- 出生县
- 喀什市
- 生日
- 1976 يىل 7 ئاي 17 كۈن
- ئىسىمى
- بىلىگئەر
- 出生小区
- 多来特巴格乡
- 职业
- ئوقۇتقۇچى
- تىللا
- 1903
- تۆھپە
- 847
- نادىر
- 0
- يازما
- 695
- جۇغلانما
- 4393
- ھوقۇقى
- 100
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-16
- تىزىملاتقان
- 2011-9-27
- UID
- 264
  
- ئىسىمى
- بىلىگئەر
- تىللا
- 1903
- تۆھپە
- 847
- UID
- 264

| ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. بۇ ئۇچۇرلارنى باشقىلارنىڭ ھاۋالىسى بىلەن يوللاپ قويدۇم. جىددى خىزمەتچى قوبۇل قىلىماقچى. زاۋۇتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنىڭ زوريىش ئىھتىياجى بىلەن جەمئىيەتتىن زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان ئىشچى، باشقۇرغۇچى، سۈپەت تەكشۈرگۈچى، سىخ مۇدىرى، توكچى، رېمۇنتچى قاتارلىق تېخنىك قوبۇل قىلىنىدۇ. شۇڭا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ياشلىرىمىزنىڭ ۋە جەمئىيەتتىكى ئەمەلىي تەجرىبىسى بار ياشلارنىڭ ئۆزلىرىنى سىناپ بىقىشلىرى ئۈچۈن بۇ ئۇچۇرنى يوللىدىم.
ئۇقتۇرۇش زاۋۇتىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى كېڭەيتىلگەن بولغاچ جەمئىيەتتىن خىزمەتچى قوبۇل قىلىمىز. زاۋۇت زامانىۋى ئۈسكۈنىلەر بىلەن قوراشتۇرۇلغان بولۇپ، مۇسۇلمانچە گۆش مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئوراپ قاچىلايدىغان زاۋۇت. ئىلغار ئۈسكۈنىلەر بولغاچ كۆپ خىزمەتلەرنى ماشىنا ئاپتوماتىك تاماملايدۇ. ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىر قىسىم ئارلىقتىكى ۋە ئاخىرقى باسقۇچتىكى يىنىك خىزمەتلەرنى ئادەم كۈچى بىلەن ئىشلەشكە توغرا كىلىدۇ. شۇڭا خىزمەتلەرگە ئالاھىدە قاتتىق تەلەپمۇ يوق.شۇڭا ئەرلەرمۇ ئاياللارمۇ ئىشلىيەلەيدۇ. مەدىنىيەت، تېخنىكا سەۋىيەمۇ تەلەپ قىلىنمايدۇ. زاۋۇت ئورنى گۇچۇڭ ناھىيىسىدە، شۇڭا گۇچۇڭ ناھىيىسى تەۋەسى ۋە شۇنداقلا پۈتكۈل شىنجاڭ تەۋەسىدىن خىزمەتچى قوبۇل قىلىمىز. باشقا تەلەپ ۋە شەرىتلەر تۆۋەندىكىدەك: 1. ياش چەكلىمىسى 18 دىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك. ھاراق ئېچمەيدىغان، يۈرۈش تۇرۇشى جايىدا بولۇشى كېرەك. 2. مەدىنىيەت سەۋىيە چەكلەنمەيدۇ.مەدەنىيەت سەۋىيەسى يۇقىرلار بولسا تېخىمۇ ياخشى. 3. ئوغۇل قىز، ئەر ئايال جىنسى چەكلەنمەيدۇ. ئەر ئايال كىلىپ ئىشلىسىمۇ بولىدۇ. 4.سالامەتلىكى ياخشى بولۇشى كېرەك، قوبۇل قىلىنىدىغان خىزمەتچىلەر ئالدى بىلەن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتىدا سالامەتلىك تەكشۈرتىلىدۇ. ۋە «ساغلاملىق كېنىشكىسى» نى ئالغاندىن كېيىن زاۋۇتتا ئىشلەشكە بولىدۇ. 5.ئاددى تېخنىكىلارنى ئۆگىنەلەيدىغان بولۇش، سەمىمىي، تىرىشچان بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. 6.ئەخلاقلىق، دىيانەتلىك، پاكىز بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.
ياتاققا ئورۇنلاشتۇرلىدۇ. ئايرىم تۇرۇشنى خالايدىغانلارغا زاۋۇت ئەتراپىدىن ئۆي تىپىپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ناشتا ۋە چۈشلۈك تاماق زاۋۇت ئاشخانىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئۇزاققا قالماي 3 ۋاخ تاماق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. خىزمەت سالمىقى ئىغىر ئەمەس، كۆپ كۈچ كەتمەيدىغان خىزمەت. سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىپ بەرسىلا بولىدۇ. بىر كۈنلۈك ئەمەلىي ئىشلەش ۋاقتى ئۇزۇن ئەمەس، بەزى كۈنلەردە بىر نەچچە سائەتتىلا بىر كۈنلۈك خىزمەت تۈگەيدۇ. 8 سائەتلىك خىزمەت تۈزۈمى قوللىنىلغان . ئىسمىنا قوشۇلسا ئايرىم ھەق ھېسابلىنىدۇ. ھەر جۇمە كۈنى دەم ئېلىنىدۇ. بىخەتەرلىك ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىق 3 خىل سۇغۇرتىغا تولۇق قاتناشتۇرىلىدۇ . خاتىرجەم خىزمەت قىلىسىز. ھازىر زاۋۇتىمىزدا ئىشلەۋاتقان خىزمەتچىلەر ئىچىدە ياش ئوغۇل قىزلارمۇ، ئوتتۇرا ياش ئەر ئاياللارمۇ بار بولۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرمۇ، تولۇق ئوتتۇرنى، تولۇقسىزنى، باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەنلەرمۇ بار. پەقەت سىز تىرىشچان، پاكىز بولسىڭىزلا خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ كىتەلەيسىز. خىزمەتتە تىرىشچان، سەمىمىي، مەسئۇلىيەتچان بولسىڭىز دەرىجىڭىز ئۆستۈرلىدۇ. مۇئاشىڭىزمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ. ئەگەر زاۋۇتىمىزدا ئىشلەشنى خالىسىڭىز دەسلەپتە 3 كۈن زاۋۇت مۇھىيتىنى كۆرۈپ، زاۋۇتتىكىلەر بىلەن ئەھۋاللىشىپ بىقىپ ئۆزىڭىزگە ماس كىلەمدۇ كەلمەمدۇ، كۈڭۈل توختاتقاندىن كېيىن ئىشلەشنى قارار قىلىسىڭىز بىز سىز بىلەن 3 ئايلىق سىناقتا ئىشلەش توختامى تۈزۈىمىز. سىناق ۋاقتىدىكى مۇئاشى 1500 يۈەن بولىدۇ. 3 ئايدىن كېيىن بەزى ئاساسىي مەشغۇلات تېخنىكىسىنى ئىگەللەپ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن مۇستەقىل چىقالايدىغان بولغاندىن كېيىن داۋاملىق ئىشلەشنى خالىسىڭىز 1 يىللىق ئەمگەك توختام تۈزۈلىدۇ. 3 خىل كاپالەتلىك سۇغۇرتىلارغا قاتناشتۇرۇلىدۇ. مۇقىم مۇئاشى 1800 يۈەن بىكىتىلىدۇ. خىزمەت ئىپادىسىگە ۋە ئەمەلىي نەتىجىسىگە ئاساسەن مۇكاپات ئايرىم ھىسابلىنىدۇ. سەمىمىيىلىك بىلەن شۇنى ئىنىق دىيەلەيمىزكى. ئاسماندىكى يۇقىرى مۇئاش ۋە ئالاھىدە ئىمتىيازلار بىلەن قىزىقتۇرۇشنى خالىمايمىز. باشقىلارنى ئەخمەق قىلىشنىمۇ ئەسلا خالىمايمىز. بىز سەمىمىيلىك بىلەن سىزگە دىدۇق. بىزمۇ سىزدىن سەمىمىيلىكنى سورايمىز. زاۋۇتىمىز قۇرۇلغىلى خىلى ۋاقىتلار بولدى. ھازىر ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى يەنە بىر ھەسسە كۆپەيىتتۇق. 6- ئايلارغا بارغاندا يەنە كۆپەيتىمىز. مۇقىم ، كاپالەتلىك ئىقتىسادى كىرىمگە ھەم ياخشى خىزمەت مۇھىيتىغا ئېرىشىشنى ئويلىغان بولسىڭىز بىز بىلەن تەڭ تەرەققىي قىلىڭ. دوستلارنىڭ كىلىپ ئەمەلىيتىمىزنى كۆرۈپ بىقىشلىرىنى قارشى ئالىمىز. مەيلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بولۇڭ، ياكى تولۇق ئوتتۇرا سەۋىيەدە بولۇڭ ھەركىمگە لايىق خىزمەت ئورنى چوقۇم بولىدۇ. ھازىر خىزمەتچىلەر سانىنى كۆپەيتىپ ئىككى ئىسمىنا قىلماقچى. 6- ئايغا بارغاندا 3 ئىسمىنا كېڭەيتىش پىلانىمىز بار. شۇڭا خىزمەتچىلىرىمىزنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمەت مەسىلىسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش جەھەتتە تىگىشلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق. يەنە ئۇندىن باشقا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ۋاكالەتچى چاقىرىۋاتىمىز. بىر قىسىم جايلارنىڭ ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقىنى بېرىپ بولدۇق. باشقا جايلارنىڭ ۋاكالەتچىلىرىنى داۋاملىق قوبۇل قىلىمىز. ھۆرمەت بىلەن شىنجاڭ ئەنھەر گۆش مەھسۇلاتلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى
ئالاقلىشىش تېلېفۇنى: 0991-8181367 ، 13689942253
بۇ ۋاستىچى ئۇچۇرى ئەمەس، دوستلارنىڭ بۇ ئۇچۇر توغرىسىدا كۆپ مۇنازىرە قىلىپ كەتمەي ئالاقلىشىش تېلېفۇنىغا تېلېفۇن ئۇرۇپ سۈرۈشتە قىلىشىنى سورايمەن. بۇ يەرگە يازغان سوئال ئىنكاسىڭلار جاۋابسىز قالماسلىقى ئۈچۈن يۇقارقى تېلېفۇن ئارقىلىق سوئاللىرىڭىزنى سوراڭ. ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خالىغانلىرىنىڭ كىلىپ خىزمەت قىلىشىنى، ئۆزلىرىگە مۇۋاپىق خىزمەت ئورنىغا ئېرشىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. ھەر كىم ئۆز ئىقتىدارى ۋە بىلىم سەۋىيەسى بويىچە مۇۋاپىق دەرىجىگە ۋە خىزمەت مۇھىيتىغا ئېرىشەلەيدۇ دەپ قارايمەن. قىنى سىناپ بىقىڭ. بۇ ئۇقتۇرۇش ئۇزۇن مۇددەت كۈچكە ئىگە.
|
|