كۆرۈش: 1564|ئىنكاس: 1

چوقراپ كەتتى ئۆمۈر دەرىخىم[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
405
تۆھپە
221
UID
322
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 16:46:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

چوقراپ كەتتى ئۆمۈر دەرىخىم،

يارا دىلدىن چىققان شامالدا.

جىلۋە قىلار پۇشمان شولىسى،

خۇنى كەتكەن مىسكىن جامالدا.

چوقراپ كەتتى ئۆمۈر دەرىخىم،

يارسىز ئويناپ سالغان پاراڭدا.

قالدى ئەنە ھايات ھەسرىتى،

گۈزەل ياشلىق قۇرغان باراڭدا.

چوقراپ كەتتى ئۆمۈر دەرىخىم،

«شەيتان» بىلەن ئىچكەن شارابتا.

ئالتۇن دەملەر يىغلار بۇقۇلداپ،

ياقا يىرتىپ تەگسىز ئازابتا.

چوقراپ كەتتى ئۆمۈر دەرىخىم،

ياشاپ سۇسىز يىتىم ئارالدا.

قالدى مۇڭلۇق يۈرەك كۈيلىرى،

قەلبى ئويغاق سەزگۈر مارالدا.

چوقراپ كەتتى ئۆمۈر دەرىخىم،

كەلگەن شورلۇق قىسمەت ئالدىدا.

زۇلۇم سېلىپ ئۆتتۈم ئۆزۈمگە،

يالغۇر يۈرۈپ ئەلدىن دالدىدا.


مەنبە: ئىجادىيىتىم


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
غەيرەت
تىللا
983
تۆھپە
273
UID
11066
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-1 00:13:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوقراپ دىگەننىڭ مەنىسى نىمە ؟؟؟؟؟؟؟؟ چۈشەنمىدىم .  يەرلىك شىۋىمۇ ؟


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-20 02:13, Processed in 0.076370 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991