كۆرۈش: 28543|ئىنكاس: 16

بوكس خۇمار تىجارەتچى پالۋانغا «تۇلپار» سوۋغا قىلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تىللا
527
تۆھپە
151
UID
5032

ئاۋانگارت ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلىنازۇك

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-26 11:26:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بوكس خۇمار تىجارەتچى پالۋانغا «تۇلپار» سوۋغا قىلدى


ئىلزات ئىلھام خەۋىرى، فوتوسى

照片 1357.jpg


      ئاتا - بوۋىلىرىمىزدىن شۇنداق بىر ئۇدۇم قالغانىكەن، بىر يۇرتتىن پالۋان چىقسا، ئۇنىڭ باتۇرلۇقىغا ئاپىرىپ ئوقۇپ، خەلق ياكى شۇ يۇرتنىڭ بايلىرى پالۋانغا ئات سوۋغا قىلاتتىكەن. مانا بۈگۈنمۇ دىيارىمىزنىڭ بوكس ماھىرى مەمەتتۇرسۇن چوڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاسىيا رايونىدىكى تاللاش مۇسابىقىسىدە 69 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسى بويىچە 1 –- لىككە ئېرىشىپ، يەنە بىر قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش شەرىپىگە نائىل بولۇۋېدى، ئەزىزانە قەشقەردىكى تەنتەربىيەگە، بولۇپمۇ بوكسقا ئالاھىدە ئىشتىياقى بار يەككە تىجارەتچى تۇرسۇنجان ئابدۇرېھىم مەمەتتۇرسۇن چوڭنىڭ مەشىق لاگېرىدىن قايتىپ كېلىشىنى بىر ھەپتىدىن بۇيان كۈتۈپ، 17 –- ئىيۇن ئاخىرى شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇللىرى ۋە مەمەتتۇرسۇن چوڭ قاتارلىق بوكس كوماندىمىزنىڭ بىر قىسىم ماھىرلىرى بىلەن دىدارلاشتى ھەمدە ئارزۇسى بويىچە بوكس كوماندىسىدىكىلەرگە، مۇھىمى مەمەتتۇرسۇن چوڭنى لوندونغا ئۇزىتىش يۈزىسىدىن چاي بەردى.
      تۇرسۇنجان ئابدۇرېھىم مۇنداق دېدى: «بوكس ـــ مەن 20 يىلدىن بۇيان ياقتۇرۇپ كۆرۈۋاتقان تەنھەرىكەت يۈرلىرىنىڭ بىرى، ھەتتا ئوغلۇمنىمۇ مۇشۇ ساھەدە تەربىيەلەۋاتىمەن، شۇڭا مەمەتتۇرسۇن چوڭنىڭ ئاسىيادىن ھالقىپ، دۇنياۋى سەھنىلەردە بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى لەپىلدىتىشى چوڭ دائىرىدە دۆلىتىمىزنىڭ شان –- شەرىپى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بىز شىنجاڭلىقلارنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ شان –- شەرىپى. گەرچە مەن كىچىك دائىرىدىكى تىجارەتچى بولساممۇ، ھەممىمىزگە زور شەرەپ كەلتۈرگەن پالۋانىمىزغا ئەجدادلاردىن قالغان ئۇدۇم بويىچە بىر تۇلپار ئاتاپ قويغان ئىدىم، لېكىن مەمەتتۇرسۇن چوڭنىڭ شارائىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، شۇ قىممەتتە ئۇنىڭغا 100 مىڭ يۈەن يوللۇق تۇتتۇم. بىزگە ئۇنىڭ نەتىجىسى كېرەك ئەمەس، ئۇنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلاپ لوندونغا بېرىشىنىڭ ئۆزىلا زور ئۇتۇق دەپ قارايمەن، ئەلۋەتتە لوندوندا تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەر پالۋىنىمىزغا يار بولغاي».
      ئېگىلىشىمچە، مەمەتتۇرسۇن چوڭ 2008 –- يىلىمۇ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ 64 كىلوگىراملىقلار مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئۇنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى 29 – ئىيۇل ئېلىپ بېرىلىدىكەن. شۇ كۈنكى ئۇزىتىش چېيىغا ئاتاقلىق زىيالىيلىرىمىزدىن ئىسلامجان شېرىپ، ئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن روزى ۋە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتۇر يېتەكچىسى ئابدۇرېشىت جېلىل (قارلۇق) قاتارلىقلار قاتنىشىپ، مەمەتتۇرسۇنغا مەدەت بەردى ۋە ئاجايىپ ياخشى تىلەكلەرنى بىلدۈردى.

照片 1358.jpg


照片 1366.jpg


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
452
تۆھپە
248
UID
1698
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-26 15:23:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ھەممىمىزگە زور شەرەپ كەلتۈرگەن پالۋانىمىزغا ئەجدادلاردىن قالغان ئۇدۇم بويىچە بىر تۇلپار ئاتاپ قويغان ئىدىم، لېكىن مەمەتتۇرسۇن چوڭنىڭ شارائىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، شۇ قىممەتتە ئۇنىڭغا 100 مىڭ يۈەن يوللۇق تۇتتۇم. بىزگە ئۇنىڭ نەتىجىسى كېرەك ئەمەس، ئۇنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلاپ لوندونغا بېرىشىنىڭ ئۆزىلا زور ئۇتۇق دەپ قارايمەن، ئەلۋەتتە لوندوندا تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەر پالۋىنىمىزغا يار بولغاي».
    نىمە دىگەن ئىسىل سۆزھە بۇ!!!
   پالۋانلىرمىزنىڭ تېخىمۇ زور شەرەپ قۇچۇشىغا، ساخەتچىلەرنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىغا تىلەكداشمەن.


Rank: 2

تىللا
76
تۆھپە
15
UID
3092
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-26 15:54:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس!!! قالتىس  ئىش بوپتۇ. بۇ ساخاۋەتچى قالتىس ئىش قىپتۇ!ئەجداتلارنىڭ روھى خوش بولغاي.


Rank: 4

ئىسىمى
ئابدۇرۇسۇل
تىللا
314
تۆھپە
197
UID
14666
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-26 21:48:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەخمەت !!


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
2579
تۆھپە
1341
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-26 23:42:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەخمەت !!


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
574
تۆھپە
206
UID
11362
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 01:49:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ ساخاۋەتچى ئۆزىنىڭ ئېسىل پەزىلىتىنى نامايەن قىپتۇ . ساخاۋەتچىمىزگە بەرىكەت ، پالۋانىمىزغا ئۇتۇق
تىلەيمەن !


Rank: 4

تىللا
321
تۆھپە
186
UID
16228
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 11:33:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  پالۋانلىرمىزنىڭ تېخىمۇ زور شەرەپ قۇچۇشىغا، ساخەتچىلەرنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىغا تىلەكداشمەن。


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1458
تۆھپە
1134
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 16:37:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجايىپ ياخشى بىر ئىش بوپتۇ..قىلغان ئەجرىڭىز يەردە قالماپتۇ.تىخىمۇ  شان شەرەپ قۇچقايسىز.


Rank: 4

ئىسىمى
ئابدۇرۇسۇل
تىللا
314
تۆھپە
197
UID
14666
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 20:12:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزغا رەھمەت !!!


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1328
تۆھپە
695
UID
2930

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 21:35:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساۋاۋەتچىنىڭ سېخىلىغىغا رەخمەت


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-20 06:39, Processed in 0.084979 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991