hiyal0097 يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 23:11 
ئادەتتە ئىچكى ئەزالارنى ئېلىپ سېتىش چەكلىنەتتىغۇ ؟
بۇنى ئــېلىپ-ســـېتىش دېمەيمىز .
ئۇلار سېتىۋالمايدۇ (ھېچ بولمىغاندا قانۇنسىز ئەمەس ، بىمار دوختۇرخانا ئارقىلىق قىزىل كىرىست جەمىيىتى ۋە ئامبارغا مەلۇم رەسمىيەت ھەققى تۆلەيدۇ، باھاسىمۇ ھەر ھالدا ئەرزان ئەمەس) ئىئانە قىلغۇچىنىڭ ئەزاسى تەق بولغاندا،ئەمەلىيەتتە ئۆچىرەت كۈتىۋاتقان بىمارلار كۆپ بولسىمۇ ، يۇقارىقىدەك دەللال (ۋاستىچى) لار ئارقىلىق پۇلدار بىمار ئىزلەيدۇ ۋە تېخىمۇ كۆپ ئىقدىسادى قىممەت يارىتىدۇ .
دۆلىتىمىزدە ئىئانە قىلىنغان ئەزا بىلەن بىمارنىڭ نىسبىتى150:1 نىسبەتتە ، لېكىن ھازىرغىچە ئەزا ئىئانە قىلىش ۋە ئىشلىتىش توغرىسىدا مۇستەققىل ھالدىكى قانۇن ياكى تۈزۈم يوق .
پەرىزىمچە : بۇمۇ ئىقدىسادنى گۈللەندۇرۈش ، بارچە ئېقىملار بەس-بەستە سايراشنىڭ بىر قىسىمى .