كۆرۈش: 10047|ئىنكاس: 10

زۇلپىقار، تۇغۇلغان كۈنىڭگە مۇبارەك بولسۇن! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
9
تۆھپە
3
UID
1387
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 01:59:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

زۇلپىقار، تۇغۇلغان كۈنىڭگە مۇبارەك بولسۇن!



      6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ياش بوكىس ماھىرىمىز زۇلپىقار مۇھەممەتئېلىنىڭ 18 ياشقا تولغان تۇغۇلغان كۈنى، شۇنداقلا ئۆسمۈرلىك ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ياشلىق مەزگىلىگە قەدەم باسىدىغان ئەھمىيەتلىك كۈن. بۇ قۇتلۇق كۈندە زۇلپىقار ئىچكىرىدە بولغاچقا، ئاتا - ئانىسى بىلەن بىرگە بۇ قۇتلۇق كۈننى ئۆتكۈزۈشكە ئىمكانىيەت بولمىدى. شۇڭا بىز تۇغۇلغان كۈن ھارپىسىدا زۇلپىقارنىڭ ئاتا - ئانىسى بىلەن ئۇچرىشىپ تىلىكىنى زۇلپىقارغا ھەم تورداشلارغا سۇنۇشنى لايىق تاپتۇق.
      زۇلپىقارنىڭ ئاتىسى مۇنداق دەيدۇ:
      - مەن ئوغلۇمغا سالغان شۈمەككە مىڭ مەرتىۋە رازى، ئو يالغۇز مېنىڭلا ئوغلۇم بولماستىن، پۈتكۈل دولاننىڭ، شۇنداقلا پۈتكۈل ئويغۇرنىڭ ئوغلى. ئوغلۇم، ئىسمىڭغا لايىق زۇلپىقاردەك بولغىن، ھەممە سەندىن پەخىرلەنسۇن!
      زۇلپىقارنىڭ ئانىسى مۇنداق دەيدۇ:
      - شىردەك ئوغلۇم، ئۆسمۈرلۈك ھاياتىڭىزنى غەلىبىلىك ئۆتكۈزدىڭىز، ئالغان نەتىجىللىرىڭىز خەلققە تەئەللۇق، ياشلىق دەۋرىڭىزگە قەدەم قويۇش ئالدىدا شان شەرەپتىن ھۇشىڭىزنى يوقاتماڭ، يېقىلغاندا ئورنىڭىزدىن دەس تۇرالىسڭىزلا ھەقىقىي ئەزىمەت ھېسابلىنىسز، شۇنى دەيمەنكى، چوقۇم شىردەك ياشاڭ!
---------------------------
      كىچىكىدىنلا ئاتا تەربىيەسى ئاستىدا بوكىس ئىشتىياقىدا چوڭ بولغان زۇلپىقار مۇھەممەتئېلى 1994 - يىلى 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى مەكىت ناھىيەسىدە بوكس تىرېنېر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، جاپالىق مەشىق قىلىش ئارقىسىدا 2005 - يىلى 10 ياش ۋاقتىدا شىنجاڭ ماھارەت تەنتەربىيە مەكتىپىگە تاللانغان، ئۈزلۈكسىز جاپالىق مەشىق تۈرتكىسىدە 2007 - يىلى 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۆسمۈرلەر بوكس مۇسابىقىسى 38 كىلوگىراملىقلار گۇرۇپپىسىدا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ، بوكس ھاياتىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى ئوڭۇشلۇق باسقان. تەبىئىي بوكس تالانتى بىلەن 2008 - يىلى 9 - ئايدا شىنجاڭ بوكس كوماندىسىغا تاللانغان، زۇلپىقار ھارماي - تالماي مەشىقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، 2010 - يىلى شىنجاڭ 12 - نۆۋەتلىك ياش - ئۆسمۈرلەر بوكس تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 60 كىلوگىراملىقلار گۇرۇپپىسىدا چىمپىيۇن بولغان، شۇ يىلنىڭ ئاخىرى قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن 8 دۆلەت تەكلىپ مۇسابىقىسىدە جۇڭگو شىنجاڭ كوماندىسىغا ۋاكالىتەن قاتنىشىپ، 69 كىلوگىراملىقلار گۇرۇپپىسىدا مىس مېدالغا ئېرىشكەن. 16 ياشلىق زۇلپىقارنىڭ بوكس مەيدانىدىكى چاققانلىقى، ئىنكاسىنىڭ تېزلىكى، چىدامچانلىقىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرىلىقى تىرېنېرلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى ھەم كەڭ تاماشىبىنلارنى ھەيران قالدۇردى. تىرېنېرلار زۇلپىقارغا چوڭ ئۈمىد باغلاپ، 2011 - يىلى 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن خەلقئارالىق 12 دۆلەت بوكس مۇسابىقىسىگە جۇڭگو شىنجاڭ كۇماندىسىغا ۋاكالىتەن قاتنىشىپ ئالتۇن مېدال ئالغان. 2012 - يىلى 3 - ئايدا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو شىنجاڭ بوكىس تەكلىپ مۇسابىقسىدە ئالتۇن مېدال ئالغان، 2012 - يىلى 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 13 - كۈنىگىچە قازاقىستان چىمكەنت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بوكىس تەكلىپ مۇسابىقىسىدە يەنە چىمپيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن، ھازىرغىچە تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە جەمئىي 5 ئالتۇن مېدال، 1 مىس مېدال قولغا كەلتۈرۈپ ياخشى نەتىجە ياراتقان.

01.jpg



02.jpg



03.jpg



--------------


      ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن زۇلپىقار مۇھەممەتئېلى بۇنىڭدىن كېيىنكى ماڭىدىغان يولنىڭ تېخىمۇ جاپالىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكەچكە، مەشىق قىلىشنى بىر كۈنمۇ توختىتىپ قويغىنى يوق. ئاتا - ئانىسىنىڭ، يۇرتىدىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ، جۈملىدىن پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاش ۋە شان - شەرەپ كەلتۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن جاپالىق مەشىق قىلىپ، خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرگە تەييارلىنىۋاتىدۇ.
      بىز زۇلپىقار مۇھەممەتئېلىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ياخشى تىلەكلىمىزنى تىلەش بىلەن بىرگە، بەدىنىگە باھادىرلارچە قۇۋۋەت، مۇشتۇمىغا ھەزرەتئېلى شاھىمەرداندەك كۈچ تىلەيمىز، تېخىمۇ چوڭ ئۇتۇقلار يار بولسۇن!
      زۇلپىقار ھەققىدە يوللانغان باشقا تېمىلارنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
      1.   http://bbs.misranim.com/thread-68333-1-1.html
      2.  http://bbs.misranim.com/thread-74256-1-1.html
      3.  http://bbs.misranim.com/thread-78722-1-1.html

زۇلپىقارنىڭ بىر مەيدان كەسكىن مۇسابىقىسىنى كۆرۈڭ:


      


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-25 17:30  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1812
تۆھپە
1287
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 18:13:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زۇلفىقارغا ئۇتۇق تىلەيمەن.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مۇنەۋەر
تىللا
590
تۆھپە
331
UID
12654
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 22:05:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن پەخىرلەنگۈدەك ئەزىمەت ئىكەن  تۇنۇشتۇرغىنىڭىزغا رەخمەت مەن زۇلپىقارنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىنىڭمۇ ئۇتۇقلۇق بۇلۇشىنى تىلەيمەن.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
2119
تۆھپە
1017
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 23:24:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زۇلپىقار ، تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن ! بۇندىن 18 يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە  زۇلپىقاردەك ئەزىمەتنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان ئاشۇ سۆيۈملۈك ھەدىمىزگىمۇ مۇبارەك !
ئۇلارغا چەكسىز خۇشاللىق يار بولغاي .
زۇلپىقارنىڭ بوكس سەھنىسىدىكى غالىپلاردىن بولىشىغا تىلەكداشمىز ..


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1458
تۆھپە
1134
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-26 02:11:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلگىكۇشلۇك بىرنى يىڭەر.بىلمى كۇشلۇك مىڭنى .دىگەندەك. زۇلپىقار .جاپامۇشاقەتلەرگە چىداپ .
مەشىق قىلىپ ۋەئۇگنۇپ بۇگۇنكى بۇ شان شەرەپلەرگە ئىرىشتى .بۇنىڭغىمۇ ئىمى تاتىكا ۋە غەيرەت .
جاسارەت يوشۇرۇلغان. باشقا ئوغلانلىرمىزمۇ تىرىشقايلا.


Rank: 4

تىللا
285
تۆھپە
77
UID
16982
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-26 03:14:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك   بولسۇن   ،   يەنىمۇ  تىرىشىڭ  .  


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
1204
تۆھپە
804
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-26 14:54:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداقمۇ؟


Rank: 4

ئىسىمى
ئابدۇرۇسۇل
تىللا
314
تۆھپە
197
UID
14666
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-26 21:51:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەخمەت !!


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرېھىمجان ئاتاۋۇللا
تىللا
1225
تۆھپە
517
UID
4607
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 19:54:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز سىزدەك باھادىر ئەزىمەتلىرىمىزدىن مەڭگۈ پەخىرلىنىمىز.
      تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن، غەلبە سىزگە يار بولغاي،


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1886
تۆھپە
1571
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 10:52:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۆمرى ئۇزۇن ئىشلىرى ئۇتۇقلۇق بولغاي قېرىندىشىم،


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-20 06:35, Processed in 0.085925 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991