كۆرۈش: 1598|ئىنكاس: 1

مۈنبەرداشلارغا مۇراجىئەت[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
84
تۆھپە
22
UID
9190
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 16:33:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىر ئاساسى قاتلامدىكى مائارىپ خىزمەتچىسى .يېزا -بازارلىق خەلق ھۈكۈمىتىنىڭ مائارىپ كەسپى كادىرى .ئەمەلى خىزمەت جەريانىدا قانۇن -تۇزۇمگە ئالاقىدار مەسىلىلەر ناھايىتى كۆپ ئۇچراپ تۇرىدۇ . قولۇمدىكى قانۇنغا ئائىت ماتېرىياللار چەكلىك ھەمدە ئۆزۈمنىڭ قانۇن جەھەتتىكى بىلىمىم يىتەرلىك بولمىغانلىغى سەۋەبىدىن بۇ خىلدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا قىيىنچىلىق ھەقىقەتەن خېلى كۆپ .مۇنبەرداشلاردىن بۈگۈن ياردەم سورىماقچى بولغان مەسىلە تۈۋەندىكىچە :
مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرمەي تۇرۇپ توي قىلىشى چكلىنىدىغانلىغىنى بىلىمىز .لىكىن مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن ئاساس بارمۇن ، <<نىكاھ قانۇنى>>دا بۇ ھەقتە ئىنىق چەكلىمە يوقكەن .
ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئىنتايىن ئاز بىرقىسمىنىڭ يشى نوپۇس تىزىملاشتا چوڭ ئېلىنىغان ياكى كىيىن ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ قانۇنلۇق توي خېتى ئالغانلىرى ناھايىتى ئاز . كۆپ قىسمى ساختا توي خېتىنى سېتىۋېلىپلا توي قىلغان بولغاچقا خەلق ئىشلار تارماقلىرىمۇ بۇنداق ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئارىلىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن .ساقچىخانىغا مەلۇم قىلغانلىرىمىزنىمۇ خەلق ساقچىلىرىمىز <<بۇنداق ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان قانۇن ماددىلىرى يوق ،بىر تەرەپ قىلىشقا ئامالسىزمىز >> دىگەن گەپ بىلەنلا بۇنداق مەسىلىلەرنى قوبۇل قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىۋاتىدۇ ....
ھازىر قولىمىزدا مۇشۇ خىلدىكى مەسىلىلەردىن ئون نەچچىسى تۇرۇپتۇ ...قانداق بىر تەرپ قىلىشنى بىلمەي بېشىمىز قېتىپ تۇرۇۋاتىدۇ ....
قانۇن ساۋادلىرىدىن خەۋىرى بار تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتە مەسلىھەت بىرىشىنى ، بىزگە يول كۆرسىتىپ قۇرامىغا يەتمىگەن ئاشۇ نارەسىدىلەرنىڭ قانۇنى ھوقۇق -مەنپەئەتىنى قوغداپ قېلىشىمىزغا ۋە بۇندىن كىيىن بۇنداق ئىشلارنىڭ قايتا يۈز بىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىزغا ياردەمدە بولۇشىنى سەمىمى ئۈمىت قىلىمەن ...
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ياسىنجان
تىللا
532
تۆھپە
280
UID
21172
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 20:51:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم! قاراقاش ئەپەندىم، بۇ تېمىڭىزنى بەك كېچىكىپ كۆرۈپتىمەن. بەلكىم ھازىرغىچە جاۋابىنى تېپىپ بولدىڭىزغۇ دەيمەن (گەرچە بىرەر تورداشمۇ بىلىدىغان ياكى بىلمەيدىغانلىقى توغرىسىدا ئىنكاس يېزىپمۇ قويماپتۇ). بۇنىڭدىن بۇنداق مەسىللەرگە كىشىلەر ئېتىبار بەرمەيدىكەن، چوڭ مەسىلە ئەمەس، دېگەندەك قاراشلارنىڭ بارلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. بۇنداق مەسىلىلەرگە نىسبەتەن ئېلىمىزدە، بولۇپمۇ ئاپتونۇم رايونىمىزدىمۇ مۇكەممەل بىر قانۇن - نىزاملار يوق ئوخشايدۇ. مەنمۇ راست گەپ قىلسام قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ كەسكىن بىر تەرەپ قىلمىغىنىغا ئىككىلىنىپ قالدىم... نەدە بىر ئىجرا بولمايدىغان ئاقماس قانۇن - نىزاملار («مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنى»، «مائارىپ قانۇنى»، «ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى»... دېگەندەك) نى تۈزگىچە ئاشۇنداق چوڭ مەسىلىلەرگە ئائىت يەرلىك قانۇن - نىزاملارنىمۇ تۈزسە بولىدىغۇ!...
سۆيسە سۆيىمەن يەر بىلەن يەكسان بولسا،
سۆيمىسە سۆيمەيمەن دۇنياۋى سۇلتان بولسا.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-11-2 19:37, Processed in 0.069483 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991