادىملىرىدىن ئىشتا ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلانغان ياكى كەسپىي كېسەل بولغانلىرىنىڭ خىراجىتىنى ئىشلەيدىغان ئورنى بېرىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلەيدۇ. 66 – ماددا تىجارەت كىنىشكىسى بولمىغان ياكى قانۇن بويىچە تىزىملاتمىغان، ئەنگە ئالدۇرمىغان ئورۇنلار شۇنىڭدەك تىجارەت كىنىشكىسى قانۇن بويىچە بىكار قىلىنغان ياكى تىزىمدىن، رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەن ئورۇنلارنىڭ ئىشچى – خىزمەتچىلىرى ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلانغان ياكى كەسپىي كېسەل بولغان بولسا، شۇ ئورۇن يارىلانغان، مېيىپ بولغان ئىشچى – خىزمەتچىگە ياكى ئۆلۈپ كەتكەن ئىشچى – خىزمەتچىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىغا بىر يولىلا تۆلەم بېرىدۇ، تۆلەم ئۆلچىمىنى مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىدىن تۆۋەن قىلىشقا بولمايدۇ؛ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ بالا ئىشچى ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بالا ئىشچى ئىشلىتىپ ئۇلارنىڭ يارىلىنىشى، مېيىپ بولۇپ قېلىشىغا ۋە ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولسا، شۇ ئورۇن بالا ئىشچىغا، بالا ئىشچىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىغا بىر يولىلا تۆلەم بېرىدۇ، تۆلەم ئۆلچىمىنى مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىدىن تۆۋەن قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى بېكىتىدۇ. ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مېيىپ بولۇپ قالغان ئىشچى– خىزمەتچى ياكى ئۆلۈپ كەتكەن ئىشچى– خىزمەتچىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى بىلەن ئورۇن ئوتتۇرىسىدا كۆرۈلگەن تۆلەم سوممىسى ئۈستىدىكى تالاش– تارتىش، شۇنىڭدەك ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن بالا ئىشچى ياكى بالا ئىشچىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى بىلەن ئورۇن ئوتتۇرىسىدا كۆرۈلگەن تۆلەم سوممىسى ئۈستىدىكى تالاش– تارتىش ئەمگەك تالاش– تارتىشىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئائىت بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. 67 – ماددا بۇ نىزام 2004 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ نىزام يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلانغان ياكى كەسپىي كېسەل بولغان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتا يارىلانغانلىقى بېكىتىلمىگەن بولسا، مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتىلىدۇ.
|