قەشقەر خەلق رادىيو ئىستانسسى قاچان بىۋاسىتە ئاڭلىتىلىدۇ
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قەشقەر خەلق رادىيو ئىستانسىسىدىكى بارلىق ئىشچى - خىزمەتچى، دىكتور - رىياسەتچىلەر، سىلەرنىڭ ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىرگە، ئۆزۈمنىڭ ئازراق كۆز قارىشىمنى تەڭرىتاغ مۇنبىرى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ باقايمىكىىن دەيمەن. قەشقەر خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ پىروگراممىلىرىنى مەن بەك ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن. بولۇپمۇ، قەشقەر ناۋاسى، سەنئەت گۈلىستانى پىروگراممىلىرىغا بەكمۇ ئامراق. ھازىر قەشقەر خەلق رادىيو ئىستانسىسى قاپلاش دائىرىسى بەكلا كەڭرى ئىكەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق نېمىشقا بىۋاسىتە ئاڭلىتىلمايدۇ. ھازىر سىلەرنىڭ ھەر كۈنلۈك پىروگرامماڭلارنىڭ قايسى ۋاقىتتا قايسى مەزمۇن، قايسى ۋاقىتتا قايسى ناخشا بىرىلىدىغىنىنى بەش ياشلىق بالىلارمۇ بىلەلەيدۇ. چۈنكى سىلەر ھەپتىدە بىر ياكى ئون بەش كۈندەر بىر پىروگىرامما ئىشلەيسىلەر. ئۇنداق تەكرارلىنىشلارغا خەلقىمىزمۇ كۆنۈپ كەتكەندەك تۇرىدۇ. مەنچە ھەر كۈنلۈك پىروگراممىلار ھەر كۈنى بىۋاسىتە ئاڭلىتىلسا بەك ياخشى بولاتتى. ئۇ چاغدا سىلەرنىڭ قايسى سۆزنىڭ ئارقىدىن قايسى سۆزنى قىلىشىڭلارنى بىلەلمەي قالاتتۇق. گەپنىڭ قىسقىسى پىروگرامماڭلاردا يېڭىلىقلار يوق دېيەرلىك. بۇ يىلمۇ داۋاملىق خەلق تۇرمۇش يىلى قىلىپ بېكىتىلدى. شۇڭا خەلق تۇرمۇشىغا يېقىن پىروگراممىلارنى ئىشلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. بولسا قاتناش توغرىسىدىكى پىروگراممىلارنى تەسىس قىلىپ، تۈرلۈك يول ئۇچۇرلىرى ۋە باشقا خەلق ئېھتىياجلىق بولغان ئۇچۇرلاردىن ۋاقتى - ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىپ، ئامما ئارىسىدىكى كۆۋرۈكلۈك رولۇڭلارنى جارى قىلدۇرۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-27 11:12