كۆرۈش: 7412|ئىنكاس: 5

بالىلارنى ئوقۇشقا قانداق يېتەكلەش كېرەك؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
586
تۆھپە
70
UID
2958
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 00:49:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بالىلارنى ئوقۇشقا قانداق يېتەكلەش كېرەك؟


1660210_154133045_2.jpg



      بىز ئەتراپىمىزدا كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇشقا بېرىلمەي، ئەكسىچە ئويۇنغا ئامراقلىقىدىن زارلانغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. بۇ ئەمەلىيەتتە بىر خىل ئورۇنسىز ئاغرىنىش. چۈنكى ئويۇنغا ئامراق بولۇش بالىلارنىڭ تۇغما تەبىئىتى. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئويۇن ئويناش جەريانىدا خىلمۇخىل روللارنى ئۆتەپ، بىر تەرەپتىن چوڭلارنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئىچكى سىقىلىشلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ روھىي تەڭپۇڭلۇق ھالىتىنى ساقلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھاياتلىقتىكى مۇھەببەت، نەپرەت، خۇشاللىق، قايغۇ قاتارلىق ئەڭ ئەقەللىي تۇيغۇ - تەسىراتلارغا ئېرىشىدۇ. بۇنداق ھايات چۈشەنچىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز جۇغلىنىشى نەتىجىسىدە بالىلار ئاستا - ئاستا پىشىپ يېتىلىگەن چوڭلار قاتارىغا قوشۇلىدۇ. شۇڭا ئويۇن ئويناش بالىلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى بېيىتىدۇ ھەم ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىش بېجىرىش، مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.
      ئەمدى بالىنى كىتاب ئوقۇشقا قىزىقتۇرۇش، ئۆگىنىشكە يېتەكلەش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ يەنە بىزنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىش جەريانىنى چۈشىنىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. بىز ئۇلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىشىمىز، ئەمما يەنە ئۇلارنىڭ ئالاھىدە فىزېئولوگىيەلىك ۋە پىسىخولوگىيەلىك باسقۇچتا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز شەرت. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «بالىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداش ئەھدىنامىسى» ۋە دۆلىتىمىزنىڭ «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى» بىردەك 18 ياشتىن تۆۋەن بولغانلارنى بالىلىق دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ. ئەمما بالىلىقنىڭ ھەرقايسى ياش باسقۇچلىرىدىكى فىزېئولوگىيەلىك ۋە پىسىخولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكلەر پەرقلىق بولىدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە بالىلارنىڭ ھەر خىل ئوقۇشلۇقلارغا بولغان قىزىقىشىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بالىلارنى كىتاب ئوقۇشقا يېتەكلەشتە، بالىلارنىڭ ھەر خىل ياش باسقۇچىدىكى خاراكتېرىدىكى ئىنچىكە پەرقلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. پىسىخولوگلار ئادەتتە بالىلارنىڭ بۇ جەرياندىكى ئۆزگىرىشلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارنى بوۋاقلىق، گۆدەكلىك، بالىلىق، ئۆسمۈرلۈك - ياشلىق مەزگىلىدىن ئىبارەت تۆت باسقۇچقا بۆلىدۇ.
      بوۋاقلىق مەزگىلى ئادەتتە بالىلارنىڭ 0 ياشتىن 3 ياشقىچە بولغان ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بالىلار ئاساسەن فىزېئولوگىيەلىك جەھەتتە مۇستەقىل ھەرىكەتلىنىش شارائىتىنى ھازىرلىمىغان بولىدۇ. ھەمىشە چوڭلارنىڭ ھەرىكىتىگە ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. مەقسەت - مۇددىئالىرىنى خىلمۇخىل ھەرىكەت، ئاددىي سۆزلۈك ياكى يىغلاش – كۈلۈش قاتارلىق تەبىئىي خۇسۇسىيەتلەر ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا بالىلار دەسلەپكى قەدەمدە رەڭ ۋە شەكىللەرنى تونۇشقا باشلايدۇ. شۇڭا بۇ مەزگىلدىكى بالىلارنى ئاددىي شەكىل ۋە رەڭلەرنى تونۇتىدىغان رەسىملىك ئۇقۇم جەدۋەللىرى ۋە رەڭلىك، شەكىللىك ئويۇنچۇقلار بىلەن كۆپرەك ئۇچراشتۇرۇش كېرەك. ئالايلۇق: رەسىملىك ئېلىپبە جەدۋىلى، ئېنگلىز تىلى ھەرپ جەدۋىلى، خەنزۇچە خەت تونۇش جەدۋىلى، شەكىللەر جەدۋىلى، رەڭلەر جەدۋىلى، قىزىقارلىق ئۆي ھايۋانلىرى، سىرلىق ئاسمان جىسىملىرى، ۋەھاكازالار.  
      گۆدەكلىك مەزگىلى بالىلارنىڭ 3 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان ۋاقتى بولۇپ، بالىلار دەسلەپكى قەدەمدە مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىش ۋە سۆزلەش ئىقتىدارىنى ھازىرلايدۇ. ئۆزىنىڭ مەقسەت – مۇددىئالىرىنى ئاساسەن راۋان قىلىپ باشقىلارغا بىلدۈرەلەيدۇ. ئوبرازلىق تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن بولىدۇ. بۇ مەزگىلدىكى بالىلار رەسىملىك ئوقۇشلۇقلارغا بەكرەك دىققەت قىلىدۇ، ئەمما دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش ۋاقتى ئۇزۇن بولمايدۇ. شۇڭا بۇ مەزگىلدىكى بالىلارنىڭ كۆرۈشىگە رەسىملىك قىسسە، بالىلار ناخشىلىرى ۋە ھەر خىل جانلىقلار ھەققىدىكى قىسقا ھەجىملىك ھېكايىلەر ماس كېلىدۇ. ئالايلۇق: «ساھىبجامال ۋە ياۋايى مەخلۇق»، «بېلىق پەرىزات»، «ئەلى بابا ۋە قىرىق قاراقچى»، «بېلىقچى بوۋاي ۋە ئالتۇن بېلىق ھەققىدە چۆچەك»، «كۆرەڭ تۈلكە»، «قەلەي ئەسكەر»، «ئورمانلىقتىكى ئاجايىپ ئۇچرىشىش»، «ئۈجمە سايىسى»، «ۋاپادار ئوغۇل»، «ھېكمەتلىك ساندۇق»، «پادىشاھ بىلەن مالچى»، «ئوغۇزنامە»، «قۇتلۇق ۋە قارلىغاچ»، «سېنى ياخشى كۆرىمەن، سەن بەك ئالاھىدە»، «قارلىغاچ نېمىشقا قارا»، «ئېشەكنىڭ نېمىشقا مۈڭگۈزى يوق»، «ئانام ئايدەك، دادام كۈندەك»، «كىچىك بالا ئەمەسمەن»، ۋەھاكازالار. ئۇندىن باشقا، ئاتا - ئانىلار بۇ مەزگىلدىكى ئانا - بالا بىرلىكتە ئوقۇش (亲子阅读) قا ئىنتايىن ئەھمىيەت بىلەن قارىشى، چوقۇم مۇۋاپىق ۋاقىت ئاجرىتىپ يۇقىرىقىدەك بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا ماس بولغان ئەسەرلەردىن بالا بىلەن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنىشى كېرەك. بۇ ئاتا - ئانا ۋە بالا ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپلا قالماستىن، بەلكى بالىنىڭ كىتاب ئوقۇشقا قىزىقىشىنى قوزغاشتىكى بەك مۇھىم ۋە ھالقىلىق  ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ. بالىنىڭ مەيلى ئىجتىمائىي پەندىكى ۋە ياكى تەبىئىي پەندىكى نەتىجىسىنىڭ ياخشى - يامان بولۇشى ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇنىڭ كىتاب ئوقۇشقا بولغان قىزىقىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. شۇڭا ئاتا - ئانىلار بۇ مەزگىلدە بالىلارغا كىتابنى تاللاپ ئېلىپ بېرىش بىلەنلا كۇپايە قىلماسلىقى كېرەك.
      بالىلىق مەزگىلى بالىلارنىڭ 7 ياشتىن 11—12 ياشقىچە بولغان ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ باسقۇچتىكى بالىلارنىڭ مۇستەقىل پائالىيەت دائىرىسى كېڭىيىپ، ئەتراپىدا ئاتا-ئانىسىدىن باشقا، ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرى بولىدۇ. تۇرمۇشىدا ئۆگىنىش ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. دەسلەپكى قەدەمدىكى ئابىستراكېت تەپەككۇر شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. بۇ مەزگىلدىكى بالىلارنىڭ قىزىقىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭرى بولۇپ، تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارى ناھايىتى يۇقىرى، ھاياتلىققا تولۇپ تاشقان مېھىر - مۇھەببەت، ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ. شۇڭا بۇ مەزگىلدىكى بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا بالىلار چۆچەكلىرى، فانتازىيەلىك ھېكايىلەر، بالىلار قىسقا ھېكايىلىرى، بالىلار نەسىر ۋە شېئىرلىرى بەكرەك ماس كېلىدۇ. ئالايلۇق: «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى»، «ئاندرسۇن چۆچەكلىرى»، «گرىم چۆچەكلىرى»، «مىڭ بىر كېچە»، «ياغاچ قۇلاق»، «ئۇزۇن پايپاق پىپى»، «كرورەنلىك بالىلار»، «يالغانچى توسۇق»، «چوغلۇق ۋە ئۇنىڭ ئويۇنچۇقلىرى»، «ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر»، «ئەلىسنىڭ ئاجايىپ - غارايىپ سەرگۈزەشتلىرى»، «ياغاچ قورچاقنىڭ سەرگۈزەشتلىرى»، «نىلىسنىڭ غاز ئۈستىدىكى ساياھىتى»، « خارى  پوتېر ۋە سېھىرلىك تاش»، «سىرلىق سىگنال»، «يىلانلىق قورۇق»، «بالىلىقىم»، «سەھرادىن كەلگەن قىزچاق»، «چۆچەك ۋە مەسەللەر»، «ئاق يۆگەك»، «مەن سۇ ئىچكەن بۇلاقلار»، «ئۇ نېمە؟»، ۋەھاكازالار. بۇ مەزگىلدە بالىلار باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاچقا، ئۆگىنىش ۋە تاپشۇرۇقلىرى بەك كۆپ ۋە جىددىي بولمايدۇ. شۇڭا ئاتا - ئانىلار بۇ ياش باسقۇچىدىكى بالىلارنى كۆپرەك دەرستىن سىرتقى ئوقۇشلۇقلارنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ بىلىمگە بولغان قىزغىنلىقى ۋە مول تەسەۋۋۇرلىرىنى بوغۇپ قويماسلىقى كېرەك. ئاتا - ئانىلار يەنە شۇنى ئۇنتۇماسلىقى كېرەككى، بىر كىتابقا ھېرىسمەن بالا كەلگۈسىدە داڭلىق ئادەم بولالمىغان تەقدىردىمۇ ھەرگىز يامان ئادەم بولۇپ قالمايدۇ.
      ئۆسمۈرلۈك - ياشلىق مەزگىلى بالىلارنىڭ 12 ياشتىن 17 ياشقىچە بولغان ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مەزگىلدە بالىلاردا روشەن فىزېئولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلىدۇ، ئوغۇللارنىڭ بۇرۇتلىرى خەت تارتىپ، ئاۋازى توملىشىدۇ، قىزلارمۇ خىلمۇخىل ئاياللىق سۈپەتلەرنى ھازىرلاشقا باشلايدۇ. بۇ خىل ئۆزگىرىشلەر سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ پىسىخىكىسىدىمۇ مەلۇم تۇراقسىزلىقلار مەۋجۇت بولىدۇ. بۇ مەزگىلدىكى بالىلارنىڭ بالىلىقنىڭ باشقا مەزگىلىدىن پەرقلىق يېرى، ئىككى جىنس پەرقىنى روشەن ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ. ئەتراپىدىكى تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرگە ئىنتىلىدۇ. ھاياتلىقنىڭ تېخىمۇ كۆپ ھېكمەتلىرىنى بىلىشكە قىزىقىدۇ. شۇڭا بۇ مەزگىلدىكى بالىلارغا جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنى يورۇتۇپ بېرەلەيدىغان بىر قەدەر چوڭ ھەجىمدىكى بالىلار پىروزا ئەسەرلىرىنى، تارىخ - مەدەنىيەت توغرىسىدىكى ئاممىباب ئوقۇشلۇقلارنى تونۇشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئالايلۇق: «تام سويىرنىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتلىرى»، «خاك بېيلىنىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتلىرى»، «تۇمانلىق پايتەختتىكى يىتىم بالا»، «قارانچۇق»، «خاتىرىلەر»، «قىز ئوقۇغۇچىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى»، «ئاق پاراخوت»، «ئاجايىپ بالىلار»، «كىچىك شاھزادە»، «لەگلەك ئۇچۇرىۋاتقان ئادەم»، «جېن ئېير»، «دولان ياشلىرى»، «يەر شارىنى سەكسەن كۈندە ئايلىنىپ چىقىش»، «ماغدۇر كەتكەندە»، «دېڭىز  ئاستىدىكى يىگىرمە مىڭ چاقىرىملىق سەپەر»، «ئىزدىنىش»، «قۇتادغۇبىلىك»، «مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›»، «ئىدىقۇت ئوغلانلىرى»، «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»، «يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت»، «ئۆزلۈك ۋە كىملىك»، «بىز ئىزدەۋاتقان مائارىپ»، «مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلۇقىمىز»، ۋەھاكازالار.
      بالىلار ئاتا - ئانىلار ئۈچۈن ئۈمىد ماياكى، جەمئىيەت ئۈچۈن كەلگۈسىنى ياراتقۇچىلار بولۇپلا قالماي، يەنە بىر مىللەتكە نىسبەتەنمۇ شۇ مىللەتنىڭ خىلمۇخىل مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى ساقلاپ قالغۇچىلار ۋە يەنىمۇ كەلگۈسىگە ئۇزارتقۇچىلاردۇر. شۇڭلاشقا، ئالاھىدە تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بىزلەر ئۈچۈن، بالىلاردا ياخشى ئوقۇش - ئۆگىنىش ئەنئەنىسىنى كىچىكىدىن يىلتىز تارتقۇزۇشنى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تىرىشچانلىقىدىن باشقا، ئاتا - ئانىلارنىڭ  توغرا، ئىلمىي ئوقۇشقا يېتەكلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. چۈنكى، «قىلىق داۋاملاشسا، ھەرىكەتكە ئايلىنىدۇ. ھەرىكەت داۋاملاشسا، خاراكتېرنى شەكىللەندۈرىدۇ. خاراكتېر ئاقىۋەتتە تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ.» ئەمەسمۇ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-6 19:11  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
1208
تۆھپە
806
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 20:43:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما ئىكەن.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1886
تۆھپە
1571
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 11:22:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست دەيسىز .لېكىن بەزى  ئاتا-ئانىلار بۇنىڭغا تازا كزكڭۈل بۆلۈپ بولالمايۋاتىدۇ،،


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
چالقۇشى
تىللا
579
تۆھپە
301
UID
13725
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 21:40:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىنىش قىممىتى باركەن .................رەخمەت سىزگە


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
قوشماق ئاداش
تىللا
170
تۆھپە
58
UID
9724
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-10 17:11:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق بالىلارغا ئائىت تىمىلارنى كۆپرەك يوللىساق.


Rank: 1

تىللا
9
تۆھپە
1
UID
18129
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 11:32:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

I LOVE YOU 美白双高8

每天给她发一个短信说“I LOVE YOU!”, 腻死她!


美白护肤   


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-29 12:10, Processed in 0.086122 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991