كۆرۈش: 3876|ئىنكاس: 5

مىخ قېقىش ۋە ئاچچىقلىنىش[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
116
تۆھپە
79
UID
9320
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 10:09:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                   مىخ
بىر ئوغۇل بالىنىڭ مىجەزى بەك ئوسال ئىدى،شۇڭا دادىسى ئۇنىڭغا بىر قاپ مىخ بېرىپ،ھەر قېتىم ئاچىقى كەلگەندە ئارقا ھويلىدىكى تامغا بىر تال مىخ قېقىشنى ئېيتى.
بۇ ئوغۇل بالا بىرىچى كۈنى تامغا 37تال مىخ قاقتى.
ئىككىنچى كۈنى 30 تال مىخ قاقتى.
  ئۇنىڭ قاققان مىخىنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە ئازلىدى.ئۇ ئاستا-ئاستا ئۆزىنىڭ ئاچچىقىنى بېسىشنىڭ مىخ قېقىشقا قارىغاندا ئاستىلىقىنى بايقىدى.بۇ بالا ئاخىرى سەۋرىچان بۇلالايدىغان،قالايمىقان ئاچچىقلانمايدىغان بولدى.ئۇ بۇ ئەھۋالنى دادىسىغا ئېيتقاندا،دادىسى ئۇنىڭغا ھازىردىن باشلاپ ھەر قېتىم ئاچچىقىنى باسقاندا بىر تال مىخنى يۇلۇشنى ئېيتتى.
   كۈنلەر ئارقا-ئارقىدىن ئۆتۈۋەردى،ئاخىرى ھېلىقى بالا دادىسىغا مىخلارنىڭ ھەممىسىنى يۇلۇپ بولغانلىقىنى ئېيتتى.
دادا بالىسىنىڭ قولىدىن يېتىلەپ ئارقا ھويلىغا چىقىپ:_ئوبدان بالام،ناھايىتى ياخشى قىلىپسەن،بىراق تامدىكى تۆشۈكلەرگە قاراپ باققىنا،بۇ ھويلا تېمىنى ئەمدى ھەرگىزمۇ ئىلگىرىكى ھالىتىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ.سېنىڭ خاپا بولغان چاغدا دېگەن گەپلىرىڭ ئاشۇ مىخلارغا ئوخشاش ئىز قالدۇرىدۇ.ئەگەر سەن قولۇڭغا پىچاق ئېلىپ باشقىلارغا سانچىساڭ،سەن ئۇنىڭغا كۆپ قېتىم كەچۈرۈڭ دېسەڭمۇ،ئۇ جاراھەت مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدۇ.   كىشىلەر تىل يارىسىغا مىخ يارىغا ئوخشاشلا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ،دېدى.

                                                                كەڭ قۇرساق بولۇش
  ۋيېتنام ئۇرۇشىدىن قايتىپ كەلگەن بىر ئەسكەر سان-فرانسىسكودىن ئاتا-ئانىسىغا تېلېفۇن بېرىپ:_دادا،ئاپا،مەن قايتىپ كەلدىم بىراق،مېنىڭ ئانچە مۇۋاپىق بولمىغان بىر تەلىبىم بار.مەن بىر دوستتۇمنىمۇ ئۆيگە بىللە ئېلىپ بارماقچىمەن._دېدى.
بەك ياخشى بوپتۇ!-دېدى ئۇلار جاۋاپ قايتۇرۇپ،-بىز ئۇنى خوشاللىق بىلەن قارشى ئالىمىز.ئوغلى يەنە گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:-بىراق،مۇنداق بىر ئىشنى ئالدىن سىلەرگە ئېيتىپ قويماقچىمەن.مېنىڭ ئۇ دوستۇم ۋيېتنام ئۇرۇشىدا ئېغىر يارلىنىپ،بىر قولى ۋە بىر پۇتىدىن ئايرىلغان،ئۇ ھازىر ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى،مەن ئۇنى بىزنىڭ ئۆيگە ئەكېلىپ بىز بىلەن بىللە تۇرۇشقا تەكلىپ قىلماقچىمەن. -ئوغلۇم،مەن بۇنىڭدىن بەك ئەپسۇسلىنىۋاتىمەن،ئەمما بىز ئۇنىڭ خاتىرجەم تۇرغۇدەك بىرەر جاي تېپىۋىلىشىغا ياردەم بېرىشىمىز مۆمكىن،-دېدى دادىسى،-بىراق،نىمە دەۋاتقانلىقىڭنى بىلەمسەن ئوغلۇم،ئۇنىڭ مېيىپ ئادەملەر بىزگە ناھايىتى ئېغىر يۈك بولۇپ قالىدۇ.بىز ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى ئوبدان ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك.مېنىڭ تەكلىبىم شۇكى،سەن ئاۋۋال قايتىپ كېلىپ ئاندىن ئۇنى ئۇنتۇپ كەتكىن،ئۇ ئۆزى تۇرغۇدەك ماكان ېپىۋالار!
   بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئوغلى تېلېفۇننى قويۋەتتى،دادىسى شۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى توغرىسىدا ھېچقانداق خەۋەر ئاڭلىمىدى.
بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن بۇ ئاتا-ئانا سان-فرانسىسكو ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئۇلارنىڭ ئوغلىنىڭ بىنادىن سەكرەپ ئۆلۋالغانلىقى ھەققىدە بەرگەن تېلېفۇنىنى ئالدى.ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە،بۇ پۈتۈنلەي بىر ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش دېلوسى ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئاتا-ئانا دەرد-ھەسىرەت ئىچىدە ئايروپىلان بىلەن سان-فرانسىسكوغا يېتىپ باردى ھەمدەساقچى تەرەپنىڭ يول باشلىشى بىلەن ئوغلىنىڭ جەسىتىنى تۇنۇش ئۈچۈن جەسەت ساقلاش ئۆيىگە كىردى.  ئۇ ھەقىقەتەن شۇلارنىڭ ئوغلى ئىدى.بىراق،ئۇلارنى ھەيران قالدۇرغىنى،ئوغلىنىڭ پەقەت بىر قولى ۋە بىر پۇتىلا بار ئىدى.  بۇ ئاتا-ئانا زور كۆپچىلىكىمىزگە ئوخشايدۇ.چىرايلىق،كېلىشكەن ياكى گەپ-سۆزى لاتاپەتلىك ئادەملەرنى ياخشى كۆرىدىغانلارنى تېپىش بەك ئاسان.ئۆزىگە قۇلايسىزلىق ۋە خاپىلىق تېپىپ بېرىدىغان ئادەملەرنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىتېپىش ناھايىتى قېيىن.
  بىز ھامان ئۆزىمىزنىڭ ساغلام،چىرايلىق ياكى ئەقىللىق بولمىغان ئادەملەرگە يېقىنلىشىشىنى خالىمايمىز،بۇ نېمىدېگەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش-ھە! ھېلىمۇ خوداغا شۈكۈر،بەزى ئادەملەر بىزگە ئوخشاش ئۇنداق شەپقەتسىز ئەمەس.ئۇلار بىزنى پۈتۈنلەي ئاسرايدۇ،بىز ھەرقانچە يامن بولۇپ كەتسەكمۇ ئۇلار بىزنى ئارىغا ئالىدۇ.

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1735
تۆھپە
959
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 23:59:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيىۋى ئەھمىيىتى زوركەن ، ئەجرىڭىزگە رەخمەت


ھايات ـــ مەن ئۈچۈن بىر سىناق.

Rank: 3Rank: 3

تىللا
116
تۆھپە
79
UID
9320
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 10:03:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نارگىزخانىم،ھەر قېتىمقى ئېلان قىلىنغان ماقالە ۋە ئەسەرلىرىمگە ئىنكاس قايتۇرۇش ئارقىلىق باھا بېرىۋاتىسىز،سىزگە  كۆپ رەخمەت.سىز ،مېنىڭ ئەينىكىم رەخمەت سىزگە!


Rank: 3Rank: 3

تىللا
173
تۆھپە
96
UID
11161
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 14:33:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت .ياخشى  تېمىكەن


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
768
تۆھپە
305
UID
7115
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 17:57:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت،بىرىنجىسىنى بىر چاغدا قايسى بىر كىتاپتا كۆرگەندەك قىلىۋىدىم ، يەنە بىر كۆرۈش پۇرسىتى كەپقاپتۇ ئەھمىيەتلىككەن


Rank: 6Rank: 6

تىللا
734
تۆھپە
384
UID
1140

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 11:37:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىرىنچى مەزمۇننى ئىنتايىن ياقتۇرىمەن، ھەم دائىم ئاچچىقلانغاندا ئۇ ھېكايىنى ئەسكە ئېلىپ ئۆزەمنى ئاچچىقتىن ئاسانلا كونترول قىلالايمەن. رەھمەت سىزگە بەھىرلەندۈرگىنىڭىزگە، ئىشىنىمەن، نۇرغۇنلىغان مۇنبەرداشلار ياقتۇرۇپ ئۆزىگە ئۈلگە قىلىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   marbiya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-26 11:39  



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-31 12:47, Processed in 0.082342 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991