نورۇز بايرىمىنىڭ خاسىيەتلىرى
تۇرسۇن ساۋۇت ئۇدمىش
نورۇز ـــ جۇڭگو شىنجاڭ ، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربى ئاسىيا ، كاۋكاز، بالاقان قاتارلىق رايونلاردا ياشايدىغان تۈركىي تىللىق مىللەتلەر بىلەن ئىران تىللىق مىللەتلەردىن بولۇپ جەمئىي 300 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ كونا يىلنى ئۇزۇتۇپ، يېڭى يىلنى قارشى ئالىدىغان خەلقئارالىق يېڭى يىل بايرىمى . ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان قەدىمكى دېھقانلارنىڭ ئۆزگىچە باھار ئۇدۇملىرى — كۆكلەمنى ، يېشىللىقنى ئۇلۇغلاش ، سۇ ، ئوت ، تۇپراق قۇياشقا تىۋىنىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇراسىم ۋە ئېتىقادلىرىنى ئاساسىي مەنبە قىلىپ بونىڭدىن تەخمىنەن ئۈچ-تۆت مىڭ يىللار بۇرۇن پەيدا بولغان ئوموم خەلق بايرىمى.
نورۇز ـــ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ھەم ئېسىل ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيەتلىرى بىلەن تۇيۇنغان ئەڭ كاتتا بايرىمى بولۇپ ، خەلقىمىز تەرىپىدىن ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئۆتكۈزۈلۈپ ، ئەزىزلىنىپ كەلگەن ۋە كېلىۋاتقان بىر قۇتلۇق ، خاسىيەتلىك بايرام ، مېنىڭچە ئۇنىڭ خاسىيەتلىرى تۆۋەندىكىچە:
نورۇز — يېڭى يىل بايرىمى ، تەبىئەت بايرىمى ، ياڭى ھاياتلىك بايرىمى ، نورۇز— ئەسلى دېھقانالار كالىندارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، شىمالىي يېرىم شاردا باھار دەل كېچە بىلەن كۈندۈز تەڭلەشكەن كۈنلىرى يەنى 20 – ، 21 –مارتتىن باشلىنىدۇ . بۇ ۋاقىتتا دەل تەبىئەت قىشلىق ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق مەخلۇقات ۋە مەۋجۇداتلار ، جۈملىدىن ئۆسۈملۈك ۋە گۈل-گىياھلار جانلىنىدۇ ۋە بىخ سۈرىدۇ . تەبىئەت دۇنياسىدىكى بۇنداق يېڭىلىنىش جەريانىنىڭ باشلىنىشى شەمسىيە (قۇياش) يىلى ھېسابىدا دەل 21–مارتقا توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئەجداتلىرىمىز ئۇنى قەدىمدە ‹‹يىل بېشى››ياكى ‹‹كۈن تۇغدى››، ‹‹ كۆك بۇرناق ››، ‹‹ سۇمۇلە ئايىمى›› دەپ ئاتىغان بولسا، ئىسلامىيەتتىن كېيىن ‹‹نورۇز›› نامى بىلەن ئاتاشنى رەسمىي قىلىپ، شادلىنىپ بايرام قىلىپ كەلگەن. مەھمۇد قەشقىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، تۈركىي خەقلەرنىڭ 12 مۈچىلى ھازىر قوللىنىلىۋاتقان مىلادىيە كالىندارىدىكى 21-مارتتىن باشلىنىدۇ. دېمەك، قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز نورۇزنى ئۆزلىرىنىڭ يېڭى يىل بايرىمى، شۇنداقلا تەبىئەتنىڭ ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان مۆجىزىلىرىنى قەدىرلەش، يېڭى ھاياتلىقنىڭ، ياڭى تارىخنىڭ باشلانغانلىقىدىن سۆيۈنۈپ ئنى تەبرىكلەش يۈزنسىدىن بايرام ئۇدۇمنى شەكىللەندۈرگەن.
نورۇز — پاكىزلىق بايرىمى . نورۇز ھارپىسىدا يېزا-قىشلاق، شەھەرلەردىكى ئاۋام خەلق ئېرىق-ئۆستەڭ، كۆللەرنى تازىلايدۇ. قوتانلارنى،ھاجەتخانىلارنى ئېرىغدايدۇ، كوزا-ئىدىش، قاپاقلارنى تازىلاپ، ئەگۈز سۇلىرى بىلەن توشقۇزىدۇ. ھويلا ئاراملارنى، يوللارنى پاكىز تازىلايدۇ. ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي تازىلىقلىرىنى قىلىدۇ. قىز-ئاياللار ئوسما قويىدۇ. نورۇزدا كىيىشكە يېڭى، پاكىز كىيىملەرنى تەييارلايدۇ. دېمەك، نورۇز پاكىزلىنىدىغان، پاكىز مۇھىتتا، پاكىز ئۆتكۈزۈلىدىغان پاكىزلىق بايرىمى.
نورۇز — ياخشى، ساۋابلىق ئىشلار بايرىمى. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەجدادلىرى نورۇزنى خاسىيەتلىك دەپ بىلگەچكە، كىمكى نورۇز ھارپىسىدا، نورۇز مەزگىلىدە بىر ياخشى ساۋابلىق ئىش قىلسا، شۇ كىشىگە يىل بويى ياخشىلىق نېسىپ بولىدۇ، ئىشلىرى ئوڭغا تارتىدۇ دەيدىغان قاراش مەۋجۇت بولغاچقا، ھەممە ئادەمنى ياخشى ساۋابلىق ئىش قىلىىشقا دەۋەت قىلغان. شۇڭا قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە نورۇز بايرىمىغا ئاتاپ ھەرخىل ساۋابلىق ئىشلارنى، مەسىلەن مەكتەپ سېلىش، يول ياساش، كۆۋرۈك سېلىش، يىتىم-يېسىر ۋە ئاجىز مىيىپ، كېسەل كىشىلەرنى يوقلاش، ياردەم قىلىش، كۆچەت تىكىش، دەرخلەرگە قاپاقتىن قۇشلارغا ئۇۋا ياساپ بېرىش...تەك بىر قاتار ئېسىل ئۇدۇملار شەكىللەنگەن.
نورۇز — ئىناقلىق ، ئىتتىپاقلىق، ئۆملۈك بايرىمى. نورۇز بايرىمىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى جۈملىدىن شەرق خەلقلىرى قەدىمدە شۇ قەدەر ئېھتىرام ۋە خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالغانكى، ھەتتا نورۇز كۈنلىرى قەبىلە، ئۇرۇقلار ئارىسىدىكى ئۇرۇش- ماجرالار ۋاقتىنچە توختىتىلغان، يارىشىش شەرتنامىلىرى تۈزۈلگەن. نورۇزدا تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئۆچ-ئاداۋەتلىشىپ قالغان دوست-بۇرادەرلەر، مەھەللە، قولۇم-خوشنىلار، شۇ جۈملىدىن ئارىسغا سوغۇقچىلىق چۈشكەن ئەر-ئاياللارمۇ ‹‹ئۆتكەنگە سالاۋات››قىلىپ قايتىدىن يارىشاتتى ياكى ياراشتۇرۇلۇپ نورۇزنى ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق ئىچىدە خۇشال ئۆتكۈزگەن. بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ نورۇز ئېشىغا ئېغىز تەگكۈزگەن، مانا بۇ نورۇزنىڭ تولۇق خاسىيىتى.
نورۇز — ئارزۇ-تىلەك ۋى ئامانلىق تىلىشىدىغان بايرام . نورۇزدا ئۇرۇق-تۇغقان ، قولۇم-خوشنا ، يارۇ-بۇرادەرلەر ئۆز ئارا يوقلىشىدۇ ، سوۋغا – سالام بېرشىدۇ ، بىر-بىرىگە ئامانلىق ۋە ياخشىلىق تىلىشىدۇ، ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تىكەكداشلىق بىلدۈرىشىدۇ، ھاياتنىڭ گۈزەل بولۇشىنى تىلەپ گۈل تەقدىم قىلىشىدۇ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق سۇ مول بولسۇن دەپ بىر –بىرىگە سۇ چېچىشىدۇ. دېھقانلار ئۈمىد بىلەن يەرگە بەرىكەت ئۇرۇقى چاچىدۇ، چارۋىچىلار بولسا پادىلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ھەيدەيدىغان سائادەتلەر مۇجەسسەملەنگەن بايرام.
نورۇز — توقچىلىق ۋە تائام مەدەنىيىتى بايرىمى . قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز نورۇز كۈنى ، قۇتلۇق نورۇزنى قۇتلۇقلاش يۈزىسىدىن ‹‹ ق›› تاۋۇشى بىلەن باشلانغان يەتتە خىل (ئىشلاندىن بۇرۇن ‹‹س›› تاۋۇشى بىلەن باشلانغان توققۇز خىل) يېمەكلىك تەييارلايدىغانلىقى مەلۇم. مەسىلەن: قايماق، قېتىق، قۇرت، قۇيماق، قاتلىنا، قۇيرۇق، جىگەر، قوزا گۆش(قورداق، تونۇر كاۋاپ)دېگەندەك، بۇنداق غىزالارنى تەييارلاش بىلەن ‹‹توققۇزى تەل›› بولۇشنى تىلىگەن. بۈگۈنكى كۈندىمۇ نورۇز كۈنى ھەر قايسى جايلاردا داش قازانلار ئېسىلىپ، يەتتە خىل ياكى توققۇز خىل خۇرۇچتىن مەززىلىك نورۇز ئېشى (سۇمۇلە، سۈمە-ئۈندۈرمە، ئۈندۈرمە قىلىنغان بۇغداي ــ ‹‹دىۋان›› Ⅲ توم 323-بەت) ئېتىلىدۇ. نورۇز داستىخىنى ئادەتتىكىدىن مول بولىدۇ. ئۇنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تائام يەرمەنكىسى دېسىمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. دېمدك، نورۇز ــ ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا ۋە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا تارقىلىشىغا سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن.
نورۇز – سەنئەت بايرىم ى. نورۇزدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئىچىدە كەڭ كۆلەملىك، داغدۇغۇلۇق ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەت دەل سەنئەت پائالىيىتىدۇر. نورۇز كۈنى جاي-جايلاردىكى كىشىلەر رەڭگارەڭ ياسىنىپ، نورۇز مەشرىپى ئۆتكۈزىدۇ. بىر قىسىملار شېئىر-قوشاق، نەزمىلەر بىلەن مەشرەپنى قىزىتسا، مەدداھلار قىسسە-داستانلارنى يۈكسەك ماھارەت بىلەن ئورۇنداپ، سورۇننى ئەۋجىگە كۆتۈرىدۇ، چاقچاقچىلار ، يۇمۇر، لەتىپىچىلەر سورۇن ئەھلىگە كۈلكە ئاتا قىلسا، نەغمىچىلەر مۇقام ۋە نەغمىلىرى بىلەن سورۇنغا ھۆسن قوشىدۇ. شۇڭا نورۇزنى ــ ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت بايرىمى ۋە سەنئەت مەكتىپى دېسەك قىلچە مۇبالىغە بولمايدۇ.
نورۇز — تەنتەربىيە بايرىمى . نورۇزدا سەنئەت پائالىيەتلىرىدىن اقلسا، كەڭ-كۆلەملىك ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇھىم پائالىيەتلەرنىڭ يەنە بىرى تەنتەربىيە پائالىيىتىدۇر. ئادەتتە نورۇزدا ئۇۇغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدىن دارۋازلىق، جانبازلىق، چېلىشىش، ئوغلاق تارتىشىش، ئات بەيگىسى، سارغايدى، ئىلەڭگۈچ، بۇقە، قوچقار، خوراز سوقۇشتۇرۇش،، ئىت تالاشتۇرۇش ۋە بالىلارنىڭ تۈلۈك ئويۇنلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇڭا نورۇزنى ئاۋامنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇپ ساغلام بولىدىغان ۋە ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدىغان ھەمدە ئەۋلاتدىن-ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرىدىغان بىر تەنتەربىيە بايرىمى دېيىشكە بولىدۇ.
نورۇز — شادلىق بايرىمى . نورۇز ناغرا سۇناي ساداسى ئىچىدە باشلىنىدۇ. كىشىلەر خۇشاللىق ئىچىدە نورۇزغا ياسىنىدۇ. ئۆزئارا نورۇزنى تەبرىكلىشىدۇ ھەم گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىشىدۇ. نورۇزدىكى مول تائاملار تەنلەرگە لەززەت ئاتا قىلسا، سەنئەت پائالىيەتلىرى كىشىلەرنىڭ قەلب تارىلىرىنى چېكىپ، گۈزەل ھېسلارغا چۆمدۈرىدۇ، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى كىشىلەرگە جىسمانىي كۈچ ۋە ساغلاملىق ئاتا قىلىدۇ. دېمەك، نورۇز ــ شادلىق، خوشاللىق بايرىمى.
دېمەك ، نورۇز — خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى يېڭى يىل بايرىمى. تەبىئەت بايرىمى، مېھنەت بايرىمى، دوستلۇق، ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق، بايرىمى؛خەلقىمىزنىڭ تۈرلۈك ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆزىگە جەملىگەن ۋە ئەۋلادلارغا ئۆگىتىدىغان ئۆرپ-ئادەت، سەنئەت، تەنتەربىيە بايرىمى؛ كىشىلەرنى ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندەيدىغان ساۋابلىق بايرام؛ كىشىلەرگە مەنىۋى جەھەتتە شاد خوراملىق ئاتا قىلىدىغان شادلىق بايرىمى. يېڭى بىر يىلدا روھنى ئۇرغۇتۇپ، ھەر قايسى ساھە كەسىپلەرگە ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋى ئىرادە بىلەن يۈرۈش قىلىشقا چاقىرىق قىلدىغان خاسىيەتلىك سۆزلەپ تۈگەتكۈسىز قۇتلۇق، ئۇلۇغ بايرام! ‹‹ بايراملارنىڭ شاھى››!
نورۇزدا يۇقىرىقىدەك خاسىيەتلەر بولغاچقا ، 2009-يىلى ب د ت مائارىپ – پەن – مەدەنىيەت مەھكىمىسى ئۇنى ‹‹ ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىرسى ›› تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن . 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى ب د ت يىغىنىدا قارار ماقۇللىنىپ ، 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ‹‹ خەلقئارا نورۇز بايرىمى ›› ، ‹‹دۇنيا تىنچلىق مەدەنىيەت كۈنى ›› دەپ بېكىتتى .