رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيتى
سەھرادىكى قېش
مورىلاردىن چىقماقتا تۈتۈن، تورخونىدەك خومدانلارنىڭكى. مال- چارۋىلار بولغاچ ئېغىلدا، ئىچى پۇشار جاڭگاللارنىڭكى.
تاغقا ماڭدى ئوتۇنچى بۇۋاي، تېرىكچىلىك باشلاندى دىمەك. سېغىن كالا باغلاندى ئەنە، كېلىنلەرنىڭ قولىدا چىلەك.
كۆلچەكتىكى تۇتقان مۇزلاردا، چانا ئوينار غەمسىز بالىلار. قىيا-چىيا ئەۋجىگە چىقسا، ئەنسىزلىكتە ئىزلەر ئانىلار.
بۇ سەھرانىڭ قوينىدا مەنمۇ، ئۆز-ئۆزۈمچە شېئر يازىمەن. بۇيرىماڭلار ئەيىپكە مېنى، بىلگىنىمچە مىسرا قازىمەن.
رۇستەم قاراسۇ...ئاتۇشتا يېزىلدى
تېزىراق كەل
قار ياغمىدى زېمىستان كېرىپ، بەلكىم ئۇمۇ سېنى كۈتمەكتە. يوللۇرۇڭدا ئۈمۈدىلىك كۆزۈم، كۈتۈش بىلەن كۈنۈم ئۆتمەكتە.
ساڭا ئاتاپ تېرغان گۈلۈمنى، ئۆيۈمنىڭكى تۆرىگە قويدۇم. تەشتىكىگە يەنە ئېسمىڭنى، سېغىنىشتا نەقىشلەپ ئويدۇم.
قار تېلەيدۇ ئاشىق-مەشۇقلار، چىقىپ كۈندە كەڭرى دالاغا. رەقىپلىرىم يۈرىدۇ ماراپ، قويما مېنى كۈلكە بالاغا.
تۇنجى قاردىن كەلمىسەڭ بورۇن، سانىلىمەن ئەلدە بىتەلەي. تېزىراق كەل يىراقتىن جانان، تۇنجى قارنى سەن بىلەن كۈتەي.
رۇستەم قاراسۇ.....ئالاتاۋدا يېزىلدى |