ئۈستى ئوچۇق مۇزېي-كېرىيە كونا شەھەر رايونى
كېرىيە قەدىمى يۈرتلارنىڭ بىرى بۇلۇپ، قەدىمدە ‹‹ئۇدۇن›› دەپ ئاتالغان ھەمدە شەرىقتە چىرا ناھىيىسىدىن باشلاپ چەرچەنگىچە بولغان جايلار ئازاتلىقتىن ئىلگىرى كېرىيەنى مەرگەز قىلغان ھۆكۈمەت مەمۇرى ئورگانلىرىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. شۇڭا ھازىرمۇ چەرچەن، نىيا، چىرا قاتارلىق جايلارنىڭ نۇرغۇن ئۆرىپ-ئادەتلىرى، كىيىم-كىچەك، يىمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى، ئەلنەغمە ئاھاڭلىرى، تىل شېۋىسى ئاساسەن ئوخشىشىپ كىتىدۇ. ‹‹ئۇدۇن›› دېگەن كىشىلەر توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان جاي، يۇرت مەركىزى، ئاۋات، كۆچۈم مەھەللە دېگەندەك مەنىلەرگە ئىگە. بىز ئېيتماقچى بولغان كېرىيە كونا شەھەر رايونى كېرىيە ناھىيىسىنىڭ مەركىزى- ئەينى زاماندىكى ناھىيە مەركىزى بۇلۇپ800يىللىق تارىخقا ئىگە. ھېيتكاھ جامەسى كونا شەھەر رايۇنىنىڭ مەركىزىدە قەد كۆتۈرۈپ تۈرىدۇ. ھېيتكاھ جامەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى بۇيىچە 2-چوڭ جامە بۇلۇپ ئوتتۇز مىڭ كىشى سىغىدۇ. قەدىمى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر بىناكارلىق،مىمارچىلىق سەننىتىنىڭ جەۋھىرى مۇجەسسەملەنگەن بۇ جامە 1980-يىلدىن ھازىرغىچە 2قېتىم رىمۇنىتلاپ قايتا ياسالغان بۇلۇپ شەھەر مەركىزىدە ھەيۋەتلىك ۋە كۆركەم كۈرۈنۈپ تۇرىدۇ. كېرىيە ھېيتكاھ جامەسى 1995-يىلى 7-ئايدا ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك نوقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بىكىتىلدى. كونا شەھەر رايۇنى ئاھالىلىرى 3000تۈتۈندىن ئارتۇق بۇلۇپ جامەنى مەركەر قىلىپ، نۇرغۇنلىغان تار كۇچىلارنى شەكىللەندۇرۇپ ئولتۇراقلاشقان. ئازاتلىقتىن ئىلگىركى ۋە 1980-يىللارغىچە بولغان ۋاقىتلاردا جامە ئالدىدىن باشلاپ تاختا كۆۋرۈككىچە بولغان كوچىلاردا قايناق بازار بولغان. ‹‹كېرىيە جامەسى››، ‹‹ قارلۇق ئۆستەڭ بويى››، ‹‹ تاختا كۆۋرۈك›› دېسە كېرىيەلىكلەردىن بىلمەيدىغىنى يوق. يەنە ‹‹ تاختا كۆۋرۈك ئوتيېشى››، ‹‹ قارلۇق ئۆستەڭ قېتىق -قايمىقى›› ، ‹‹ تاختا كۆۋرۈك گۆشگىردىسى›› ، ‹‹ تاختا كۆۋرۈك كاۋىپى›› ، ‹‹ ھېيتكاھ كاكچا نانلىرى›› دېگەن ناملار ھازىرقى تىلدىكى داڭلىق ماركا بۇلۇپ كېرىيەنىڭ ئىچى- سىرتىغا تۇنۇلغان.
كونا شەھەر رايۇن ئاھالىرى ئىنتايىن زىچ ئولتۇراقلاشقان بۇلۇپ ھەركىم ئۆز ئىقتىسادىي ئەھۋالى ۋە يەر تەۋەلىك ئالاھىدىلىككە يارىشا ئۆي سېلىپ ئولتۇرغان. بىر رىۋايەتتە ‹‹تەكلىماكان بۇيىدىكى قەدىمى شەھەرنىڭ ئاھاللىرى ئىنتايىن زىچ ۋە كۈجۈم ئولتۇراقلاشقان بۇلۇپ، ئەتتىگەن ئۆگزىگە چىققان خۇراز 10كۈندىمۇ ئۆگزىلەرنى ئاتلاپ بىر ياققا چىقىپ بۇلالمايتتى›› دېيىلگەن. شۇ رىۋايەتتىكىگە ظوخشاش كېرىيە كونا شەھەر رايۇنى شۇنداق زىچ ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەردىن تەشكىل تاپقان. ئۆزگزىلەر بىر-بىرىگە تۈتۈشۈپ كەتكەن. بەزى ئاھالىلەر ئۈستى-ئۈستىلەپ ئۆي سېلىپ تۆت قەۋەتكىمۇ يەتكۈزگەن. بەزىللىرى ئاۋام ئۆتىدىغان كۈچىلار ئۈستىنىمۇ بوش قويماي، ئۆي سېلىپ ئولتۇرغاچقا بىنا كارىدورلىرىغا ياكى كان قۇدۇق يوللىرىغا ئوخشىشىپ قالغان جايلارمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. ئەگرى-بۈگرى تار كۈچىلار بىر-بىرىگە تۈتۈشۇپ كەتكەن بۇلۇپ، بىر ئىككى قېتىم ئۆتكەن بىلەن بۇ كۇچىلارغا كىيىن بارسىڭىز تاپالماي ئېزىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. سىرلىق سارايدەك ئىچكىرلەپ بىردەم كۇچا ئايلانسىڭىز، قايەردىن كىرگەنلىكىڭىزنى، قايەردىن چىقىپ كىتىدىغانلىقىڭىزنى بىلەلمەي تىڭىرقاپ قالىسىز. بەزى كۈچىلار تۇيۇق كۈچا بۇلۇپ، بىردەم مېڭىپ قايتىشقا مەجبۇر بۇلىسىز. سەۋەبى كۇچىلارنىڭ كەڭ-تارلىقى ئوخشاش، ئۆيلەرنىڭ قۇرۇلمىللىرى، ئىشىك-دەرىزە روجەكلىرى، بۇ كۇچا بىلەن ئۇ كۇچىنىڭ ئوخشاشتەك كۈرۈنۈپ سىزنى ئازدۇرۇپ قۇيۇدۇ. بۇ كۇچىلار ئەينى زاماندىكى ئىشەك ھارۋا، مەپە، پىيادىلىكلەرنى نەزەردە تۇتۇپ شۇنداق تار قۇيۇلغاچقا ھازىرقى ماشىنا تىرەكتۇر دېگەنلەر كىرەلمەيدۇ. 3چاقىلىق توكلۇق ۋېلىسىپىتلار ھازىر بۇ كۇچىلاردىكى قولاي قاتناش ۋاستىسى، ئەگەر كوچىلارنى كېڭەيتىشكە توغرا كەلسە كونا شەھەر رايۇنىدىكى ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىلەرگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىقتىسادىي زىيان بۇلىدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئەسلىدىكى ئەنئەنىۋى ھالىتىنى يوقۇتۇپ قۇيۇشتەڭ كىرزىس يۈز بېرىدۇ. بۇ يەردىكى ئۆيلەردە بار بولغان ئوخشاشلىقلارنىڭ يەنە بىرى ئىشىك-دەرۋاز، روجەك-پەنجىرلەر كېرىيە پاسونىدا ئەنئەنىۋى ياغاچچىلىق ھۈنەر-سەنئىتى بىلەن ياسالغان، يەنە قايسى ئۆيگە كىرسىلا تارغىنىە ھويلا، ئاندىن بالىخانا، (2-قەۋەت)، كىچىك-كىچىك ئىشىكلەر ئارقىلىق كىرىدىغان تار ھوجرىلار....
شۇڭا كېرىيە كونا شەھەر رايۇنىغا كىرگەن كىشى ئىختىيارسىز ھالدا مىرزات ئالىمنىڭ ‹‹تار كوچا...››دېگەن ناخشىسىنى ئەسلەپ قالىدۇ. كوچىلار شۇنداق تار، ئۆيلەر شۇنداق زىچ بولغىنىغا قارىماي، ئادەملەرنىڭ كۆڭلى كۆكسى تولىمۇ كەڭ، مېھماندوست، تۈز كۈڭۈل كېلىدۇ. ئاھاللىلەرنىڭ %70دىن كۆپرەكى ھۈنەرۋەن، كاسئپ ۋە يەككە تىجارەتچى بۇلۇپ،بۇ كوچىلاردىن سەنئەتكار، خەتتات، تىۋىپ، ئاشپەز، ناۋاي، ياغاچچى، قەغەزچى، گىلەمچى، زەگەر، خالۋاپ، سەراچ، تۈمۈرچى، قەلەيچى، مىسكەر، بوياقچى، ماتاڭ-ناۋاتچى، تىككۇچى، موزدۇز، قايماق-قېتىق، قاسساپ، ئۆپكە-ھېسىپچى....ئىشقىلىپ كېرىيە ۋە سىرتقا تۇنۇلغان ھۈنەرۋەن كاسىپلار، ئۆلمالار مانا مۇشۇ كۈچىلاردىن چىققان ۋە ھۈنەر كەسىپلىرىنى مۇشۇ ئۆيلەردە تار كۇچىلاردا ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات داۋام قىلىپ كەلگەن.
دېمەك كېرىيە كونا شەھەر رايۇنىدا ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئولتۇراق ئۆي مەدەنىيىتى، ئىمارچىلىق-ياغاچچىلىق مەدەنىيىتى، كىيىم-كىچەك، يىمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى، مۇقام ئەلنەغمىچىلىلىك، توي-تۈكۈن، ئۈلۈم-يىتىم، ئۆرۈپ-ئادەتلىرى.....ساقلىنىپ قالغان بۇلۇپ سىرتتىن كەلگەن ئالىملار، ئەدىپلەر، فولكور تەتقىقاتچىللىرى، فوتوگرافلار، سەنئەتكارلار كېرىيە كونا شەھەر رايۇنىنى ئۈستى ئۇچۇق مۇزىي دەپ ئاتىدى. مەنمۇ بۇ كۈچىلارنى، ئۆيلەرنى، ئادەملەرنى كۆپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدىم. سېلىنغىنىغا 300 يىلدىن ئاشقان ئۆيلەرنى، 100يىل ئىلگىرى ياسالغان ئىشىك-دەرىزە، روجەك-پەنجىلەرنى، ئىشكاپ-ساندۇقلارنى كۆردۈم، خاتىرلىدىم. ئەنئەنىۋى ھۈنەر-كەسىپلەرنى يۈرىكىدە ساقلاپ ياشلارغا ئۈگىتىپ يۈرگەن تەۋەرۈك بوۋاي-مومايلارنى كۈرۈپ بۇ جاينىڭ ھەقىقەتەن ئۈستى ئۇچۇق مۈزىي ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ماقالەمنىڭ تىمىسىگىمۇ بۇ سۆزنى ئىشلەتتىم.
كېرىيە ناھىيىلىك پارتىكوم خەلق ھۆكۈمىتىمۇ 2000-يىلدىن باشلاپ بۇ شەھەر رايۇنىنى ئۆز پېتى ساقلاپ قېلىش ئارقىلىق ساياھەتچىلىك نوقتىسى ۋە ئۇيغۇر ئۆرۈپ-ئادەت تەتقىقات بازىسى قىلىپ ئېچىشنى بىكىتتى. ئۆي ئۆزگەرتىش ياكى قايتا سېلىشقا تەييارلىق قىلغانلارغا تۇلۇقلىما بېرىش، باشقا جايغا ئۆي سېلىپ كۈچۈرۈپ قۇيۇش، ئەسلى ھالىتىنى بۇزمىغان ئاساستا زىننەتلەشنى تەستىقلاش، ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي سېلىپ كۈچۈرۈپ كىتىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى تۈزۈپ، ئەمەلىلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتتى. بۇنىڭ بىلەن بۇ قەدىمى شەھەرئەسلى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش كاپالىتىگە ئېرىشتى. سىرىتتىن كەلگەن فوتوگرافلار، ساياھەتچىلار، تەتقىقاتچىلار بۇ كۈچىلارغا كىرمىسە كېرىيەگە كەلگەن ھېسابلانمايدىغان ھالەت شەكىللەندى.
ئۈستى ئۇچۇق مۇزىي دەپ نام ئالغان بو كونا شەھەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش بازىسى، فولكور مۇزىيى بۇلۇش بىلەن بىللە كىيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن تارىخ ۋە مەدەنىيەت بازىسى بۇلۇپ قالغۇسى .