كۆرۈش: 16796|ئىنكاس: 17

ئۈچ يىگىتنىڭ مۇھەببىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
تاھىرجان يۈسۈپ
تىللا
2323
تۆھپە
346
UID
9035
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 21:13:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۈچ يىگىتنىڭ مۇھەببىتى




    بىرىنچى يىگىت:ئۇ بىر كەچكى كۇرۇسقا قاتنىشىۋاتقاندا،يۇمۇلاق كەلگەن ئۇماققىنە بىر قىز ئۇنىڭ كۆزىگە چىرايلىق كۆرىنىپ قالدى.بۇ  ئۇنىڭ كۆزىگە چىرايلىق كۆرىنىپ قالغان،قانچىنچى قىز ئىكەنلىكىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى.شۇ كۈندىن تارتىپ،يىگىت قىزنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن،ھەرخىل ئاماللارنى قىلشقا باشلىدى.
ئۇنىڭ [تىرىشچانلىقلىرى]ئاخىرى بىكار كەتمىدى.قىزمۇ يىگتنىڭ شىرىن شىكەر سۆزلىرى ۋە دەبدەبىلىك قەسەملىرىدىن تەسىرلىنىپ،ئۇنىڭغا پاك سۆيگۈسىنى بەردى.شۇنىڭدىن كېيىن،ئۇلارنىڭ شىرىن كۈنلىرى باشلاندى.كۈنلەرنىڭ بىرىدە،يىگىت قىزنى بىر مىھمانخانىغا باشلاپ كىرىپ،ھەرخىل ۋاستە ھەم تۈگىمەس قەسەملىرى بىلەن قىزنىڭ ئامانىتىنى قولىغا ئالدى.
شۇ كۈندىن كېيىن يىگىتنىڭ قىزغا بولغان مۇئامىلىسى ئۆزگىرىپ،قىزغا تولىمۇ قوپال ۋە پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ قالدى.كۈنلەرنىڭ بىرىدە،يىگىتنىڭ كۆزىگە يەنە بىر قىز چىرايلىق كۆرىنىپ قىلدى.ۋە قىزنىڭ يالۋۇرۇشلىرى،ئازاپلىرى ھەم ئۆزىنىڭ بۇرۇن بەرگەن  ۋەدىللىرى بىلەن كارى بولماستىن،قىزنى تاشلاپ يەنە بىر قىزنىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلىش ئۈچۈن ئاتلاندى.
ئىككىنچى يىگىت:ئۇ ئاتا ئانىسىغا تولىمۇ ۋاپادار يىگىت ئىدى.ئۆز جىسمىدىكى ياشلىقنىڭ ئەركە ھىسياتلىرى ئۇرغۇپ تۇرغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە،بىر گۈزەل قىز ئۆزگىچە خۇشخۇيلىقى ۋە نازلىرى بىلەن ئاستا-ئاستا ئۇنىڭ ھاياتىغا سىڭىپ كىرىپ،يىگىتنىڭ ھاياتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلاندى،ھەم توي قىلىشقا پۈتۈشتى.لېكىن،يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ بەختى بىلەن ھېسابلاشماي، بار كۈچى بىلەن ئۇلارنىڭ توي قىلىشىغا قوشۇلمىدى.ھەم يىگىتنى باشقا بىر قىز بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلىدى ۋە ئۇنداق قىلمىسا،بارلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزدىغانلىقىنى ئېيتتى.ئامالسىز قالغان يىگىت ئامالسىز چىن يۈرىكىدىن سۆيىدىغان ،ھاياتىنىڭ بىرقىسمىنى بەرپات قىلىپ،ئاتا-ئانىسى تېپىپ بەرگەن ھېلىقى قىز بىلەن توي قىلىپ،تولىمۇ ئېغىر يۈرەك يارىسى بىلەن مەنىسىز ھەم مەجبۇرلۇق ئىچىدىكى بەخىتسىز تۇرمۇشىنى باشلىدى.
ئۈچىنچى يىگىت:ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ بىللە ئويناپ چوڭ بولغان بىرقىز بولۇپ،كۈنلەرنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ،ئۇلارنىڭ كىچىكىدىن باشلانغان دوستلىقى،ياشلىقتىكى شىرىن تۇيغۇلار بىلەن بىرلىشىپ،ئېنتايىن شىرىن ھەم چىن مۇھەببەتكە ئايلاندى.
بۇمۇھەببەت،كۈنسېرى كۈچەيسە كۈچەيدىكى ھەرگىز سۇسلىشىپ قالمىدى.كۈنلەرنىڭ بىرىدە يىگىت ئالى مەكتەپكە ماڭىدىغان بولۇپ قېلىپ، ئۇلار بىرمەزگىل ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇپ ،بىر-بىرىنى مەڭگۈ ساقلاشقا،ھەم ئەبەدىي ئايرىلماسلىققا ۋەدىلەشتى.كۈنلەرنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ،يىگىتنىڭ ئوقىشىمۇ پۈتۈپ،قايتىپ كەلدى .قىزمۇ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ،يىگىتنى ساقلىدى،يىگىتمۇ مەكتىپىدىكى نۇرغۇن قىزنىڭ قويغان تەلەپلىرى ۋە ناز-كەرەشمىللىرىگە ئالدىنىپ قالماي،سۆيگىىنىگە ۋاپادار بولدى.مولچىلىق بىلەن تولغان گۈزەل كۈز ئايلىرىنىڭ بىرىدە،يىگىت قىز بىلەن ئاددىغىنە توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈپ،دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك كىشىگە ئايلاندى.
( دوستلارنىڭ بۇ ئۈچ يىگىتكە بولغان كۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،ئەركىن مۇنازىرلىششىنى ئۈمىد قىلىمەن .كېيىن يەنە،ئۈچ قىزنىڭ مۇھەببىتىنى ،دوستلارنىڭ مۇنازىرسىگە سۇنىمەن)


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1456
تۆھپە
1133
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-23 22:20:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرىنچى يىگىت.ئىكىكىنچى يىگىت.ئۇچۇنچى يىگىت.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەخپىي
تىللا
799
تۆھپە
237
UID
404
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 02:32:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭ نېمىسىنى مۇنازىرە قىلىشىمىز؟


گۈلباھار ھامۇتنىڭ‹‹قاپقارادۇر قاشلارىڭ››نى ئىزدەيمەن!!!

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1886
تۆھپە
1571
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 15:28:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىسى .............


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 4

ئىسىمى
ئابدۇرۇسۇل
تىللا
314
تۆھپە
197
UID
14666
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-26 21:54:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەخمەت !!


Rank: 1

تىللا
45
تۆھپە
13
UID
14868
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 11:51:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرنچىسىئىككنچىسىئۈچۈنچىسى


Rank: 4

تىللا
260
تۆھپە
154
UID
17314
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 12:12:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈمۈشخاننىڭ دېگىنى توغرا ، نېمىسىنى مۇنازىرە قىلىمىز ؟


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
تاھىرجان يۈسۈپ
تىللا
2323
تۆھپە
346
UID
9035
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 12:49:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈچ يىگىتنىڭ مۇھەببىتىدىكى ،ھېكايىلەر، بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىمۇ مەۋجۇت شۇڭا،شۇ خاراكتىردىكى يىگىتلەرگە بولغان  كۆز-قارىشىڭلارنى ئوتتۇرغا قويساڭلا بولىدىغۇ،


Rank: 1

تىللا
20
تۆھپە
11
UID
18127
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 16:20:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى  تەسىرلىككەن.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
تاھىرجان يۈسۈپ
تىللا
2323
تۆھپە
346
UID
9035
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 16:55:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈچ قىزنىڭ مۇھەببىتىنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ،چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىسىز


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-19 16:47, Processed in 0.081676 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991