مەملىكەت ئىچىدە ماۋزېدۇڭنىڭ ئابىدە قىلىپ ئورنىتىلغان ھەيكەللىرى كۆپ ، بۇلارنىڭ ئىچىدە قەشقەر شەھرى خەلق مەيدانىغا ئورنىتىلغىنى چوڭ كىچىكلىك جەھەتتە مەملىكەت بويىچە ئىككىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ.
ھەيكەلنىڭ ئۇلى 8.18 مېتىر بولۇپ بۇ سان ماۋزېدۇڭنىڭ "مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىي" جەريانىدا 8-ئاينىڭ 18-كۈنى تۇنجى قېتىم قىزىل قوغدىغۇچىلارنى (خۇڭۋېيبىڭلارنى) قوبۇل قىلغان ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ. ھەيكەلنىڭ ئىگىزلىكى 12.26مېتىر بولۇپ بۇ سان ماۋزېدۇڭنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ. ھەيكەل 1969-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى پۈتكەن بولۇپ بۇ سان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى كۆرسىتىدۇ.
|