كۆرۈش: 10370|ئىنكاس: 3

مۇستاپا كامالنىڭ ئۇيغۇر دوستى ـــــ ئىسمائىل ھەققى كاشغەرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىنكاس شاھى
تىللا
874
تۆھپە
563
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 22:47:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


6442972_13171086839.jpg



مۇستاپا كامالنىڭ ئۇيغۇر دوستى ـــــ ئىسمائىل ھەققى كاشغەرى

ئۆمەرجان


      يېقىنقى زامانلاردا، دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق تۈركىيە زېمىنىغا كىرىپ، ئاندىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ ھەج قىلىپ يانىدىغان يولنى ئاچقان. ھەجىدىن يېنىپ  ۋەتەنگە قايتىشىدا، تۈركىيەگە كەلگەندە ماكانلىشىپ قالىدىغانلارمۇ كۆپ بولغان. ئۇلار ئارىسىدا ئالىم، شائىر، مۇدەررىس ۋە باشقا ساھەلەردە داڭق چىقارغان كىشلەرمۇ، ھەتتا تۈركىيەنىڭ ھايات - ماماتلىق كۈنلىرىدە، جېنىنى ئالىقىنىغا ئېلىپ تۇرۇپ، يېڭى«تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى» نىڭ بارلىققا كېلىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلارمۇ بار. ئۇلاردىن بىرى — ئەينى دەۋىرلەردە، «تۈركلەر ئاتىسى» شەرىپىگە ئېرىشكەن ئىنقىلابچى مۇستاپا كامالنىڭ ئىشەنچى ۋە دوستلۇقىغا نائىل بولغان دىپلومات — ئىسمائىل ھەققى كاشغەرىيدۇر.

      ئىسمائىل ھەققى ئاقتۇ دىيارىدا بىر دىني ئۆلىما ئائىلسىدە دۇنياغا كەلگەن. كىچىك چېغىدىلا باشلانغان ئائىلە تەربىيەسىدە «قۇرئان كەرىم» نى يادلاپ تۈگىتىپ، ئىسلام دىنى بىلىملىرى ۋە ئەرەبچە دەرس ئۆگىنشكە كىرىشكەن. ئۇ ئالتە ياشقا كىرگەن يىلى ئائىلسىدىكىلەر بىلەن بىللە ھەج سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ. ئۇلار ئىستانبۇلغا كەلگەندە، بەزى تۈركلەرنىڭ فىرانسۇزچە سۆزلەپ ئۆزىنى كۆرسىتىشىپ يۇرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ فىرانسۇزلارغا ھەۋەسلەنگەن ئاتا– ئانىسى «بىزنىڭ بالىمىزمۇ مۇشۇنداق كاتتا ئادەم بولسۇن» دېگەن نىيەتتە، ئەھۋالنى تولۇق سۈرۈشتۈمەستىن، ئوغلى ئىسمائىل ھەققىنى فىرانسىيەلىك دىن تارقاتقۇچى مىسسىيونېرلار ئاچقان، فىرانسۇزچە ھەقسىز ئوقۇتىدىغان مەكتەپكە (تۈرك بالىلىرىنى خىرىستىيانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېچىلغان «جىزۋىت مەكتىپى» گە) ئوقۇشقا بېرىپ قويۇپ، ھەج سەپىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
      ئسمائىل ھەققى زېھنى ئوچۇق، تىرىشچان بولغاچقا، كېچە – كۈندۈز  تىرىشىپ، ئۇزاققا قالماي فىرانسۇز تىلىنى پىششىق ئۆگىنىۋالىدۇ. بۇنىڭدىن سۆيۈنۈپ كەتكەن مىسسىيونېرلار ئۇنى مەخسۇس تەربىيەلەشكە كۈچ چىقىرىدۇ: «ئەنگلىيە  ۋە رۇسىيە مۇستەملىكىسىدىكى مۇسۇلمانلارنى تالىشىشىتا كارغا ياراپ قالار» دېگەن ئۈمىدتە، ئېنگلىزچە ۋە رۇسچىنى ئۆگىتىشكە باشلايدۇ، كىچىككىنە ئىسمائىل بۇ ئىككى تىلنىمۇ تېز ئۆگىنىپ مىسسىيونېرلارنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ....
      ھەج پەرھىزىنى ئادا قىلىپ، ئىستانبۇلغا قايتىپ كەلگەن ئائىلىسىدىكىلەر ئسمائىل ھەققىنىڭ ئوقۇش ئەھۋالى، مىسسىيونېرلار ئۇنىڭغا تەييارلاپ بەرگەن ئەۋزەل شارائىت ۋە ئىستانبۇلنىڭ گۇزەل مۇھىتىنى كۆرۇپ، ئۇنى ئىستانبۇلدا داۋاملىق ئوقۇتۇشقا قارار تاپىدۇ. ئەمما، «بۇ بىر نەچچە يىل ئىچىدە بالىمىزنىڭ ئىسلام ئېتىقادى سۇسلىشىپ قالدىمىكىن» دەپ گۇمان قىلىپ، «گالاتاساراي سۇلتان لىسەسى» («گالاتاساراي ئوتتۇرا مەكتىپى» بولۇپ، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۇ مەكتەپتە ئوقۇغان ئۇيغۇرلار خېلى بار) گە ئوقۇشقا بېرىدۇ.

      بۇ مەكتەپتە فىرانسۇزچىگە ئەھمىيەت بېرىلىپ، فىرانسۇزلارنىڭ دەرس پىروگراممىسى قوللىنىلغاچقا، ئىسمائىل ھەققى دەرسلەردە ئەلاچى بولۇپ ئوقۇيدۇ. 1917-يىلى «گالاتاساراي سۇلتان لىسەسى» بەرگەن  دىپلومدىكى نەتىجىلىرىگە «ئەلىيۇل ئەلا»، دېگەن باھالار يېزىلىدۇ....
      ئىسمائىل ھەققىنىڭ ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزگەنلىگىنى كۆرگەن مىسسىيونېرلار ئۇنى پارىژغا ئوقۇشقا ئەۋەتىدۇ. ئۇ ئاۋۋال پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇن ئوقۇيدۇ، كېيىن سوربۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا تارىخ – پەلسەپە ئوقۇيدۇ. بۇ جەريانىدا، ئۇ فىرانسۇز تارىخ ئېقىمىنىڭ داڭلىق ۋەكىللىرىدىن ئېرمېسىت رېنانىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ........
      ئىسمائىل ھەققىنىڭ پارىژدىكى ئوقۇشى تۈگىگەن ۋاقىت — ئوسمانلى سۇلتانلىقى ياۋروپالىقلارنىڭ بىرلەشمە ھۇجۇمىدا يېڭىلىپ قالغان چاغلار ئىدى.شۇڭا ئۇ ئۆزى «بەك قۇدرەتلىك» دەپ بىلگەن ئوسمانلىنىڭ نېمە ئۇچۇن يېڭىلىپ قالغانلىقىنى چۇشەنمىسىمۇ، ياۋروپالىقلارنىڭ مۇسۇلمانلاردىن نېمىنى تارتىۋالماقچى ئىكەنلىكىنى، ھەتتا فىرانسۇزلارنىڭ ئۆزىگە نېمىشقا بۇنچىلىك كۆڭۈل بۆلۈپ، شۇنچە كۆپ مەبلەغ سالغانلىقىنىمۇ ئوبدان چۈشىنىپ يەتكەن ئىدى. چۇنكى، ئۇنىڭ  تاشقى قىياپىتى ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، ئىچكى دۇنياسى ئۆزگەرمىگەن ئىدى. شۇڭا ئۇ ئىستانبۇلغا قايتىپ كېلىپ، ۋەزىيەتنى كۆزىتىدۇ. ئەينى چاغدا پارازىتلار بىلەن تولغان ئىستانبۇل بىچارە ھالەتتە بولسىمۇ، فىرانسيە، گىرېتسيە ۋە ئەرمىنيە قاتارلىق ئەللەر بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئانادولو خەلقى مۇستاپا كامال باشچىلىقىدا قەھرىمانلىقنى نامايان قىلۋاتاتتى. شۇڭا، ئۇ خېيىم – خەتەرگە قارىماي ئانادولوغا ئۆتۇپ، ئىنقىلاب يېتەكچىسى مۇستاپا كامالنى ئىزدەپ تاپىدۇ. بۇ چاغدا، ئەسلىدىن «ئوسمان پۇقراسى» بولۇپ كەلگەن ئەرمەنلەر، ئانادۇلۇنىڭ يەر شارائىتىغا تۇنۇش بۇلۇشتەك ئالاھىدىلكىگە تايىنىپ، فىرانسۇزلارنىڭ توسالغۇسىز ئىلگىرىلىشگە يول كۆرسىتىپ بېرىۋاتاتتى، تاجاۋۇزچى فىرانسۇزلار ئەرمەنلەرنىڭ يول باشلىغۇچى بولغانلىق بەدىلىگە،«تاپان ھەققى ئۈچۈن تۈرك يېزىلىرىنى خالىغانچە بۇلاڭ –تالاڭ قىلىش» ھوقۇقىنى بەرگەن ئىدى، تۈركلەر ئېغىر كۈنلەردە قالغان ئىدى.
      بۇغداي ئۆڭلۇك، قىيسىق كۆزلۇك ئىسمائىل ھەققىنى مۇستاپا كامال ياقتۇرۇپ قالىدۇ. ئوقۇغۇچىلىق مەزگىلدىن باشلاپ فىرانسۇزچە راۋان سۆزلەشنى ئۆگەنگەن، سۆز –ھەرىكىتى فىرانسۇزلاردىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان ئىسمائىل ھەققىنىڭ قىممىتىنى تۇنۇپ يەتكەن مۇستاپا كامال ئىسمائىل ھەققىگە: «بېرىپ ئىشغاليەتچى فىرانسۇز قوماندانلىرى بىلەن تونۇش، دوست بول، ئۇلارنىڭ نېمە قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىزگە يەتكۈز» دەپ ۋەزىپە تاپشۇرىدۇ. ئىسمائىل ھەققى بۇ خەتەرلىك ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن، ئۇ كېچە-كۈندۈز پىداكارلىق بىلەن ئىشلەيدۇ.ئۇزاق ئۆتمەي،فىرانسۇز قوشۇنىنىڭ قوماندانى گېنىرال لۇكېئىن مارككاۋنىڭ نەزىرىگە ئېلىنىپ، قىسقا ۋاقىتتا گېنىرالنىڭ دوستى بولۇپ قالىدۇ، گېنىرالنىڭ ئىسمائىل ھەققى بىلەن بولغان دوستلۇقى كۈچەيگەنسېرى، فىرانسۇز قوشۇنلىرىنىڭ مەغلۇب بولۇشىمۇ ئېغىرلىشىدۇ، ئاخىرى فىرانسۇز قوشۇنلىرى ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ، سۇلھى تۈزۈشكە مەجبۇر بولىدۇ....
      ئىسمائىل ھەققىنىڭ تۆھپىلىرىدىن سۆيۈنگەن مۇستاپا كامال ئۇنى بەك ئەتىۋارلايدۇ ۋە كۆككە كۆتۈرىدۇ. تۈركلەر مۇستاپا كامالنى «سارې پاشا» (سېرىق چاچلىق گېنىرال) دەپ ھۆرمەتلىگەچكە، ئىسمائىل ھەققىمۇ مۇستاپا كامالنى «سارې ئۇيغۇر پاشا» دەپ چاقچاق قىلىدۇ...ئىككىيلەننىڭ ئارىسىدىكى دوستلۇق كۈچەيگەنسېرى، مۇستاپا كامالنىڭ ئىسمائىل ھەققىگە بولغان ھۆرمىتى تېخىمۇ ئاشىدۇ. مۇستاپا كامال تىپىك تۈرى مىللەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، فىرانسۇز تارىخچىلىرىنىڭ تەسىرىدە تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخىنى ئۇيغۇرلاردىن باشلاش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ «تۈركچىنى قەشقەر شىۋىسگە بويسۇندۇرۇش» تەشەببۇسى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتقىقاتقا كۈچ چىقىرىشى بۇنىڭ دەلىللىرىدىن بىرىدۇر.
      جەڭنى ئەسكەر قىلسا سۇلھىنى سىياسەتچىلەر تۈزىدۇ. مۇستاپا كامال فىرانسۇز سىياسەتچىلىرىنىڭ نىيىتىنى ئالدىن بىلىش ئۈچۈن، ئىسمائىل ھەققىنى پارىژغا ئەۋەتىدۇ. ئىسمائىل ھەققى پارىژدا يەنە كونا دوستلىرىدىن پايدىلىنىپ ۋەزىپىسنى تولۇق ئورۇنداپ، تۈركىيەگە قايتىپ كېلىدۇ...
      1930 - يىللاردىن باشلاپ زامان ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ. بۇ چاغدىكى ئۇرۇش -«مىلتىق بىلەن ئۇرۇشۇش» تىن «سىياسەت بىلەن ئۇرۇشۇشقا» ئۆزگىرىدۇ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ئىسكەنجىسگە كىرىپ قالىدۇ. چۈنكى تۈرك مىللەتچىلىرى ئۆزلىرىنى «دۇنيادىكى تۈركي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئاكىسى» ھېسابلىغاچقا، تۈركلەر سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەرگىمۇ ئاكا بولۇش ئارزۇسى بار ئىدى. مەيلى چاررۇسىيە، مەيلى سوۋېت ئىتتىپاقى بولسۇن، ئۇ ئىككى ھۆكۈمەت ئوخشاشلا «پانتۈركىزم» ۋە «پانئىسلامىزم» دىن مۇداپىئە كۆرۈشنى مۇھىم سىياسەت قىلىپ كەلگەچكە، رۇسلارنىڭ تۈركىيەنى ئىسكەنجىسگە ئېلىشى تەبىئىي ئىدى. شۇڭا، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ پېيىدە بولۇش ئۈچۈن، بىر-بىرىگە ئالاھىدە خادىم –جاسوس ئەۋەتىدۇ. تۈركىيەنىڭ سوۋېت ئىتتپاقىغا ئەۋەتكەن جاسۇسلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تۇتۇلۇپ قالىدۇ. تۈركلەردە ئالدىغا كەلتۈرگەن تاماقنىڭ تەمىنى تېتىماي تۇرۇپلا ئۇستىگە تۇز سېپىدىغان ئادەت بولۇپ، تۈرك جاسۇسلىرى چېگرادىن ئوغرىلىقچە كىرەلىسمۇ، قېنىغا سېڭىپ كەتكەن ئادىتى سەۋەبلىك تۇتۇلۇپ قالغان. يەنى، ئۇلارنىڭ تاماق ئۈستىگە تۇز سېپىش ئادىتى ئەتراپىدىكى رۇسلارنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويغاچقا، بىخەتەرلىك تارماقلىرى ئالدى بىلەن سۈرۈشتۈرۈشكە چۈشىدىكەن ۋە ئاسانلا تۇتۇۋالىدىكەن. جاسۇسلار رۇسلارنىڭ ئېغىر ئازابىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، ھەممىنى ئىقىرار قىلىدىكىن... بۇ چاغدا، ئىسمائىل ھەققى تۈركىيە ئارمىيەسىگە كىرىپ، ئاخبارات ئوفىتسېرى بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئىسمائىل ھەققىنىڭ بۇنداق تۇزخور - تۇزخۇمارلىق ئادىتى يوقلۇقىنى، رۇسچە تىلنى بىلىدىغانلىقىنى بىلگەن مۇستاپا كامال ئۇنى موسكۋاغا ئەۋەتىدۇ. ئىسمائىل ھەققى موسكۋادا بىر مەزگىل تۈركىيە ئۇچۇن ئۈنۈملىك، مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلغاندىن كېيىن غايىب بولىدۇ... شۇنىسى ئېنىقكى، ئىسمائىل ھەققىمۇ  ك گ ب نىڭ نەزىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئۇنىڭ تۈركىيە ھەربىي ئاخبارات ئىدارىسىدىكى ئارخىپىغا: «كاشىغەرنىڭ ئاقتۇدا تۇغۇلغان، موسكۋادا غايىب بولغان» دەپ خاتىرىلەنگەن.
      ئىسمائىل ھەققىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقاندا يازغان بىر پارچە ماقالىسى ھازىر پارىژدىكى «دۆلەتلىك كۇتۇپخانا» دا ساقلىنىۋاتىدۇ، قىزى ـــــــ مەلىكە ئاقتۇ كاشغەرى فىرانسيەنىڭ سوربون ئۇنىۋېرسىتېتىدا پىروفېسسور بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
      (ئىسمائىل ھەققى كاشغەري ھەققىدىكى بۇ ھېكايە «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقان تۈرك دۇنياسى زىيالىيلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ماقالىلىرى» 1996-يىل قەيسەرى، 345-346-347-بەتلەر دە قىزى دوكتور مەلىكە ئاقتۇ كاشغەري تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلغان)
      جۇڭگو مىللەتلىرى ژۇرنىلى (2011)  1-دىن ئېلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-23 16:00  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتۆھپەيىغىشسەۋەبى
Erkman + 20مەلىكە كاشغەرىينى تون.

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 20  باھا خاتىرىسى

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىنكاس شاھى
تىللا
874
تۆھپە
563
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 00:32:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم يوقما ؟


غەزەپ بىلەن ھومىيمەن قەبىھى زالىملارغا ،
كالا بولۇپ باش ئىگىمەن ، سەبىي بالىلارغا .

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرسان روھ
تىللا
2262
تۆھپە
766
UID
528

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 04:14:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىنى بۇرۇن مەن جۇڭگو مىللەتلىرى ژۇرنىلىدىن ئۇقۇغان بۇ ماقالىنى قايتا كۆرگىنىمدىن ناھايتى خوشالمەن تېخىمۇ كۆپ كىشىلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن مۇشۇنداق مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىڭمۇ چىققانلىقىنى بىلىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sarsanroh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-9 04:18  



ئانا- يۇرتۇڭ ئامان بولسا رەڭگى-روھىڭ سامان بولماس!

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6742
تۆھپە
3408
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 14:32:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىنقى زاماندا پۇتبولچى ھاشىم بالخان  مانچېستىرغا  بېرىپ  كەلگەندىن كېيىن  ئىككىنچى بولۇپ  غەربىي ياۋروپاغا بارغان  ئۇيغۇر بولسا كېرەك بۇ-ھە! ئاقتۇ، قارىغاندا مەرىپەتپەرۋەرلەر يۇرتى  ئوخشىمامدۇ؟


كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-20 15:31, Processed in 0.081166 second(s), 30 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991