كۆرۈش: 5338|ئىنكاس: 1

ئاندېرسوننىڭ نىكاھ ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
116
تۆھپە
79
UID
9320
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 16:39:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئاندېرسوننىڭ <<بوۋاي خاتالاشمايدۇ>>ناملىق چۆچىكى،كۆرگەن ھەرقانداق كىشىنى تەسىرلەندۈرۈپ چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.
ھېكايە بەك مۇراككەپمۇ ئەمەس:بىې كەنىتتە بىر جۈپ كەمبەغەل بوۋاي موماي ئەر-خوتۇن ياشايدىكەن.بىركۈنى ئۇلار ئۆيدىكى بىردىن-بىر پۇلغا يارايدىغان ئېتىنى بازارغا سېلىپ،تېخىمۇ كېرەكلىك بولغان نەرسىلەرنى سېتىۋالماقچى بولۇپتۇ.بوۋاي بازاردا ئېتىنى ئاۋۋال بىر سىيىرغا تىگىشىپتۇ،سىيىرنى بىر قويغا تىگشىپتۇ،قوينى يەنە بىر سېمىز غازغا،غازنى بىر مىكىيانغا تىگىشىپتۇ،ئەڭ ئاخىرىدا مىكياننى بىر مىشكاپ سېسىق ئالمىغا تىگىشىپتۇ.ھەر قېتىمقى تىگىشىشتە ئۇ موماينى بىر خوش قىلېۋىتەي دەپ ئويلىغان ئىكەن.ئۇ مىشكاپنى يۈدۈپ بېرىپ بىر كىچىك قاۋاقخانىدا دەم ئېلىۋاتقاندا ئىككى ئەنگلىيىلىك كىشى بىلەن ئۇچرۇشۇپ قاپتۇ،گەپتىن گەپ چىقىپ ئۇ ئۆزىنىڭ بازاردا قىلغان ئىشلىرىنى دەپ بېرىپتۇ،بۇنى ئاڭلىغان ئىككى ئەنگلىيىلىك قاھقاھلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ.
_ئۆيگە بارغاندا خوتۇنۇڭ چوقۇم ئەدىبىڭنى بېرىدۇ،_دەپتۇ. بوۋاي:-ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ.-دەپتۇ. ئىككى ئەنگلىيىلىك بىر خالتا تىللا تەڭگىنى دوغا تىكىپتۇ.ئەگەر بوۋاي ئۆيگە قايتقاندا مومىيى ئۇنى ئەيىپلىمىسە،بۇ تىللالار بوۋاينىڭ بولىدىغان بولۇپتۇ.شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككەيلەن بوۋاي بىلەن بىللە بوۋاينىڭ ئۆيىگە مېڭىپتۇ.
بوۋاينىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن موماي بەك خوشال بولۇپ كېتىپتۇ.بوۋاينىڭ قولىغا سۇ بېرىپ،ئۇسسۇزلۇق قۇيۇپتۇ.بوۋاينىڭ بازاردا قىلغان ئىشلىرىنى ئاڭلاپتۇ،بوۋايمۇ قىلچە يۇشۇرماستىن،ھەممە جەرياننى بىرمۇ بىر سۆزلەپ بېرىپتۇ.ئاڭلاپ ھەربىر نەرسىنى يەنە نەرسىگە ئالماشتۇرغانغا كەلگەندە،موماي ھاياجانىنى باسالماي قاپتۇ.
-ۋاھ،بىزنىڭ ئىچكىلى سۈت قايمىقىمىز بار بوپتۇ! -قوي سۈتىمۇ ئىچىشلىك بولىدۇ! -غاز پەيلىرى بەك چىرايلىق بولىدۇ!
-ۋاھ،تۇخۇم يېيىلەيدىغان بوپتۇقتە!دېگەندەك گەپلەرنى قىپتۇ.ئەڭ ئاخىر بوۋاينىڭ بىر مىشكاپ سېسىق ئالما ئېلىپ قايتقانلىقىنى ئاڭلىغاندا ئۇ ئوخشاشلا ئاچچىقلانماپتۇ،ھەمدە:-بۈگۈنكەچتىلا ئالما قاتلىمىسى يەيلى!دەپتۇ-دە بوۋاينى قۇچاقلاپ پېشانىسىگە سۈيۈپ قۇيۇپتۇ........نەتىجىسىنى سۆزلەش نە ھاجەت،ئەنگلىيىلىكلەر 100نەچچە قاداق تىللانى ئۇتتۇرۋېتىپتۇ.
   بۇ چۆچەكنى دەسلەپ كۆرگىنىمدە،ئۇنىڭدىن چوڭقۇر مەنانى چۈشەنمىگەن ئىكەنمەن،ئاندېرسۇن ئەخلەق ئادەملەرنى مازاق قىلىپ ياكى ئەر-ئاياللارنى ئىناق ئۆتسۇن دەپ يازغانمىكىن دەپ چۈشەنگنىدىم.كىشىلىك تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرىم بىلەن نىكاھ ئىشلىرىمنىڭ چىنىقتۇرۇشى بىلەن،ئاندېرسۇننىڭ ئىپادىلىمەكچى بولغىنىنى ئاستا-ئاستا چۈشۈنۈپ يەتتىم.ئۇ بىزگە ئائىلىۋى تۇرمۇش كەچۈرۈشتە ئاساس ئەر-ئايال ئوتتۇرسىدا كەڭ قورساق بولۇش،ھۆرمەت قىلىش،ئىشىنىش ۋە سەمىمىي بولۇش كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىكەن.گەرچە بىر تەرەپ سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ،پەقەت سەمىمىي بولسىلا،ئۇنىڭ جەريانىنى،مۇددىئاسىنى موھىم بىلىش،نەتىجىسى بىلەن ھېساپلاشماسلىق كېرەك.شۇنداق قىلغاندىلا ئائىلىنىڭ ئىناقلىقى بولىدۇ.ئەر-ئاياللارنىڭ ئىناق بولۇشى،كەڭ قورساق بولۇشى،نىكاھنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىدۇر.قارشى تەرەپنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى تولۇق چۈشىنىش،بەك قاتتىق تەلەپ قويماسلىق،ئەيىپلەپ كەتمەسلىك كېرەك.شۇ چاغدىلا ئاندىن قارشى تەرەپكە مۇھەببەت بولىقى ئاتا قىلغىلى بولىدۇ.نىكاھمۇ چوقۇم چۆچەكلەردىكىدەك كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرگىدەك گۈزەل بولىدۇ.
                          مۇھەببەت ئۆزى بىر سەنئەت،كەڭ قورساق بولۇش مۇھەببەتنىڭ ئاساسى

        مەنبە:ئەدەبىي تەرجىمىلەر2002-يىل3-سانىدىن

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1449
تۆھپە
919
UID
4983

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 00:00:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

(مۇھەببەت ئۆزى بىر سەنئەت،كەڭ قورساق بولۇش مۇھەببەتنىڭ ئاساسى)

                                                                                            بۇ جۈملە ماڭا ياقتى .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-23 17:07, Processed in 0.069584 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991