ئىش ئۈستىدە يارىلانغۇچىغا قانۇنىي ھىمايە يوقمۇ؟
يېقىنلىرىمدىن بىرسى ھازىر مۇشۇ دەم ئىلىش توغرىسىدا جىددىي بىر مەسىلىگە دۇچ كەلگەن بولغاچ ئايرىم تېما ئاچماقچى بولۇپ تۇراتتىم، ماۋۇ تېما قىسمەن بولسىمۇ مەن دېمەكچى بولغان گەپكە ماس كېلىپ قالدى، مۇشۇ يەردە «دەردىم» نى تۆكۈۋالاي. يېقىنلىرىمدىن بىرسى 2010 - يىلى 10 - ئايدا ئىشقا كېتىۋاتقاندا مەكتىپىنىڭ ئالدىدا قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىغان ئىدى، شۇ ھادىسىدىن كېيىن پۇت قىسمى بىلەن باش قىسمىنىڭ ئۇ يەر – بۇ يەرلىرىدە مەسىلە كۆرۈلۈپ، بەزى چاغلاردا «دەردى» ئېغىرلاپ بالنىتسىدا يېتىپ داۋالىنىپ تۇرغان ئىدى، بۇ يىل 3 - ئايدا ناھىيەلىك ئەمگەك كادىرلار ئىدارىسى ئىش ئۈستىدە يارىلانغانلىق قارارىنى چىقاردى، بۇ قارارغا ئاساسەن ۋىلايەتلىك ئەمگەك كادىرلار ئىدارىسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ۋىلايەتلىك دوختۇرخانا يارىلىنىش دەرىجىسىنى بېكىتىپ چىقتى، ۋىلايەتلىك كادىرلار ئىدارىسى بىر قۇر ئومومىي مۇزاكىرىگە سالغاندىن كېيىن (بەلكىم 2، 3 ئايدىن كېيىن) ئىش ئۈستىدە يارىلىنىشنىڭ دەرىجىسى بېكىتىلىپ چىقىدۇ. ھازىر بىز دۇچ كەلگەن مەسىلە مۇنداق: ھادىسىگە ئۇچرىغۇچى پۇتىدىكى زەخمە سەۋەبلىك ئىشقا ئۆزى بارالمايدۇ، مەن ھەر كۈنى ئەتتىگەن، چۈش، كەچتە ماشىنا بىلەن ئاپىرىپ ئەكىلىمەن، قاتناش بىخەتەرلىك سەزگۈسى پەۋقۇلئاددە ئاجىز ، يىلاندىن قورقۇپ كەتكەن ئارغامچىدىنمۇ قورقۇپتۇ دېگەندەك، كىچىككىنە دوقۇرۇپ قىلىشنى كۆرسىمۇ ئوڭ - سولى ئۆچۈپ، «دۇرۇت» ئوقۇپ كېتىدۇ. مەكتەپ مۇدىرى ئىشلىتىشنى بىلىدىغان، ئاغرىپ قالسا، ياتاقتا يېتىپ قالسا ھەتتا تېلېفوندا بولسىمۇ ھالىڭ نىچۈك دەپ ئەھۋال سوراپ قويۇشنىمۇ بىلمەيدىغان، توخام كاكىلىسا دان يېمىسە دەيدىغانلاردىن، كېسەلنىڭ ساقىيىش - ساقايماسلىقى بىلەن كارى يوق، بالنىتسىدا يېرىم كۈن يېتىپ، يېرىم كۈن ئىشلىسۇن دەپ ئالىي پەرماننى چۈشۈرۈشكە خۇشتار خوتۇن (ھەتتا ماشىنا سوقۇۋەتكەن چاغدا بىر ئايدىن ئارتۇقراق داۋالىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، يىللىق مۇكاپات پۇلىدىن 800 سومنى تۇتۇۋالدى، بىز بۇ ھېسابنى تېخى قىلىشمىدۇق). ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىنىڭ ئىسپىراپكىسىنىمۇ ئېتىبارغا ئالمايمىز دەپ قويۇشلىرى بار. مانا مۇشۇنداق رەھبەرنىڭ غەمخورلۇقىدا 2 يىلدىن بىرى خاتىرجەم داۋالىنىش ئىمكانىيىتى بولماي، تاكى بۈگۈنگە قەدەر ساقىيالمايلا قالماستىن، سۆڭەك كىسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرى تىز سۆڭىكىنى ئالماشتۇرۇش باسقۇچىغا يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ، بىزنى تەشۋىشكە سېلىۋاتقان بولسىمۇ، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئېشىكى ئۆلۈۋاتسا قوڭى غىجەك تارتىپتۇ دېگەن قىلىقى دەم ئىلىشتىن ۋاز كەچتۈرۈۋەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە 1 - يىللىقتىن تارتىپ 4 - يىللىققىچە ئۆزى بىر قوللۇق مەسئۇل بولۇپ، باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا بولغان مېھرى – مۇھەببەت ھەرقانچە جاپا تارتساممۇ ئوقۇغۇچىلىرىمنى يېرىم يولدا تاشلاپ قويماي دېگەن ئوي بىلەن كېسەل ئازابىنى يېڭىپ، دوختۇرنىڭ ياخشى دەم ئىلىش ھەققىدىكى نەسىھەتىگىمۇ قۇلاق سالماي، ئىسپراپكىدىكى دەم ئىلىش ۋاقتى توشماي تۇرۇپ ئىشلەش نېيىتىدە ئىدى، ئەمما مەكتەپ مۇدىرى تەن سالامەتلىكى ياخشى ئوقۇتقۇچىلارغا مۇئامىلە قىلغاندەك، 1 - يىللىقنىڭ 5 سائەت ماتېماتىكا دەرسىنى ئۆتۈش ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى تولۇق ئادا قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان قوش تىللىق 4 - يىللىق سىنىپىنىڭ 5 سائەتلىك ماتېماتىكا دەرسىنى خەنزۇچە تەييارلاپ، خەنزۇچە ئۆتۈش (ناھىيەنىڭ بىر يىللىق قوش تىللىق ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇغاندىن باشقا ھېچقانداق خەنزۇچە ئاساسى يوق ئىدى، ئەمما ئۆزى ئىنتايىن جاپالىق تىرىشىۋاتقان بولغاچ نەتىجە كۆرۈنەرلىك) ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئەنخاتىرىلەرنى تولۇق ئىشلەش، سىنىپ مۇدىرىلىق خىزمىتىنى ئىشلەش ۋەزىپىلىرىنى يۈكلەپ قويۇپتۇ، ھازىرقى سىنىپنى داۋاملىق باشقۇرۇش بىلەن ئۇنىڭ ماتېماتىكىسىنى ئۆتۈشنى ئۈستىگە ئېلىپ، 1 - يىللىقنىڭ دەرسىنى ئۆتۈشنى رەت قىلسا، مەكتەپ مۇدىرى قوشۇلماپتۇ. ئىش ئۈستىدە يارىلىنىپ، مۇشۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەنلەردىن بەزىسى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ يولسىزلىق قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئىشقا چىقماي، ئۆيدە ئارام ئال، مائاشىڭنى تۇتالمايدۇ، ناۋادا تۇتسا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئەرز قىلساڭ بولىدۇ دېگەنلەرمۇ بولدى، ئىش ئۈستىدە يارىلاندى دەپ قارار چىقارغان ئەمگەك ئىدارىسىگە چىقىپ، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىل دېگەنلەرمۇ بولدى، رادىيونىڭ قىزىق لىنىيە پىروگراممىسىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىل دېگەنلەرمۇ بولدى، ئەمما بىزنىڭ بۇ ئىشلارنىڭ ھېچ قايسىسىنى قىلغۇمىز يوق، ئىشنى چىرايلىق بىر تەرەپ قىلغىمىز بار ئىدى، پەقەت چامىسى يەتكىدەك خىزمەتنى ئىشلەشكە يول قويسا، تاكى ئاشۇ سىنىپ ئوقۇش پۈتتۈرگىچە ئۆمۈرلا يار بەرسە ياخشى ئىشلەش نىيىتىدە ئىدى، مەكتەپ مۇدىرىغا گەپ ئۇقتۇرۇپ بولغىلى بولمىدى، دۆلەتنىڭ ئىش ئۈستىدە يارىلانغانلارغا قارىتا خىزمەتنى داۋاملاشتۇرۇشتا قانداق بەلگىلىمە بار؟ ئىش ئۈستىدە يارىلانغانلارغا قارىتا ئورۇن قانداق مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ؟ مۇشۇنى بىلگىم بار ئىدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-23 10:53
|