كۆرۈش: 7956|ئىنكاس: 6

قوشتاغنىڭ چارۋا مال بازىرى قاچان ئورنىنى تاپىدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
ئابلىكىم مۇھەممەد
تىللا
436
تۆھپە
34
UID
2097
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-26 20:34:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قوشتاغنىڭ چارۋا مال بازىرى قاچان ئورنىنى تاپىدۇ؟

    گۇما ناھىيەسىنىڭ قوشتاغ يېزسىسى شەنبە كۈنى بازار بولىدىغان يېزىنىڭ بىرى بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار كۈچ تەشكىللەپ سودا بازالىرىنى تەرتىپكە سىلىپ، تىجارەتچىلەر ۋە ئىستىمالچىلارغا ئازادە سودا مۇھىتى يارىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، بىراق يېقىندىن بېرى چارۋا مال بازىرى، ئاشلىق بازىرى، كىلىياڭ يېزا،باشلەنگەر يېزا، نەۋ ئابات تاجىك مىللىي يېزىغا بارىدىغان ئوق يولغا چىقىۋىلىپ قاتناشنىڭ راۋانلىقىغا توسقۇنلۇق قىلماقتا.  شۇڭلاشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ  بۇنىڭغا  كۆڭۈل بۆلۈپ،  چارۋا مال بازىرى، ئاشلىق بازىرىنى ئەسلىدىكى تىجارەت ئورنىغا يۆتكەپ، يولنىڭ  راۋانلىقىغا ۋە ئاممنىڭ بىخەتەر يول يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى سورايمىز.

IMG_1869.jpg
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1291
تۆھپە
794
UID
990

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 17:14:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ماسلاشتۇرۇپ ياخشى بىر تەرەپ قىلىشا تىگىشلىك ئىشكەن.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
1204
تۆھپە
804
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-29 01:10:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ماسلاشتۇرۇپ ياخشى بىر تەرەپ قىلىشا تىگىشلىك ئىشكەن.››راس دەيسىز.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئەيسا بەگ
تىللا
664
تۆھپە
243
UID
4779
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-29 10:57:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرىنچى ۋاقىتتا ھەل قىلىش كېرەك!.


دۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان،شۇنىڭدەك ئىبرەت ئالمىغۇچىلارنىڭ كۆز-ياشلىرى بىلەنمۇ تولغان!.    ‹‹داغ››دىن

......ھايۋاننى چۈشىنىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقت كەتمەيدۇ ، ئادەمنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر يەتمەيدۇ .....

Rank: 2

تىللا
55
تۆھپە
18
UID
1405
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-29 12:53:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بومموغ( بومئۇرغا) كەنتىگە چىقىدىغان يولما ئاۋۇ!؟
مەن بۇ تەكلىپنى قوللىمايمەن،  شەنبە كۈنىلىرى قاتناش توسولوپ قالسا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئۈستىدە
بىر يول بار شۇ يولدىن، ياكى چېغلىق يولدىن ماڭسا بولىدۇ، قوشتاغ شەھەر ئەمەس ئۇ دىگەن بىر بازار
بۇ يەردە دىھقان تىجارەتچىلەرنىڭ ئىھتىياجى بىرىنجى ئورونغا تىزىلىشى كىرەك

دىھقانلار قەيەرنى مۇۋاپىق كۆرسە شۇ يەردە تىجارەت قىلسا بولىدۇ
سىز بىلمەيدىغان ئوخشايسىز، ئەگەر مەخسۇس مال بازىرى تەسسىس قىلىنسا بىر قوي ئۈچۈن بارزار باشقۇرۇشتىن ئالىدۇ 5 كوي، تازلىق پونكىتىدىن ئالىدۇ 5 كۇي، ئىشىك باقار ئالىدۇ 5 كۇي، ... بىچارە
دىھقانلارنىڭ ئەشۇ 15 كوي پۇل ئۈچۈن 1 موچەننىڭ تۆشۆكىدىن قانچە رەت ئۆتىدىغىننى بىلەمسىز؟

ئۇيغۇر بار يەردە بازار بار، بارزار بار يەردە قىستاڭچىلىق بولىدۇ، ئۇنىڭغا چىدىمىساڭلار
ئىچكىرگە بىرىپ ياشاڭلار، يىراقتىن كەلگەن باشلىقلارنىڭ كۆزىگە بىرىنجى بولوپ سەت كۆرۈندىغىنى
«قالايمىقانچىلىق قاپلىغان ئۇيغۇر بازارلىرى» چەتئەللىكلەريۇرتىمىزغا كەلسە ئەشۇ ۋاراڭ-چۇرۇڭ
قاپلىغان قىستاڭچىلىقتىن كەتكۈسى كەلمەيدۇ...

باشقىلار ئەنە شۇ ئۇيغۇر توپلاشقان رايۇنلارنى ، ۋاراڭ چۇرۇڭ قاپلىغان بازارلارنى يۇقىتىپ بولالماي
ئاۋارە، ئۆزىمزنى ئۆزىمزى كىشەنلەپ تاشلىمىساق...ماشىنا يۇغان نەرسە ئەمەس..مەن بىلىپ قوشتاغنىڭ
مەركىزىدە سايغا تۇتىشىدىغان 4 قاتار يول بار شۇ يەرلەرنى تاللىۋالساق بولىدۇ
شۇڭا بۇندىن كىيىن ئۆزىمىز بارلىققا كەلتۈرگەن مەدىنىيەت  ئۆزىمزىگە سەت كۆرۈنمىسە



Rank: 2

تىللا
128
تۆھپە
10
UID
2094
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-29 18:33:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
5 مو دەيمىزمۇ ئەمدى


Rank: 4

ئىسىمى
ئابلىكىم مۇھەممەد
تىللا
436
تۆھپە
34
UID
2097
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-2 14:56:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
6-ئاينىڭ 2-كۈنى ( شەنبە) مۇخبىرنىڭ تەكشۈرشچە قوشتاغ يېزىلىق پارتكوم، يېزىلىق ھۆكۈمەت ۋە يېزىلىق ساقچىخانا بۇ ئىنكاسقا جىددى قاراپ كادىر ساقچىلارنى تەشكىللەپ ۋاقتىدا يولىنڭ راۋانلىقغا كالاتلىك قىلغان. بۇ نىڭغا يۇكسەك ئەھمىيەت بەرگەن  قوشتاغ يېزىلىق پارتكوم، يېزىلىق ھۆكۇمەت ۋە يېزىلىق ساقىخانىغا چوڭقۇر رەھمىتىمىزنى بىلدۇرمىز.  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-23 19:59, Processed in 0.079275 second(s), 30 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991