تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 51|ئىنكاس: 0

بۇ ئۈچ مەسەلنى ئوقۇپ قويۇڭ kiroran715[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
75
تۆھپە
54
UID
7655
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شىر ۋە بۆكەن


   ھەر كۈنى ئەتىگەن قۇياش كۆتۈرۈلگەندە، ئافرىقا يايلاقلىرىدىكى ھايۋاناتلار جانلىنىپ كېتىدۇ.
      شىر ئانا بالىسىغا مۇنداق دەيدىكەن :
      - بالام، سەن تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ تېز يۈگۈرۈشۈڭ كېرەك، ناۋادا سەن ئەڭ ئاستا يۈگۈرىدىغان بۆكەنلەرنىڭ ئارقىسىدا قالساڭ، ئاچ قېلىپ ئۆلىسەن.
      بۆكەن ئانا بالىسىغا مۇنداق دەيدىكەن:
      - بالام سەن تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ تېز يۈگۈرۈشۈڭ كېرەك، ناۋادا سەن ئەڭ تېز يۈگۈرىدىغان شىرلاردىن ئۆتۈپ كېتەلمىسەڭ، ئۇلارغا يەم بولۇپ ئۆلىسەن.
      ئىبرەت: سىز تېز يۈگۈرسىڭىز باشقىلار سىزدىنمۇ تېز يۈگۈرىدۇ. شۇڭا ئۇزىڭىزنىڭ بىرەر جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىڭىز، ئۇستىلىقىڭىزغا مەستخۇش بولۇپ يۈرمەڭ. «جاھاندا مەن بىرلا، باشقىلار ماڭا يېتەلمەيدۇ» دەپ ئۆز- ئۆزىڭىزگە تەمەننا قويماڭ. ئەگەر ئۆزىڭىزنى بىلمەي خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويسىڭىز، ھايات بەيگىسىدە «توشقان» سانالغان سىز ئۆزىڭىز كەمسىتكەن «تاشپاقا» غا ئۇتتۇرۇپ قويىسىز.

ئۆمۈچۈك ۋە ئادەم


      يامغۇر توختىغاندىن كېيىن، ئۆمۈچۈك تامدىكى ئۈزۈلۈپ كەتكەن تورلىرىنى قايتا توقىماقچى بوپتۇ، ئەمما تام يامغۇردا ھۆل بولۇپ كەتكەن بولغاچقا، ئۇنىڭغا ناھايىتى تەس توختاپتۇ، لېكىن ئۆمۈچۈك تور توقۇشتىن قەتئىي بوشىشىپ قالماپتۇ.
بىرىنچى ئادەم بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئۇلۇغ كىچىك بىر تىنىۋالغاندىن كېيىن، ئۆز- ئۆزىگە «ھەي مېنىڭ ئۆمرۈم مۇشۇ ئۆمۈچۈكنىڭكىگە ئوخشاش ئىكەن، كۈن بويى ئالدىراشچىلىقتا ئۆتىمەن، ئەمما باشقا ئېلىپ چىققان بىرەر ئىشىم يوق» دەپتۇ ھەم كۈندىن- كۈنگە چۈشكۈنلىشىپ كېتىپتۇ.
      ئىككىنچى ئادەم بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ، ئۆز- ئۆزىگە «بۇ ئۆمۈچۈك بەك دۆت ئىكەن، ھۆل يەرگە تور تارتىمەن دېمەي، يان تەرەپتىكى قۇرۇق تامغا تور تارتسا بولمامدىغاندۇ؟ مەن بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىزمۇ بۇ ئۆمۈچۈكتەك كالۋالىق قىلمەيمەن» دەپتۇ ھەم كۈندىن - كۈنگە ئەقىللىق بولۇپ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىپتۇ.
بىز شەيئىي، ھادىسىلەرگە قانداق نەزەردە قارىساق، كۆرىدىغىنىمىزمۇ شۇنداق بولىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى كىشىلەرنى بىر - بىرىدىن ھەقىقى تۈردە پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغىنى - ئۇلارنىڭ بايلىقى، مەرتىۋىسى، نام - ئابرۇيى بولماستىن، بەلكى روھىي دۇنياسى، ئىدىيەسىدۇر.


بايلىق، مۇۋەپپەقىيەت ۋە مۇھەببەت


      ئاپپاق ساقاللىرى مەيدىسىگە چۈشۈپ تۇرغان ئۈچ بوۋاي بىر ئايالنىڭ ھويلىسى ئالدىدا ئارام ئېلىۋاتاتتى. بۇ ئۇچ بوۋاينىڭ بىرى «بايلىق»، بىرى «مۇۋەپپەقىيەت»، يەنە بىرى «مۇھەببەت» ئىدى. ئايال ئۇلارنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىۋېدى، ئۇلار قاقاقلاپ كۈلگىنىگىچە ئايالغا «رەھمەت» ئېيتتى، ھەم ئازراقمۇ مىدىرلاپ قويمىدى.
      ئايال بۇ ئىشتىن تېڭىرقاپ تۇرۇپ قېلىۋېدى، ئۈچەيلەن ئايالغا:
      - بىز  ئۈچىمىز بىرلا ۋاقىتتا بىر ئۆيگە تەڭ كىرەلمەيمىز. سىز كىرىپ ئۆيىڭىزدىكىلەر بىلەن ئويلىشىپ كۆرسىڭىز، سىلەر ئۈچىمىزنىڭ ئىچىدە كىمگە ئەڭ ئېھتىياجلىق؟ - دەپتۇ.
      ئايال ئۆيگە كىرىپ ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئېيتىپتۇ، ئېرى بۇنى ئاڭلاپ ھەم ھەيران بولۇپ ھەم خۇشال بولغان ھالدا:
      - راستىنلا شۇنداق بولسا، بىز بايلىق بوۋاينى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ، ئۆيىمىزنى بايلىق بىلەن توشقۇزايلى، - دەپتۇ.
      ئايالى بۇنىڭغا قۇشۇلماي:
      - سۆيۈملۈكۈم، بىز نېمىشقا مۇۋەپپەقىيەت بوۋاينى تەكلىپ قىلمايمىز؟ قىلغان ئىشىمىزنىڭ ھەممىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، ئۇ ۋاقىتتا تېخىمۇ ياخشى بولمامدۇ، - دەپتۇ.
      بۇ ۋاقىتتا كىلىنى سۆز قىستۇرۇپ:
      - بىز يەنىلا مۇھەببەت بوۋاينى تەكلىپ قىلايلى، ئۇنى تەكلىپ قىلىپ ئائىلىمىزنى قۇيۇق مۇھەببەت بىلەن توشقۇزايلى، - دەپتۇ.
      ئەر - خوتۇنمۇ كىلىنىنىڭ دېگىنىگە  قوشۇلۇپ، مۇھەببەت بوۋاينى ئۆيگە تەكلىپ قىپتۇ، كىم بىلسۇن، مۇھەببەت بوۋاي ئورنىدىن تۇرۇشى بىلەن تەڭلا، مۇۋەپپەقىيەت بوۋاي بىلەن بايلىق بوۋايمۇ تەڭلا ئۇنىڭغا ئەگىشىپتۇ. ئايال ئەجەبلەنگەن ھالدا سوراپتۇ:
      - بىزنىڭ تەكلىپ قىلغىنىمىز مۇھەببەت بوۋاي تۇرسا، سىلەر ئىككىڭلارنىڭ ئەگىشىۋالغىنىڭلار قانداق گەپ؟
      ئۈچ بوۋاي خۇشال بولغان ھالدا جاۋاب بېرىپتۇ:
      - مۇھەببەت قەيەردە بولسا، شۇ يەردە بايلىق ھەم مۇۋەپپەقىيەتمۇ بۇلىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-15 21:30  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-3-17 21:35, Processed in 0.066527 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991