ئىگىسى: bulak

پىنتوزىنىڭ ساپ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى بىلەمسىز؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
1662
تۆھپە
554
UID
5645

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 18:03:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sarwi يوللىغان ۋاقتى  2012-6-29 17:38
كاپىتان ئەپەندى ،‹ماش  ئۈگرە › بولسا ، بۇ  ئۇيغۇر تىلى ...

رەخمەت.


ياشلىقىڭدا توت ئۈزۈڭنى گۈلۈڭ كۈندە ئېچىلماس،پۇشايماننىڭ  قاچىسى قېرىغاندا تېپىلماس.

Rank: 2

ئىسىمى
ئابلاجان سادىق
تىللا
85
تۆھپە
15
UID
3435
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 07:05:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىنتۇزىنى بەرەڭگىدىن ياسايدىغۇ كۆپچىلىك، ماش بىلەنمۇ ئالاقىسى بارمۇ؟
مەن يەنىلا ئۆز پىكرىمدە تۇرىمەن، كىم ياسىغان بولسا شۇنىڭ تىلىدا بولىۋەرسۇن، تالاشقىدەك ئورنى يوق.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
568
تۆھپە
262
UID
14497
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 16:31:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مېنىڭچىمۇ  ماشئۈگرە دىسەك بولغىدەك، قوللايمەن.


Rank: 4

ئىسىمى
خەيرىگۈل
تىللا
188
تۆھپە
105
UID
16947
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 20:00:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ئاللا مەن نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم، ئاخسالىق قىلىپ بۇ يەرگە كىرۋالغۇچە ، ئەڭ ياخشىسى ئۆزۈمنىڭ ئىشىنى قىلاي.


Rank: 1

تىللا
4
تۆھپە
1
UID
19829
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-1 22:41:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
EnQa يوللىغان ۋاقتى  2012-6-30 07:05
پىنتۇزىنى بەرەڭگىدىن ياسايدىغۇ كۆپچىلىك، ماش بىلەنمۇ  ...

قېرىندىشىم ماشئۈگرىنى تارىختىن باشقا مىللەت ئىجات قىلىپ بىزگە يىيىشنى ئۈگۈتۈپ قويۇپتىكەندە ، ئانا تىلىمىزنى قەدېرلەيلى ....


Rank: 4

ئىسىمى
تۇرغۇنجان
تىللا
338
تۆھپە
130
UID
16645
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 12:16:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچىمۇ ماشئۈگرە دىسەك بولغىدەك


Rank: 1

تىللا
5
تۆھپە
2
UID
19874
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 12:37:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەينەكچۆپنى پىنتوزا دەۋاتامسىلە؟


Rank: 1

تىللا
5
تۆھپە
3
UID
19872
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 12:42:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز نىمىدىگەن تەلەيلىك، ئۆزىمىز ياسىغان ساپ نەرسىلەرنى يىيەلەيدىكەنسىز...


Rank: 1

تىللا
4
تۆھپە
1
UID
19901
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 17:27:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  粉条子 نىڭ  بىزدىكى ئاتالمىسى ماشئۈگرە.   بىراق ھازىر بۇ سۆزنى ياشتا چوڭ،  چەت -ياقا جايلاردىكى بىرقىسىم كىشلەر ئىشلەتكەندىن باشقا كىشلەر بىلمەيدۇ. شۇڭلاشقا بۇ سۆز ھازىر يەرلىك شىۋە سۆزلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ قالدى. خۇددى يالتىراق (سۇلىياۋ) ، ئەتىر (بۇيسۇ)...دىگەنلەرگە ئوخشاش.
...............
ئۇيغۇرچە ئاتالمىلار ئۈستىدە ئويلىنىش ۋە ئىزدىنىش ياخشى ئىش  ئەمما، ئاغزىمىزغا كەلگىنىچە سۆزلەرنى ئۆزئالدىمىزغا بېرىكتۈرۈپ قالايمىقان ئاتىساق بولمايدۇ. ھەربىر تىلنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان فونتىكىلىق ۋە لېكسىكىلىق قائىدە -قانۇنىيەتلىرى بولىدۇ. بىر مىللەت تىلىدىكى سۆز-جۈملىلەر ئەشۇ قائىدە-قانۇنىيەت  ئاساسىدا مەيدانغا كېلىدۇ ھەم مۇكەممەللىشىپ ماڭىدۇ.
ئەگەر بىر قىسىم شەيئى ياكى يېڭىدىن مەيدانغا كەلگەن ھادىسلەرگە ئۇيغۇرچە نام قويۇش كېرەك بولسا ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ قەدىمكى تىل تېرمىنلىرىدا مۇشۇنىڭغا يېقىنلىشىدىغان سۆزلەر بارمۇ-يوق، يەرلىك شىۋە سۆزلىرى ئىچىدە مۇۋاپىقلاشتۇرغىدەك تىل تەركىبلىرى بارمۇ-يوق؟، يېڭىدىن ياسالغان سۆز ئاغزاكى خەلق تىلىغا يېقىنمۇ-يوق؟، ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆز ياساش قائىدىسىگە ئويغۇنمۇ-يوق؟  بۇلارنى ئالدىن ئويلىشىش كېرەك. قەتئىي ئىمكانىيەت يار بەرمىسە تىل جەھەتتە ئورتاقلىقى بار، تىل ئادىتى ۋە تىلىنىڭ گىرامماتىكىلىق قانۇنىيەتلىرى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئۆزبەك، قازاق، قىرغىز، تۈرك....قاتارلىق مىللەتلەرتىلىدىن قوبۇل قىلسىمۇ بولىدۇ.
تىل قائىدىسىنى نەزەرگە ئالماي زورمۇ-زور ئاتالغۇ بەرپاقىلىش ئەمەلىيەتتە تىلنى تېخىمۇ بۇزۇشتىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇ ھەم خەلق ئارىسىدا ئومۇملىشالمايدۇ.


Rank: 4

ئىسىمى
قۇربان غۇپۇر ئۇلباس
تىللا
311
تۆھپە
113
UID
2099
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 18:49:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىمىزىنىڭ تىلنى ئۆزىمىز قەدىرلىمىسەك  ھىچكىم بىزگە قەدىرلەپ بەرمەيدۇ. مەن قۇتلان ئەپەندىنىڭ پىكىرىگە قوشۇلىمەن.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-11-2 19:42, Processed in 0.070136 second(s), 16 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991