- تىللا
- 195
- تۆھپە
- 35
- نادىر
- 0
- يازما
- 35
- جۇغلانما
- 300
- ھوقۇقى
- 20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-6-4
- تىزىملاتقان
- 2012-4-5
- UID
- 11362
 
- تىللا
- 195
- تۆھپە
- 35
- UID
- 11362
| نىمكەش ئۆينى بىزەشتىكى مەدەنىيەتسىزلىك مەلۇم ئولتۇراق رايوندىكى بىر كونا بىنانىڭ يوقۇرى قەۋىتىدىكى بىر ئائىلىلىك ئۆينى سېتىۋالغان ئادەم ئۆينىڭ ئەسلىدىكى بىر چىرايلىق قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ ، يېڭىۋاشتىن بىزەشكە كىرىشتى . تامنى ئورۇپ چاققان چاغدىكى قولاقنى يارغىدەك چىققان قاتتىق ئاۋاز تۆۋەن قەۋەتتە ئولتۇرغان ئائىلىلەرنىڭ ئارامىنى بۇزۇپ ھەممە ئادەمنى بىزار قىلدى . ياشانغانلار ۋە كىچىك بالىلار ئۆيدە ئولتۇرۇشقا ئامالسىز قېلىپ ، سىرتقا چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى . بىر نەچچە كۈنلۈك تام چېقىشتىن كېيىن ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ قاتتىق غاژىلدىغان ئاۋازى نەچچە كۈنگىچە توختىماي ، كىشىلەرنى ئۆز ئۆيلىرىدە خاتىرجەم ئولتۇرۇپ تېلىۋوزور كۆرەلمەيدىغان ،ئارام ئالالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى . سۇ تۇرۇبىسىنى ئۆزگەرتىپ قوراشتۇرۇش ئۈچۈن باش سۇ كېلاپانىنى ئېتىۋېتىش كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلدى .مانا بۇ ، مەلۇم جايدا يۈز بەرگەن بىر ھەقىقى ۋەقە . ئۆزىنىڭ مەنپىئەتىنى كۆزلەپ ، باشقىلارنىڭ نىمە بولۇشى بىلەن كارى بولمايدىغان بۇنداق قىلىقنى مەدەنىيەتسىزلىك ، ئەخلاقسىزلىق قىلمىشى دىمەي يەنە نىمە دەيمىز ؟! ئاڭلىشىمىزچە ، تەرەققى تاپقان دۆلەتلەردە كىشىلەرنىڭ مەدەنىيلىك ئېڭى ناھايىتى يوقۇرى بولۇپ ، ئولتۇراق بىنانىڭ يوقۇرى قەۋىتىدە ئولتۇرۇدىغانلار تۆۋەن قەۋەتتە ئولتۇرۇدىغانلارنىڭ ئارامىنى بۇزۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ،قاتتىغراق ئاۋازدا ۋاراڭ-چۇرۇڭ ،تاراق-تۇرۇق قىلمايدىكەن ، بۇنى رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك بىر خىل ئىجتىمائى ئەخلاق ، دەپ ھىساپلايدىكەن . ئەمما ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەردە بۇ خىل ئىجتىمائى ئەخلاق شەكىللەنگىنى يوق ، شونداقلا بۇخىل ئىجتىمائى ئەخلاققا يات بولغان مەدەنىيەتسىزلىك قىلمىشلىرىنى چەكلەيدىغان مۇناسىپ قانون - تۈزۈم يوق . شوڭا ، مۇشۇنداق مەدەنىيەتسىزلىك قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن نورمال ئائىلە تۇرمۇشى تەسىرگە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ئاچچىغىنى ئىچىگە يۇتۇپ يۈرمەكتىن باشقا ئامالى يوق . ئالاقىدار موتەخەسېسلەرنىڭ قارىشىچە ، بىنا ئۆيلەرنىڭ قۇرۇلمىسىنى لايىھىلىگەندە ، ئۇنىڭ يەر تەۋرەشكە بولغان چىدامچانلىغى ئالدى بىلەن ئويلىشىلىدىكەن . ئەگەر بىنا ئۆيلەرنىڭ ئەسلىدىكى قۇرۇلمىسىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ تاملارنى ئورۇپ چاققاندا ، بىنانىڭ يەر تەۋرەشكە بولغان چىدامچانلىغى تەسىرگە ئۇچرايدىكەن . ناۋادا يەر تەۋرەپ قالسا ، بۇ خىل بىنانىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش خەۋپى چوڭ بولىدىكەن . بىنا ئۆينىڭ تاملىرىنى خالىغانچە ئورۇپ چېقىپ ئۆي بىزىگەنلەر بۇ نوقتىنى نىمىشقا چۈشەنمەيدىغاندۇ !؟ مىنىڭچە ، بۇخىل مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا يەنىلا قانون-تۈزۈمگە تايانغىنىمىز موۋاپىقتەك قىلىدۇ .قانونىلاشتۇرۇش ،تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا ،يوقۇرقىدەك ھەركەتلەرنى تىزگىنلەش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن ، بىرىنچىدىن ، ئولتۇراق بىنا ئۆيلەرنى لايىھىلەش ، قۇرۇلۇش قىلىش ،ئۆزگەرتىپ قۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم بولسا ۋە بۇ ئۆلچەمنىڭ يولغا قۇيۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان قانون-تۈزۈم شەكىللەنسە ھەمدە بۇ قانون - تۈزۈمنىڭ ئىجراسىغا نازارەت قىلىدىغان مۇناسىپ ئورگان بولسا ؛ ئىككىنچىدىن ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇشتىكى چىدامچانلىق قاتارلىق ئامىللار تولۇق نەزەرگە ئېلىنىپ سېلىنغان ئولتۇراق بىنا ئۆيلەرنىڭ قۇرۇلمىسىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە يول قويۇلمىسا ، بۇ خىل ھەركەتلەر مۇناسىپ قانون-تۈزۈمىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ تۇرسا ؛ ئۈچىنچىدىن ، كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىجتىمائى ئەخلاق زور كۇچ بىلەن تەشۋىق قىلىنىپ ، كىشىلەرنى ئىش قىلغاندا مەدەنى بولۇشقا ، كۆپچىلىكنىڭ مەنپىئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ ، قوشنىلارنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا دەخلى-تەروز قىلماسلىققا دەۋەت قىلىنسا . ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ مەدەنىلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ ، ئىجتىمائى ئەخلاققا ئاڭلىق رىئايە قىلسا ، مىنىڭچە يوقۇرقىدەك مەدەنىيەتسىزلىك قىلمىشلىرى ئۆزلىكىدىن تۈگەيدۇ .
|
|