كەل نورۇز، سېنى باغاشلاي
باش باھارنىڭ سەھىرىدە، تارتىنچاق قىزدەك ئاستا ئۆزۈڭنى كۆرسەتتىڭ. سەن تەشنا قەلبلەرنى سۇغىرىشنى ئىستەيدىغان ئوتلۇق ئىستەكلىرىڭ بىلەن يېتىپ كەلگەن ۋىسال پەرىسى ئىدىڭ. سەن مەيلى قانچىلىك مۆكۈنگىن، بىزنىڭ سەزگۈمىز سېنىڭ ھىدلىرىڭنى ھىدلاپ ئۈلگۈرەتتى.
ئەي نەۋرۇز!! قارىغىنە، جۇدۇنلۇق كۈنلەردە نەلەرگىدۇ پاناھلىق ئىزلەپ كېتىپ قالغان قۇشلارنىمۇ سەن باشلاپ كەلدىڭ، ۋۇجۇدۇڭدىكى ھارارەتتىن تەسلىم بولغان جۇدۇنلار ئاستا - ئاستا غايىب بولدى، بارچە ئەزگۈلۈك مۇجەسسەم تېنىق كۆزلىرىڭدىكى شادلىق يېشى بىلەن، ۋۇجۇدۇڭنى ئانا زېمىن باغرىغا يېقىپ، ئۇنىڭ تەشنالىقى ئۈچۈن بارلىقىڭنى بەخشەندە ئەتتىڭ. سېنى سېغىنىپ مادارىدىن كەتكەن دېھقان بوۋامنى ئەڭ دەسلەپتە چىڭ باغاش ئەتتىڭ، ئۇيقۇدىن باشقا ھېچ سىرىدىشى يوقتەك ياتقان ھورۇن يىگىتنىڭ قۇلاق تۈۋىگە كېلىپ، «ئۇيقۇ، ئۆلۈمنىڭ بۇرادىرى، قوپ يىگىت، مەن كەلدىم، مېنى باغاشلىغىن» دەپ ئۇنى ئورنىدىن دەس تۇرغۇزدۇڭ. دېھقان مومام سېنىڭدىن تېخىمۇ خۇش. كونا دۇخاۋا كۆينىكىنىڭ ئېتىكىگە بىدە تېرىپ كېلىدىغان كۈنلەرنىڭ سېنىڭ پېشىڭغا ئېسىلىپ كېلىدىغانلىقىدىن ئۇ گۇمان قىلمايدۇ، سەھەردە تۇرۇپ سېنىڭ ھىدىڭنى ئەڭ بۇرۇن ھىدلايدىغىنىمۇ دەل مۇشۇ مۇڭلۇق چاچلىرى ئۇچتەك ئاقىرىپ چېھرى تالاي كەچمىشتىن ئىز سالغان مۇڭلۇق مومام، ئۇ سېنىڭ يېنىك قەدەملىرىڭ بىلەن تال چىۋىقنى ئات قىلىپ ئويناۋاتقان بالىلارنىڭ مەڭزىگە ئاستا سۆيۈپ كېتىۋاتقىنىڭدىن ھۇزۇرلىنىدۇ.
ئەي! نەۋرۇز، سەن بارچە ئەزگۈلۈك بىلەن لىققىدە تويۇنغان چىرايلىق ۋىسال پەرىشتىسى سەن.
ئەي! نەۋرۇز، سەن ئۆچەكتىكى بارلىق ھاياتلىقلارنى تاڭ قۇياشى پارلىغان ئىللىق سەھەرگە چىللايدىغان ئالتۇن خورازسەن.
ئەي! نەۋرۇز، سەن مۇڭلانغان زېمىنغا جەزبىلىك، شادلىق ئاتا قىلىدىغان، ئەڭ يېقىملىق، كىشى مەڭگۈ ئاڭلاپ قانمايدىغان سېمفونىيە سەن.
سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭدىكى ئىللىقلىقتىن ئۆزىنى تاپقان زېمىن، ئۆز زېممىسىدىكى مەسئۇلىيەت ئۈچۈن ھەرىكەتنى باشلىۋەتتى، ئىشلىرىنىڭ بەرىكىتىنى تىلەۋاتقان ئىللىق چىراي، خۇش تەبەسسۇم دېھقانلار، سېنىڭ مۇبارەك قەدىمىڭگە «نەۋرۇز ئېشى» تەييارلاپ شاد بايرامنىڭ ساداسىغا سەنىمىنى باشلىۋەتتى، قارا! بۇ قوناقلىقنى چىلانزار مەھەللىلەردىن يېڭى كىيىملىرنى كىيشىپ، تارتىنىشىپ چىقىۋاتقان ئۇ قىزنى تونىدىڭمۇ؟ سەن بۇلتۇر زېمىن باغرىغا ئاخىرقى نۇرلىرىڭنى چېچىپ يىغلامسىراپ خوشلاشقان چېغىڭدا، ئۇ تولىمۇ غەمسىز قىز ئىدى. ئەمما ھازىر ئۇنداق ئەمەس، نەۋرۇز ساداسى ياڭراۋاتقان ئاشۇ مەيدانغا ئۇ ھەممىدىن بەكرەك ئالدىراۋاتىدۇ، چۈنكى ئۇ يەردە ئۇنى «بۇ يىل نەۋرۇز كەلگەندە تويىمىز بولسۇن» دەپ ۋەدە قىلغان يىگىتى ساقلاپ تۇرىدۇ، شۇ تاپ ئۇنىڭ ياشلىق ئارمانلىرىغا يېڭى - يېڭى تېلەكلەر ئىز سالغان. تەشنالىقتا تېپچەكلىگەن ۋۇجۇدى ۋىسال شادلىقىدا سېنى تېخىمۇ چىڭ باغاش ئەتكەن، قارىغىنە دەپ كەلسەم سۆزلىرىم بۇنىڭدىنمۇ كۆپ، ئەڭ مۇھىمى شۇ تاپ يىراق قىرلاردىن ئانا يۇرتۇڭىنى ياد ئېتىپ، سېنىڭ ھىدىڭنى سۆرەپ كەلگەن قېرىندىشىمىز، مەن ئاڭلاۋاتىمەن، سەنمۇ ئاڭلىغانسەنمۇ؟ بەكمۇ ئۇزۇنغا سۇزۇلغان تارىم دەريا بويى، كۆز ياشلىرى سىڭىپ كەتكەن ئانا زېمىن:
ئاقىرىپ كۆرۈنەر يالغۇز بىر يەلكەن،
يىراق ئاسمان گۈمبىزىدە.
يىراق ماكاندىن كەلدى سېغىنىپ،
تاشلاپ كەتكەن، گۈزەل ئېلىگە.
ئاڭلىدىڭمۇ، يىراق قىرلاردىن ئانا تۇپرىقىنى سېغىنغان قېرىندىشىمىز، ئانا دەريا تارىم بويىدا، يۈرەكتىن تۈكۈلگەن نىدالىرى بىلەن، سېنىڭ ھىدىڭنى قانغىچە سۈمۈرۈپ، ئانا تۇپرىقىنى كۆزلىرىگە سۈرتۈۋاتىدۇ، سېنىڭ ئىلھامىڭ بىلەن قايناپ كەتكەن نەۋرۇز بايرىمىدا، ساڭا ئاتاپ نەۋرۇز قوشىقى ئۇقۇۋاتقان ئاشۇ كىشىلەر قېتىدا ئورۇن ئېلىۋاتقان بۇ قەدىرلىك مىنۇتلىرىنىڭ قانچىلىك قىممەتلىك ئىكەنكىنى، كۆڭلىدە دەڭسەۋاتقاندەك، سېنىڭ باغرىڭغا تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭىۋاتقان تۇيغۇسىنى مالىمان قىلماسلىق ئۈچۈن، ئۆزىنى ئاشۇ خۇشال كەيپىياتقا بۈلەۋاتىدۇ.
كەل نەۋرۇز، سېنى باغاشلاي. چۈنكى سەن تەبىئەتنىڭ ئەركىسى، سەندە ھاياتلىقنىڭ شادلىق كۈلكىلىرى جاراڭلايدۇ، سەندە دېھقانلىرىمنىڭ ئارمانلىرى ئاساس تاپىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-16 00:11