كۆرۈش: 9282|ئىنكاس: 6

مارالبېشىدا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سالامەتلىكى ھەقسىز تەكشۈرۈلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
توغراق
تىللا
420
تۆھپە
76
UID
95
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 19:12:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مارالبېشى ناھىيەسىدە 11مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش باشلاندى



     مارالبېشى ناھىيەسى ھەر مىللەت كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە پارتىيە،ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ھىس قىلدۇرۇش، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپىلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كىسەل بولسا بالدۇر بايقاپ داۋالاش، كىسەل بولمىسا ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىش مەقسىدىدە قانات يايدۇرىلىدىغان 11مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش 4-ئاينىڭ 19-كۈنى ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ۋە ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىدا ئومۇمىيۈزلۈك باشلاندى.
    مارالبېشى ناھىيەسى بۇ يىلقى «خەلق تۇرمۇشى يىلى»دىكى تۈرلۈك نىشان، ۋەزىپە-كۆرسەتكۈچلەرنى سان-سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ھالدا ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن    ناھىيە مالىيەسىدىن 2مىليۇن يۈەنگە يېقىن پۇل ئاجرىتىپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى ئىشلەۋاتقان، پىنىسىيەگە، دەم ئېلىشقا چۈشكەن11مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت كادىر، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلغان بولۇپ، بۇ پائالىيەت 4-ئاينىڭ 19-كۈنى ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ۋە ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىدا ئومۇمىيۈزلۈك باشلاندى.
    ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا قان بېسىمىنى ئۆلچىتىۋاتقان ناھىيەلىك سىيايسىي كىڭەشنىڭ رەئىسى ئابدۇرېيىم رۇزى مۇنداق دىدى: - ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ناھىيە تەۋەسىدىكى ئىشلەۋاتقان، پىنىسىيەگە، دەم ئېلىشقا چۈشكەن ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى-خزىمەتچىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرىشى ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە كۆيۈنگەنلىكى، ئۇلارنى ئاسىرىغانلىقىنىڭ تىپىك مىسالى، بۇ ھەم بىز ھەر مىللەت كادىرلار ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ناھىيەمىزنىڭ ئۇزاق ئەمىنلىكى ۋە ھالقىما تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۈگۈن مەن سالامەتلىكىمننى تەكشۈرتۈپ،تېخىمۇ خاتىرىجەم بولدۇم، قايسى جەھەتتە دىققەت قىلىشىمنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلىكىنى بىلىۋالدىم.
    -مەن بۇ قېتىم ناھىيەنىڭ ئورۇنلاشۇتۇرىشىغا ئاساسەن سالامەتلىكىمنى تەكشۈرتۈپ، قان بېسىمىمنىڭ بىر ئاز يۇقىرىلىقىنى، جىگىرىمنى ماي قاپلاپ كەتكەنلىكىنى ئۇقىۋالدىم، ئەمدى دەرھال ياتاقتا يېتىپ داۋالىنىمەن. ناھىيەگە كۆپ رەھمەت! بالدۇرراق تەكشۈرتۈپ، كىسلىمنى بالدۇر بايقىغىنىم ئوبدان بولدى، يىمەكلىككە دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سالامەتلىكىمنىڭ تېزراق ئەسلىگە كىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈمەن،-دىدى، سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈۋاتقان ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومتېتىنىڭ شوپۇرى ئېلىجان راخمان ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ.
    ئىگىلىنشىچە بۇ پائالىيەت 8-ئايدا ئاخىرلىشىدىكەن.

توغراق خەۋىرى،فوتوسى


吐尔洪江 046 副本.jpg


吐尔洪江 041 副本.jpg


吐尔洪江 040 副本.jpg


吐尔洪江 038 副本.jpg


吐尔洪江 026 副本.jpg


吐尔洪江 020 副本.jpg


吐尔洪江 016 副本.jpg


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 2

تىللا
127
تۆھپە
37
UID
12417
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 22:08:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقسىز بەدەن تەكشۈرتىۋالدىكەنمىزدە


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1316
تۆھپە
918
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 20:44:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ  ئىداردا 3 ئايدا بىر سالامەتلىك تەكشۈرتىمىز مەجبورى ،  ئاساسلىقى  پىلاندىن سىرىت  پەرزەنىتلىك بوپ قالمىسۇننى  چۆرىدەپ .


يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

Rank: 4

ئىسىمى
نۇر ئەلى
تىللا
410
تۆھپە
188
UID
5237
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 00:30:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mehrim يوللىغان ۋاقتى  2012-4-20 20:44
بىزنىڭ  ئىداردا 3 ئايدا بىر سالامەتلىك تەكشۈرتىمىز مەج ...

سىلنىڭ ئىدارىدىكىلە سېلەگە خىلى كويۇندىكەن ھە ، 3 ئايدا بىر قىتىم سالامەتلىكنى ھەقسېز تەشكۇرۇپ قويسا نىمىدىگەن ياخشى سېلەگە ھە ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،


Rank: 1

تىللا
33
تۆھپە
8
UID
9974
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 02:18:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن خىزمەتكە قاتناشقان 13يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ھۇكۇمەتىنىڭ ئىشچى -خىزمەتچىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۇرتىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم، بۇ مەركىزى كومتېتىنىڭ «ئادەمنى ئاساس قىلىش»دىگىنىنىڭ ئاساسىي قاتلاملاردا ئەمىلىلىشى بولساكىرەك.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1316
تۆھپە
918
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 12:15:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
KIZILYOPURMAK يوللىغان ۋاقتى  2012-4-21 00:30
سىلنىڭ ئىدارىدىكىلە سېلەگە خىلى كويۇندىكەن ھە ، 3 ئاي ...

بەلكىم ياخشى ، بۇ تەكشۇرۈشنىڭ قايسى مەخسەتتە  ئورۇنلاشتۇرغانلىقى  ئادەمنى بىر خىل قىلىپ قويدۇ .


يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

Rank: 4

ئىسىمى
مۇساجان
تىللا
317
تۆھپە
191
UID
713
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 18:09:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پارتىيەگە رەھمەت. ياشىسۇن پارتىيە-ھۆۈمەت!!!!


ئۇيغۇرنىڭ دەردى قانچىلىكتۇ ؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-23 20:09, Processed in 0.097970 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991