ئوقۇغۇچۇم نەزىرىدىكى«ئۇيغۇرچە مەكتەپ»
ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىمدىن باشلاپ كۈنۈپ قالغان ئادىتىم بولغاچقىمىكىن، خىزمەتكە چىققاندىن كىيىنمۇ يەنىلا ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقىنى بىرلىكتە ئېلىپ بېرىۋاتاتىم. چۈنكى مەن مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا "غەرىپنى ئېچىش چوڭ پىلانىدىكى پىدائىلار"دىن بۇلۇپ يۇرتۇمدىن ئايرىلىپ باشقا يۇرتقا بېرىپ، پىدائىي بۇلۇپ ئىشلەۋاتقان بولغاچقا، كەچلىرى ياتاقتا زىرىكىپ ئولتۇرغىچە قۇشۇمچە بۇكەسىپنى قىلىشنى كۆڭلۈم تاتىپ قالغانتى.
مانا بۇ ئاتالمىش ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقىنىمۇ باشلىغىلى ئىككىنچى ئېيىغا قەدەم قۇيۇپتۇ. مەن دەرس بېرىۋاتقان بۇ ئۇيغۇر زىيالىي ئائىلىسىنىڭ قىزى بۇيىل 8ياشقا كىرگەن بۇلۇپ خەنزۇ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇيتى.
بىر كۈنى مەن كۈندىلىك ئادىتىم بۇيىچە ئۇ ئوقۇغۇچۇمنىڭ ئۆيىگە دەرس ئۆتۈشكە ماڭدىم. دەرۋەققە ئوقۇغۇچۇم تامىقىنى يەپ بۇلۇپلا مېنى ساقلاپ ئولتۇرغان ئىكەن. مەنمۇ ئوقۇغۇچۇمنىڭ ئىشلەپ بولغان تاپشۇرۇقلىرىنى تەكشۈرگەچ، ئىشلىيەلمىگەن، چۈشىنەلمىگەن جايلىرىنى چۈشەندۈرۈپ قۇيىۋاتاتتىم. تۇيۇقسىز ئوقۇغۇچۇم مەندىن بىر سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ قۇيۇشنى سورىدى. مەن ئۇسۆزنى خەنزۇچە چۈشەندۈرۈپ قويماقچى بۇلۇپ چۈشەندۈردۈم، لىكىن ئوقۇغۇچۇم چۈشىنەلمىدى. مەن ئۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسىنى يېشىپ ئۇيغۇرچە چۈشەندۈردۈم. ئاقۋەت يەشمىگە ئىشلەتكەن ئۇ ئۇيغۇرچە سۆزلىرىمنى بىلەلمەي«ئۇ نېمە دىگەن گەپ؟» دەپ يەنە مەندىن سورىدى، ئاخىرى بولماي مەن ئۇ سۆزلەرنى خەنزۇچىگە ئۆرۈپ چۈشەندۈرۈشكە مەجبۇر بولدۇم. ئادەتتىمۇ شۇنداق ئىدى. ئەمدىلا 8ياشقا كىرگەن بۇ ئوقۇغۇچۇمنىڭ يە ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرسەم تۇلۇق چۈشەنمەي(ئۇيغۇرچە ئاساسى يوق بولغاچقا) يە خەنزۇچە چۈشەندۈرسەم چۈشەنمەي (ئەمدىلەتتىن خەنزۇچە ئاساسي شەكىللەنگەچكە) قېلىشى بىلەن كۆپىنچە ۋاقىت سۆزنى ئىككى خىل تىلدا چۈشەندۈرۈش بىلەن ئۆتۈپ كېتەتتى. بۈگۈنمۇ شۇنداق بولدى، ئۆزى تەستە چۈشەنگەچكىمىكىن تېخى مەندىن ئاغىرنىپ« نېمىشقىمۇ خەنزۇ مەكتەپتە ئوقىمىغانسىز؟ ئۇيغۇر مەكتەپتىمۇ ئوقۇمدۇ؟» دېيىشى دېققىتىمنى قوزغىدى. دەسلەپ بۇ گەپنى ئاڭلاپ « مەن سىزگە خەنزۇچە چۈشەندۈرسەم، ئۆزىڭىز ‹بۇنى لاۋشى ئۆتمىگەن خەتكەن بىلمىدىم› دەپ چۈشىنەلمەيسىز؟! ئەمدى ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرسەم ‹ئۇ نېمە دىگەن گەپ؟بۇ نېمە دىگەن گەپ؟› مەنىسىنى بىلمەيسىز؟! يەنە تېخى مېنىڭ ئوقىغان مەكتىپىمدىن رەنجىمسىزما؟» دەپ سەل چېچلدىم، بۇ چېچىلىشلىرىمغا كار قىلمىدىمۇ بىلمىدىم يەنە شۇ ئاغزىدىن چۈشمەيدىغىنى«مەن ئۇيغۇرچە مەكتەپكە ئۆچ،مەن ئۇنداق مەكتەپتە ئوقىمايمەن ». كىيىن سەۋىرچانلىق بىلەن ئولتۇرۇپ، ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇشنىڭ زىيىنى يوقلىقى، پەقەت تىرىشىپ ياخشى ئوقىسىلا كىيىن چۇقۇم نەتىجە قازىنالايدىغان ئېتتىم.
ياتىقىمغا قايتىش جەريانىدا شۇنى ئويلاپ قالدىم. بۇ ياشتىكى بالىلار قايسىلا مەكتەپتە ئوقىشى ئۇ ئۆزىنىڭ ئىتىيارلىقىدىكى گەپ! لىكىن بىرسىدە ئوقۇپ يەنە بىرسىنى كەمسىتىش بۇ ياشتىكى بالىلارنىڭ ئېڭىدا شەكىللەنگەنلىكى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بۇ كىچىك گودەكلەرنىڭ ئېڭىدا نېمىشقا شۇنداق ئاڭ پەيدا بۇلۇپ قالىدۇ؟ بۇنىڭغا سەۋەپنى نەدىن ئىزدەپ، دورىنى قەيەردىن تېپىشىمىز كېرەك؟