قۇدرەت ئېلى
قەغىش تەگكەن بالا
(ھېكايە)
كېچە سائەت ئون ئىككى بولغاندىمۇ، بالا تېخىچە يىغلاۋاتاتتى. بىچارە ئانىنىڭ قىلمىغان قىلىقى قالمىدى؛ دورا ئىچكۈزدى، قورسىقىغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ باقتى، كېپەكنى پاختا رەختكە ئوراپ ئىسسىتىپ بېشىغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ باقتى، بالا يەنىلا توختىماي يىغلاۋەردى. ئانا ئۆزىنىڭ ئۇخلىيالمىغانلىقىدىن ئەمەس، بالىسىنىڭ ئازابى ئۈچۈن قىينىلىپ، بالىسىنىڭ بىئارامچىلىقىدىن يۈرىكى ئاغرىپ كېتىۋاتاتتى. ئانا شۇ دەقىقىدە بالىسىنىڭ دەردىنى ئەنە شۇنداق تارتىۋاتاتتى. بالا قەتئىي يوسۇندا بىر ئىشنى تەلەپ قىلىۋاتقاندەك قىرقىراپ يىغلايتتى .يۇمران يۈز تېرىلىرى كۆز ياشلىرىدا يۇيۇلۇپ، چىراغنىڭ غۇۋا يورۇقىدا پارقىراپ كۆرۈنەتتى. ئۇ كۈچەپ يىغلىغانلىقتىن يۈزلىرى ئېسىلىپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ قايسى يېرىنىڭ بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى بىلگۈسى كېلەتتى. ئەگەر بىلەلىگەن بولسا، داۋانى جېنىغا تېگىشىپ ئەكىلىپ بەرگەن، بالىسىنى ئارام ئالدۇرغان بولار ئىدى. ئۇ ئازابلىق قىرقىراۋاتقان ئاجىز ۋۇجۇدقا ھەربىر قارىغىنىدا، نائىلاج ھالىتىدىن خۇرسىناتتى. بالىسىنىڭ دەردى ئۈچۈن ئىچى ئېچىشىپ كېتىۋاتاتتى. «بالا بېقىش» دېسە، ئۇ بۇرۇن ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيتتى. مانا ئەمدى چۈشەنگەنىدى. ئېرى ئۇنىڭ سېزىكى تۈگىگەن كۈنلەردە ئۈن-تىنسىزلا ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندى. شۇ چىقىپ كەتكەنكە شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى ھېچبىر خەۋىرى بولمىدى. ئايالى نەدىن، كىمدىن سۈرۈشتۈرۈشنى بىلمەيتتى. ئېرىنىڭ بىرەر يېقىن دوستىمۇ يوق ئىدى. باشقا يۇرتلارغا بېرىپ ئېرىنى ئىزدەپ بېقىشنى خىيالىغا كەلتۈرمەيتتى. خىيالىغا كەلتۈرگەن تەقدىردىمۇ مۇشۇ «ئەسكى» بىلەن بىر يەرگە بارغىلى بولسۇنمۇ؟ ياش ئانا ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرى بىلەن بالىغا ئارانلا يېتىشەتتى. قوي باققۇسى بولسىمۇ يېتىشىمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ باقمىدى. بالىسى بىلەن ئىككى جانلىق بىر ئائىلە مىڭ تەسلىكتە كۈن كەچۈرمەكتە ئىدى. ئۇ ئۆزى يالغۇز ھايات بىلەن ئېلىشىۋاتاتتى. گەرچە بىر قانىتى يارىلانغان قۇش بولسىمۇ، ئەمما ئۇچۇشقا غەيرىتى يېتىپ ئاشاتتى. ئۇ بىر ئىشلاردا ئىلاجىسىز قالغاندا، يوق ئېرىگە بەكرەك ھاجەتمەن بولۇپ كېتەتتى. ئېرىنىڭ بۇ دۇنيادا بىرەر تۇغقىنى بولسا كاشكى…
بالا يەنە قىرقىراپ يىغلاشقا باشلىدى، ئاۋازى بالاغەتكە يەتكەن ئەرلەرنىڭكىدەك بوم چىقاتتى. ئانا ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ بۆشۈكنى تەۋرەتتى. كۈچلۈكرەك تەۋرەتكەندە، بۆشۈكنىڭ كۆلدۈرمىسى جىرىڭلاپ كېتەتتى. بۇنى ئاڭلىغان بالا يىغىسىنى بىردەملىك توختىتاتتى - يۇ، يەنە قەرغىشلىك قىلاتتى. ئانا بىردەم ئەللەي ناخشىسى ئېيتاتتى، بىردەم بالىسىنى بەزلەيتتى. لېكىن بالىنىڭ يىغىدىن توختىشىدا ئۈمىد يوقتەك قىلاتتى. ئانا بۆشۈكنىڭ قولتارتقۇلىرىنى بوشىتىپ، بالىغا ئازادىلىك بېغىشلاپ باقاتتى، ھېلىدىن-ھېلىغا سۈزمىسى تۈگىگەن خالتىدەك بولۇپ كەتكەن كۆكسىنى بالىنىڭ ئاغزىغا تەڭلەيتتى. لېكىن بالا ئۈچۈن بۇلارنىڭ ھەممىسى بەرىبىر بولۇۋاتاتتى. ئاشۇ پەيلىدە ئۇ بۇ ئاي، بۇ كۈنلەردە يىغىدىن توختايدىغاندەك قىلمايتتى…
ئايال ئېرىنى خىيال قىلدى، ئۇ بولغان بولسا «سەن بىردەم ئۇخلىۋال، بۆشۈكنى مەن تەۋرىتەي» دېگەن بولاتتى. بالىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئىدى. تاماقلارنى ئوبدان يەيتى، ئانىنىڭ كۆكسىنى يۈتۈۋەتكۈدەك قاتتىق شورايتى. سۈزمىسى تۈگىگەن خالتىدىن بىر نېمە چىقمايتتى. بالا ئىلگىرى ئۇنچە كۆپ يىغلىمايتتى، ئەمما يېقىنقى نەچچە ئايدىن بېرى كېچىلىرى ھەمىشە ئەنە شۇنداق قەرغىشلىك قىلىپ، ئانىسىنى ئۇخلاتمايدىغان بولۇۋالغانىدى، ئۆزىمۇ ئۇخلىمايتتى. ئانا «ئەنە، ئىتلار كەلدى، كىم يىغلىسا ئەكىتىمەن دەيدۇ ... چاغە، ھوي بېشىنى يەيدىغان ...» دەپ بالىغا قورقاق سېلىپ توختاتماقچى بولاتتى. «قارا ماۋۇ نېمە؟ ... ئا چىراغقا قارىغىنە ...» دەپ بالىسىنىڭ دىققىتىنى بۇراپ يىغىدىن توختاتماقچى بولاتتى. ئەمما بالا بۇلارغا قىلچە پەرۋا قىلماستىن يىغلىغىنى يىغلىغان ئىدى. ياش ئانا نېمە قىلارىنى بىلمەي، ھېلى ئۇ، ھېلى بۇ سەۋەبنى قىلىپ باقاتتى.
ئېرى بولغان بولسا چوقۇم بىر ئامال قىلىپ، بالىنى يىغىدىن توختاتقان بولاتتى. ھەربىر ئىشقا ئېپى بار ئەر ئىدى. دۇتتاردىن نەچچە پەدە چېلىپ بەرسە توختاپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇنىڭغىمۇ ئۇنىمىسا بالىنى بۆشۈك بىلەنلا كۆتۈرۈپ، دولىغا ئېلىپ، ئۆي ئىچىدە يۈگۈرگەن بولاتتى... ئۇلار بەكمۇ بەختلىك ياشاۋاتاتتى. كۆز تەگكەندەكلا بىر ئىش بولدى. سىرت ئۇنىڭ ئېرىنى ئۆيدىن بىر چاقىرىپ، ئېلىپ چىقىپ كەتكەنچە قايتۇرۇپ بەرمەيۋاتاتتى. ئەسلىدە مەھەللىدىكى ھەممەيلەننىڭ ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە مەسلىكى كېلەتتى. مانا ئەمدى بەزىلەر «ماختىغان ئېرىڭنى كۆرە!» دەيدىغان بولدى - دە ... ئۇلارغۇ ھەر نىمە دېسە مەيلى ئىدى، ئېرى قايتىپ كەلسىلا بولاتتى. ئۇ ئېرىنى ھەقىقىي سېغىنغانلىقىنى ھېس قىلدى. بالىسى بولغاچقىلا ئۇ ئۆزىنى ئانچە تەنھا ھېس قىلىپ كەتمەيتتى. ئېرى يامان ئىشلار بىلەن شۇغۇللانمايتتى. شۇڭا ئۇنى بىخەتەردەك ھېس قىلاتتى. ئېرىنى ئەقىللىق، ھوشيار ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ خاتىرجەم بولغاندەك بولاتتى. ئۇ شۇ تاپتا ئېرىنىڭ مۇھەببىتىگە تولىمۇ تەشنا بولۇۋاتقانلىقىنى سەزگەندەك بولاتتى.
بالا يىغىسىنى يەنە بىردىنلا كۈچەيتتى. پۈتۈن كۈچى بىلەن قىرقىراپ يىغلايتتى. خۇددى ھېچبىر سەۋەب ئۇنىڭ يىغىسىنى توختىتالمايدىغاندەك يىغلايتتى. ئانا ئۆي ئىچىنى يورۇتۇشقا قۇربى يەتمەيدىغانلىقىنى تەن ئالغاندەك غۇۋا يورۇتۇپ تۇرغان ياڭاقچىلىك چوڭلۇقتىكى لامپۇچكىنىڭ ئاجىز نۇرى ئاستىدا ھاياتىنىڭ ھازىرقى دەقىقىلىرىنى بالىسى ئۈچۈنلا ئۆتكۈزمەكتە ئىدى. ئۇ بۆشۈكنى چىڭ-چىڭ تەۋرىتىپ، ئۈنلۈك ئاھاڭدا بالىسىغا سۆزلەيتتى...
- ماڭا ئىچىڭىز ئاغرىمىسىمۇ بالام، ئۆزىڭىزگە ئىچىڭىز ئاغرىسۇن بالام. بەك قىينىلىپ كەتتىڭىز جېنىم يۈرەك پارەم...
- ئانا بۆشۈكنىڭ يېنىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، بالىسىنى يەشتى. قوللىرىنى قولتۇقىغا سېلىپ ئىسسىتقاندىن كېيىن بالىنى بۆشۈكتىن ئاۋايلاپ ئالدى - دە، يوتقانغا يۆگىدى. ئاندىن مايكىسىنى سېلىۋېتىپ، ئوتتەك قىزىق باغرىغا بالىسىنى بېسىپ ياتتى. بالا سەل پەسكويىغا چۈشكەندەك بولدى. يىغىدىن توختىمىدى، پەقەت ئاۋازى سەل تۆۋەنلىدى. ئېرى بولغان بولسا، بالىسىنى ئوتتۇرغا ئېلىپ ياتار ئىدى. بىرى گوللىغاندا، يەنە بىرى بىردەم ئۇخلىۋالار ئىدى...
ئېرى ساراڭلاردەكلا بىر ئىش قىلدى. ھېچبىر بىشارىتى، ھېچبىر ساداسى يوق ھالدا ئۆيدىن ئايرىلدى. ئىككى يىل بولغىلىۋاتسىمۇ، بىرەر خەۋىرىنى بەرمىگىنى ئەڭ چۈشىنىكسىز... باشقا بىرەر ئايال بىلەن كېتىپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس...ئۇ «ئاغزىمغا تاشتۇپراق» دەپ قىلغان خىياللىرى ئۈچۈن پۇشايمان قىلدى. ئۇنىڭ ئېرى ئۇنداق چاكىنا ئىشنى ھەرگىز قىلمايتتى. ھېچبىر ئەيىپى يوق ئىدى. يامان بولىدىغان ئىشلارنىڭ بىرىدىمۇ يوق ئىدى. شوخ، ئەمگەكچان يىگىت ئىدى. توغرا سۆزلۈكى بىلەن چوڭلارغا، شوخلۇقى بىلەن كىچىك بالىلارغا ئوخشايتتى. دادا بولغانلىقىنى ئاڭلىغان كۈنى كەچتە ئۇ تاڭ ئاتقۇچە كۆز يۇمماي سۆزلەپ، ئايالىنىڭ قورسىقىنى سىيلاپ چىققاندى. «ئاللاھتىن ئۇنىڭ قىز-ئوغۇللۇقىنى ئەمەس، نى-نى ئىشلارنى قىلالايدىغان ئادەم بولۇشىنى تىلەيمەن...» دېگەنىدى ئۇ. يېتىمچىلىكتە چوڭ بولغاچقىمۇ ئاتا بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، زىيادە خۇش بولغانىدى. نامرات بولغىنى بىلەن رەتلىك كېيىنىشكە ئېتىبار بېرەتتى. دۇتار چالغانلىرىدا خوتۇنى ئۇنىڭ سول يوتىسىغا بېشىنى قويۇۋېلىپ يېتىۋېلىشقا ئامراق ئىدى.
«بىرەر پېشكەللىكلەرگە يولۇقۇپ قالمىغىيتى...» دەپ خۇدادىن تىلەيتتى. ئامانچىلىق بولسىلا قايتىپ كېلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنەتتى. قايتىپ كەلمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چوقۇم بىرەر ئورۇنلۇق سەۋەب بىلەن كەتكەن بولۇش مۇمكىنچىكىلى چوڭ ئىدى. ئۇ مەسئۇلىيەتسىز ئادەم ئەمەس ئىدى...
بالا يەنە كۈچەپ يىغلاشقا باشلىدى. ئانا شۇ ھامان بەزلەشكە باشلىدى. بالىنىڭ يىغىسى ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ قات-قېتىغا ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. بېشى زىڭلداپ ئاغرىيتى. ئورنىدىن تۇرۇپ مايكىسىنى كەيدى. ھاۋا ئوبدانلا سوۋۇپ قالغاندى. ئۇ بالىنى قايتىدىن بۆشۈككە بۆلەپ، تولا شورۇلۇپ، ھېچنىمە قالمىغان ئەمچىكىنى بالىنىڭ ئاغزىغا تەڭلىدى. بالا ئەمچەكنى ئاغزىغا شۇنداق ئالاتتىيۇ، بىر شوراپ بېقىپلا دەرھال تۈكۈرۈپ چىقىرىۋېتەتتى. ئانا بۆشۈكنى بىر قولىدا تەۋرەتكەچ، يەنە بىر قولىدا بۆشۈك دەستىسىگە ئېسلىغان قوڭغۇراقنى توختىماي جىرىڭلىتاتتى. ئەمما بالا يىغىسىنى ھېچ توختىتاي دېمەيتتى...
ئۇ ئېرىنىڭ تامغا ئېسىقلىق تۇرغان دۇتىرىغا قاراپ، ئېرىنىڭ بالىسى يىغلىغاندا دۇتار چېلىپ بېرىدىغان ئىشىنى ئېسىگە ئالدى. دەرھال ئورنىدىن تۇردى ۋە دۇتارنى ئەكىلىپ، بالىغا تىرىڭشىتىپ بەردى. ئاۋۋال تىرىڭشىتتى، ئاندىن رەسمىي تۈزۈپ، ئېرىدىن ئۈگىنىۋالغان «باش پەدە» نى بالىسىغا چېلىپ بەردى. يېقىملىق كۈي تۈن قوينىغا ئاستا-ئاستا سىڭىپ كەتمەكتە ئىدى.
ئاتام سورىسا، ئانام سورىسا،
مېنى زىنداندىكىن دەڭلا.
بىر كۆزى قان، بىر كۆزى ياش،
يىغلاپ ياتىدۇ دەڭلا...
بالا كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ، بېشىنى بۇراپ ئانىسىغا قارىدى. يىغىسىمۇ توختىدى. بۇ بالىنىڭ نەچچە سائەتتىن بېرى بىرىنجى قېتىم يىغىدىن توختىشى ئىدى. ئانا بالىنىڭ يىغىدىن توختىغانلىقىنى كۆرۈپ، دۇتارنىڭ تارىغا رېتىملىق ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى...
مەھەللىدە توي-تۆكۈن بولسا قوشنىلار ئۇنىڭ ئېرىنى دۇتار چېلىپ بەرسۇن دەپ تەلەپ قىلىشاتتى. ئۇمۇ ئېرىنىڭ دۇتىرىنى ئاڭلاشقا ئامراق ئىدى. ئېرى ئۇلارغا دۇتار چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ بېرەتتى. خەلق ناخشىلىرىغا بەك ئۇستا ئىدى. يۇرتلاردىكى يىگىت تويلىرىدا باش پەدىگە چالىدىغان بولسا، مەھەللىدىكى چوڭلار تۇرالماستىن ئۇسسۇلغا چۈشۈشۈپ كېتەتتى. ئۇ خوتۇنىغا دۇتارنى مەخسۇس چېلىپ بەرمىسىمۇ، ئۇنىڭ ئىختىيارىي يوسۇندا چالغانلىرىدىن خوتۇنى يېتەرلىك بەدىئىي زوق ئالالايتتى.
توي كۈنى كەچتە ئۇ ئۆزىنىڭ تويىغا ئاتاپ دۇتار چالغان ئىدى. ھۇجرىغا كىرگەندىن كېيىنمۇ ئاۋۋال بىر پەدە چېلىۋەتكەنىدى... بەك ساراڭ ئىدى...
ئۇ دۇتارنى ئۇدۇل تامغا يۆلەپ قويۇپ، بالىنىڭ كۆپ يىغلاشتىن ئىششىپ كەتكەن ياش يۇقى يۈزىگە قاراپ، ئۇنىڭدىن ئېرىنىڭ چىرايىنى كۆرگەندەك بولۇپ كەتتى...
ئېرى ئۇنى بەك ياخشى كۆرەتتى. ئۇلار بالا چاغلىرىدىن باشلاپلا بىر-بىرىنى تونۇيدىغان مەھەللىداشلاردىن ئىدى. ئېرىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئېرى كىچىك ۋاقتىدىلا قازا قىلغاندى. ئېرى تاغىسىنىڭ قولىدا چوڭ بولغان بولۇپ، ئون يەتتە ياشقا كىرگەن يىلى تاغىسىمۇ قازا قىلىپ كەتكەندىن كېيىن، دادىسىدىن قالغان كونا ئۆيدە تەنھا ياشاپ كەلگەندى. تاغىسىنىڭ يىل نەزىرىسىدىن كېيىن، مەھەللىدىكىلەر دەرقەمدە بولۇپ، ئۇنىڭ بېشىنى ئوڭشاپ قويدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى قىسقىغىنە بىر نەچچە يىلدا ئۇلار كېۋەزلەرگە تىرىشىپ ئىشلەپ، خارابىگە ئايلىنىپ بولغان دادىسىدىن قالغان كونا ئۆيلەرنى يېڭىلاپ، راۋرۇس قىلىپ، يەتتە ئېغىز چوڭ ئۆي ۋە ئەللىك نەچچە مېتىرلىق پىشايۋانلىق قورۇنى بەرپا قىلدى. ئۇ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا پۇختا ئىدى. بار-يوق يەتتە مو يېرىدىن يامان ئەمەس كىرىم قىلىپ كۆڭۈللۈك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتاتتى. ئېرىنىڭ بۇنداق قىلىشىنى خوتۇنى ھېچقاچان ئويلاپ باقمىغان ئىدى. ئۇ ئېرىگە زىيادە ئىشىنەتتى. ھازىرمۇ ئۇنى ئانچە ئەيىبلىگۈسى كەلمەيۋاتاتتى. ئادەتتە خاتا ئىش قىلمايدىغان ئېرىنىڭ ياخشى-ياماننى پەرق قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ئەمما «مۇنداق ئىشتى...» دېمىگىنى كاللىسىدىن ئۆتمەي تۇرۇۋالاتتى. ھەر ئىش بولسا مەن بىلسەم بولىۋېرەتتىغۇ؟ مەندىن باشقا كىمىسى بار؟ دەپ ئويلايتتى...
بالا ئاۋۋال بوش، بارا-بارا كۈچەپ يىغلاشقا باشلىدى.ئاخىردا پۈتۈن كۈچى بىلەن قىرقىراپ يىغلاش ھالىتىگە كىردى. ئانا ئۇنى قايتىدىن بۆشۈككە بۆلىدى. قولتارتقۇلارنى بۆشۈك دەستىسىگە پۇختا چىگىپ رېتىملىق تەۋرىتىشكە باشلىدى. يوتقاننى دولىغا ئارتىپ ئولتۇرۇپ، بىر خىلدا تەۋرىتەتتى. ھازىر ھاۋامۇ ئوبدانلا سوۋۇپ قالغان بولۇپ، ئەتىگەن - ئاخشاملىرى دولنى قورىۋاتاتتى. تېخى كۆمۈر ئالمىغانىدى. پاختىلارنى ساتاي دەيتى - يۇ، باھاسى ئۆسۈپ قالارمىكىن دەپ ساقلاپ قېلىۋاتتى. بۇ يىلقى كىرىمدىن ئون مىڭ سومچە پۇل ئاشاتتى. تېجەپ خەجلىمىسە يەتمەيتتى...
قاتتىق يىغا ئاۋازىدا خىياللىرىمۇ چېچىلىپ تۇراتتى. بالا يىغىسىنى ياندۇرالماي، قېقىلىپ يۆتىلىپ كېتەتتى. ئانا دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، بۆشۈكنى ئۆرە قىلاتتى. بالىسىغا ياردەم قىلالماي جىلە بولاتتى. ئۇنىڭ پۇشۇلداپ بىردەم ئۇخلىۋېلىشىنى تىلەيتتى. بالا بوم ئاۋازدا كۈچەپ يىغلايتتى. ئانا قوللىرىغا قونچاقلارنى ئېلىپ، ھاۋادا پۇلاڭلىتاتتى، دۇتار چېلىپ باقاتتى. دۇتارمۇ كۈچىنى يوقاتقانىدى. ئۇ دۇتارنى تامىكى ئورنىغا ئېسىپ قويۇپ، بالىسىنى قايتىدىن بۆشۈككە بۆلەشكە كىرىشتى. ئاۋۋال ئۆزىنىڭ قوللىرىنى قولتۇقىغا تىقىپ ئىسسىتتى، ئاندىن ئىسسىغان قوللىرى بىلەن بالىنى ئاۋايلاپ بۆشۈككە سالدى. قول تارتقۇلىرىنى تارتىش بىلەنلا، بالا يىغىسىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. ئانا بىر نەرسىنى غۇۋا ھېس قىلغاندەك بولۇپ، بالىنىڭ قولىنى چىقىرىۋېتىپ، قولتارتقۇنى چىڭدىدى. بالا بىردىنلا يىغىدىن توختىدى. ئۇ ئاخىرى بىر قېتىم بولسىمۇ يىغىدىن بىر قېتىم توختىغانىدى. «قولۇمنى چىقىرىپ ياتىمەن دېسەڭ بولماسمىدى، بالام...» دەپ خۇرسەن بولدى ئانا. ئۇ بۆشۈكنى بوش تەۋرەتكەچ ئېرى توغرىسىدا ئويلاشقا باشلىدى. مايكىچان بەدىنى سوغۇقنى سەزمەيتتى. ئۇ ھەر قېتىم ئېرى توغرىسىدا خىيال سۈرگەندە ھېچقانداق نەرسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان بولۇپ قېلىۋاتاتتى...
ئېرى ئۇنىڭغا بەكلا ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى. ھەربىر ئىشىدا ئايالىغا ياخشى تەسىرلەرنى قالدۇرغاندى. يېقىندىن بېرى غەمكىن ئۆتىدىغان كۈنلىرى كۆپىيىپ كېتىۋاتقاندەك تويۇلغانىدى. كېچىللىرى نەچچە رەت ئويغىنىپ كەتكەنلىكىنى تۇيغانىدى. ئەمما ئۇنىڭدىن بۇنداق ئىش چىقىدىغانلىقىنى ھېچ ئويلاپ باقمىغانىدى. ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەنلىكىگە كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيتتى. يامان ئىشلار ئۈچۈن كەتكەن بولۇشىغا قەتئى ئىشەنمەيتى. «كۈنلىرى قانداق ئۆتۈۋاتقاندۇ؟...» دەپ ئويلايتتى ئۇ.
ئۇ بىر ئاز توڭلىغانلىقىنى ئاڭسىز ھالدا تىترەپ كېتىۋاتقان بەدىنىدىن ھېس قىلدى. يوتقانغا پۈركىنىپ يېتىۋالدى. بىردەم بولسىمۇ ئارام ئالىدىغان بولدى.
ھاۋا كۈندىن - كۈنگە سوۋۇپ كېتىۋاتاتتى. كۆمۈر ئېلىشى كېرەك ئىدى. بىر توننا كۆمۈر دېگەنمۇ مانچە پۇل ئىدى. ئون خالتا ئۇن ئېلىۋېلىش ئازۇيى ئەمەلگە ئاشامدۇ-يوق، بۇنىڭغا بىر نېمە دېگىلى بولمايتى. ھازىر پاختا ئەرزان، كىيىم قىممەت بولۇۋاتاتتى. مەھەللىدە توي- تۆكۈن بولسا «ئېرىم تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەن» دەپ، قاراپ ئولتۇرغىلى بولمىسا يە... ئەر كىشى دېگەن ئۆينىڭ بەرىكىتى ئىكەن، ئۆزى بولغان بولسا چوقۇم تەل قىلىپ بەرگەن بولاتتى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭمۇ ئاۋۇ تۇرنىسا خانىم كېيىۋالغاندەك بىر پەلتۇسىنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى. ئېرى بولغان بولسا چوقۇم ئېلىپ بەرگەن بولاتتى. ھېلىمۇ ئېرى كەلسە ئېلىپ بېرەتتى. ئۇنىڭ ئېرى چوقۇمكى، موھىم بولمىغان بىر ئىشلار ئۈچۈن بۇنداق يوقاپ كەتمەيتتى...
يېزىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشى ئۇنچىلىك باياشات بولمىسىمۇ، كىشىلەر توي - تۆكۈننى چوڭ قىلىدىغان بوپكىتىشكەنىدى. ئورۇنسىز چېقىملارنى كۆپ قىلاتتى.ئۇلا ئەمەس، يېزىدىكى كۆپ سانلىق كىشىلەر يىلبويى ئىشلەپ تۇرمۇشىنى ئاران ئۆتكۈزۈشەتتى. ئۇلار ئازغىنە يەرگە بىر يىل تەر تۆكسە ھېچقانچە پۇل قىلالمايتى. توك كەلگىنمۇ تېخى نەچچە يىللا بولغانىدى.بۇ يەردىكلەر تۇرمۇشىنىڭ باياشادلىقىدىن ئەمەس، تېنىنىڭ ساقلىقىدىن ياراتقۇچىغا رەھمەت ئېيتىشقا تېگىشلىك ئىدى.
تەن ساق بولسىلا نامراتلىقى چېنىپ كەتمەيتتى. ئۇ ئورۇق بولغىنى بىلەن تېنى ساغلام ئىدى. تۇرمۇشىنى قامداشقا ھەر ھالدا قۇربى يېتەتتى. ئېرى قايتىپ كەلسە، تېزدىنلا ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشەنچ باغلايتى.
بالا يەنە يىغىسىنى باشلىدى. قوللىرى مۇزلاپ كەتكەنىدى. ئانا بالىغا سوغۇق ئۆتكۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئۇنىڭ قوللىرىنى ئىسسق قوللىرى بىلەن سىيلىغاچ، قولتارتقۇنى يېشىپ، بالىنىڭ قوللىرىنى يۆگەپ تاڭدى. ئەمما بالا يىغىسىنى توختاتمىدى. بىردەملىك جىملىقتىن كېيىن ئۆي ئىچى قەرغىش تەگكەن بالىنىڭ يىغا ئاۋازى بىلەن يەنە لىققىدە بولۇپ قالدى. يىغا ئاۋازى ئىچىدە ياش ئانا مۈكچىيىپ قالغانىدى. ئۇنىڭ بېشى زىڭىلداپ، ئىچى ئېچىشقاندەك بولۇپ كەتتى. بالا قوللىرىنى مىدىرلىتىپ، پۇتلىرىنى قىمىرلىتىپ ھەدەپ كۈچەيتى. قوللىرىنى چىقىرىپ قويغان بىلەن سوغۇق ئۆتۈپ قالاتتى. توڭلاپ كەتسە، بايىقىدەك يەنە يىغلايتتى. مەشنى قويۇپ قويغان بولسىمۇ كاشكى...ئوتۇن بىلەن بولسىمۇ بىر قېتىم ئىسسىتىۋەتسە، قارا قىش بولمىغاندىكىن ئىللىغان بولاتتى. ئەمما مەشنى تېخى قويمىغانىدى. ئېرى بولغان بولسا ئاللىبۇرۇن «بالا توڭلاپ قالىدۇ...» دەپ مەشنى قويغان بولار ئىدى. ئوتۇن كەسلىگۈدەك كەكىسىمۇ يوق ئىدى. ئازغىنە پۇللۇق نەرسىگىمۇ يېتىشەلمەي ئېشىنالمايۋاتاتتى. ئىككى يىلنىڭ ئالدىدىكى مۇشۇنداق سوغۇق كۈنلەردە ئېرى بولغاچقا،بۇنداق ئىشلار ئۈچۈن باش قاتۇرمىغانىدى. ئېرى ئوتۇنلارنى قول ھەرىسىدە بىر غېرىچ ئۇزۇنلۇقتا كېسىپ، يەشىكلەرگە قاچىلاپ، مەشنىڭ تۈۋىگە قويۇپ بەرگەنىدى. ياغاچچىلىقنى ئۆگەنمىگەن بىلەن ئۆي سالغاندا بىر يۈرۈش ياغاچچىلىق ئەسۋابلىرىنى سېتىۋېلىپ، ئىشىك-دېرىزىلەرنى ئۆزى ياسىۋالغاندا مەھەللىدىكىلەر ھەيران قېلىشقانىدى. قولى بەك ئەپلىك ئىدى. سىرتتا بولغان ئىشلارنى ئۆيدە سۆزلەپ يۈرۈش بىلەن خوشى يوق ئىدى. شۇنچە ئوبدان بىر ئادەمنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرۇپ، ئۈن-تىنسىز غايىب بولۇشى قىزىق ئىدى. مەھەللىدىكى ھەممەيلەن ئۇنىڭ بۇ ئىشىدىن ھەيرانۇ-ھەس قېلىشقانىدى. چوڭلار «توۋا،ئۇنى بۇنداق قىلار دەپ ئويلىماپتىكەنمىز...» دېيىشىپ كېتىشتى. مەھەللىدىكى خوتۇنلار ئۇنى «چوقۇم بىرەرى بىلەن توي قىلىۋالغان...» دېگەن گەپلەرنىمۇ تېپىشقان ئىدى. ياش ئانا بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ئىشەنمەيتتى. ئۇ پەقەت ئېرىنىڭ بىر كۈنى ئىشىكنى يېنىك ئېچىپ كىرىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. مەھەللىدىكى خوتۇنلارنىڭ «ئېرىڭىز چوقۇم قايتىپ كېلىدۇ، خاتىرجەم بولۇڭ...» دېيىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. مەھەللىدىكى ئىش كۆرگەن ياش بالىلار ئۇنىڭغا ئانچە-مۇنچە خىرىس قىلىپ قويىدىغانمۇ بولۇۋالغانىدى. ئەمما ئۇنىڭ نەزىرىدە ئۇلار پەقەت بەز ماريدىغان مۈشۈككىلا ئوخشايتى. ئوبدانراق بىر خۇي بىلەنلا ھەر قاندىقى تىرىپىرەن بوپكىتەتتى. ئۇنىڭغىمۇ ئۇنىمىغانلىرىغا ئاچا-سىڭلىسىنى شىپى كەلتۈرۈپ دەككىسىنى بەرسىلا بولاتتى. ئىككىنچىلەپ تىكىلىپ قارىيالمايتتى. ئەڭ مۇھىم جەھەتتە ئۇ مۇكەممەل ئايال ئىدى. «ئېرىدىن باشقىسىنى ئۆزىگە ھارام دەپ بىلەتتى. ئىتىقادى مۇستەھكەم ئىدى. ئۇ ئېرىگە تولۇق ئىشىنەتتى. مەھەللىدىكى خوتۇنلارنىڭ بىر نەچچىسىنىڭ ئېرىگە يېقىنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ پەقەتلا ئاچچىقى كەلمەيتتى. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭغا يەتمەيتتى. ئەڭ مۇھىمى ئۇ ئېرىگە چەكسىز ئىشىنەتتى. شۇ سەۋەبتىنلا ئېرىنى باشقىلاردىن كۈنلىگۈسى كەلمەيتى. ئېرىنىڭ مېھرى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەنىدى...
توي كۈنى كېچىسىدىكى ئىشىنى ئۇ مەڭگۈ ئۇنتالمايتتى.ئېرى ئۇ كۈنى ئۇنىڭغا سەل قوپال مۇئامىلە قىلغاندەك تۇيۇلغانىدى. بۇ يۇرتنىڭ شۇنداق سەت قائىدىسى بار ئىدى. توي قىلغان يىگىتنىڭ دوستلىرى «ھۇجرا ماراش» ئارقىلىق يىگىتنىڭ ئەرلىك ئىقتىدارىغا سىناق قوياتتى. يىگىت ۋاقتىدا ئىشىنى پۇتتۇرۈپ چىقالمىسا، يىگىتنىڭ دوستلىرى ئۆگزىلەردىن سۇ قۇيۇپ، پاراكەندىچىلىك سالاتتى. ئىش پۈتكەندىن كېيىن يىگىت «قىزلىق ئىسپات» نى دوستلىرىغا كۆرسىتەتتى. بۇنداق قائىدىلەرنىڭ بارلىقىنى ئوبدان بىلگەچكە ئۇ ئېرىنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلىش ئۈچۈن، تارتىنىشلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۇنىڭغا ئامالىنىڭ بارىچە ماسلاشقان ئىدى. ئۇلار شۇندىن كېيىن ئامراقچىلىق ئىچىدە ئۆتكەندى...
بالا توختىماي يىغلايتتى. ئانا ئىلاجىسىز بالىنىڭ قولىنى يەنە يېشىپ باقتى. بۇ قېتىم بالا يىغىدىن توختىمىدى.ئەكسىچە قوللىرىنى شىلتىپ كۈچەپ يىغلاشقا باشلىدى. تولا ۋارقىراپ يىغلاپ، ئاۋازى پۈتۈپ، تولا قېقىلىپ كېتىپ، چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ئىدى.
ئانا بالىنى يېشىپ، يەنە قىزىق باغرىغا بېسىپ ياتتى. بالا سەل پەسكويىغا چۈشكەندەك بولدى. ئاۋازى سەل پەسەيدى...
ئۇلارنىڭ ھەقىقىي مېغىزىنى چېقىپ ياشاۋاتقان چاغلىرىدا تۇيۇقسىز ئايرىلغانىدى. ئۇلارنىڭ نۇرغۇن غايىللىرى بار ئىدى. ئۆزئارا مەسلھەتلەشكەنلىرىدە بالىسىنىى چوڭ يەرلەردە ئوقۇپ، دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا ئاكتىپ ئارىلىشالايدىغان ئادەم قىلىپ تەربىيەلەشنىڭ پىلانلىرىنى تۈزىشەتتى. ئۆز بەختىنى ئوغلىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئارقىلىق ئىسپاتلىماقچى بولۇشاتتى. ئۇلار ئۆز كۆڭۈللىرىدە ھاياتىنى بەكمۇ تاتلىق ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. ئېرىنىڭ ئۆزىدىن بەك رازى ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى. ئۇ ئېرىنىڭ كۆڭلىنى ئالالايدىغان ئايال ئىدى. بەزىدە ئېرىنىڭ ئۆزىگە بولغان مۇھەببىتىنى سەل سۇسلاپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىيۇ، يەنە تېزلا ئۇنتۇپ كېتەتتى. ئۇ ئېرى بىلەن بىللە بولغاندىكى تاتلىق دەملەرنى بىر قۇر كۆشىدى. ھال كۈنى بىر ئوبدان تۇرسا، يەنە قانداق ئارزۇلىرىڭىز بولغىيتى - ھە! دەپ ئويلايتتى...
ئۇ ئېرىنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئۆيدىن ئايرىغانلىقى توغرىسىدا بىلىشىنى بەكمۇ خالايتتى. بىراق ھېچقانداق بىر ئىنسان ئېرىنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى ئۇنىڭغا دەپ بېرەلمەيتتى. ئېرىدە ھېچقانداق بىر غەيرىيلىكنى سەزمىگىنىدىن ئۆكۈنەتتى.
بالا يىغىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. ئۇ بۇدرۇق قوللىرى بىلەن ئانىنىڭ كۆكسىلىرىنى، بويۇنلىرىنى تاتىلاپ يىغلايتى. بالا ئانىسىنى بەكمۇ تالدۇرۇۋەتكەنىدى. ئانا نېمە قىلارىنى بىلمەستىن ئالقانلىرى بىلەن زىڭلداپ ئاغرىشقا باشلىغان بېشىنى چاڭگاللاپ سىقاتتى. زىڭ - زىڭ بارغانسېرى كۈچىيىپ كېتىۋاتاتتى. بالىنىڭ ھەربىر قىرقىرىشى مىڭسىگە سانجىلىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلۇۋاتاتتى. ئۇ ئۆزىنى شۇ دەقىقىدە بەكمۇ يەككە - يىگانە ھېس قىلدى. خۇددىي يەر شارىدا يالغۇز قالغاندەك يېتىمسىرىدى. دېمىسىمۇ، بېرىپ بىر قونۇپ كېلەي دېگۈدەك بىرەر يېقىن ئادىمى يوق ئىدى. ئەمدى ئېرىمۇ ئۇنى تاشلاپ كەتكەنىدى. ئۇ بىر تاشلانغۇچى ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىۋاتاتتى. ئۇ بۇ دۇنيادا بەكمۇ يىگانە ئىنسان ئىدى.شۇ تاپتا ئۇنىڭ يىغلاڭغۇ بالىسىدىن بۆلەك ھېچنىمىسى يوق ئىدى. ئەگەر بالىسىمۇ بولمىغان بولسا ئۇ قانچىلىك بىچارە بولۇپ قالاتتى - ھە! ئۇ يەنە ئۆزىگە بالا بەرگەن ئىگىسىگە چىن دىلىدىن رەھمەت ئېيتتى.
يېتىلگەن ئەرنىڭ ئاۋازىدەك بوم يىغا ئاۋازى ئۆينى بىر ئالاتتى. ئانا بالىنى يەنە بۆشۈككە سېلىپ، مەجبۇرىي تاڭدى. بۆشۈكنى كۈچلۈك تەرۋىتىپ ئەللەي ئېيتاتتى. بۆشۈك دەستىسىگە ئېسىلغان كولدۇرمىلار تىنىمسىز جىرىڭلايتى. ئەمما بالا ئوخشاشلا يىغلايتتى...
يىراق بىر يەردىن بىر خورازنىڭ چىللىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئارقىدىن مەزىننىڭ ئەزان ئاۋازى ئاڭلاندى. تاڭ ئاتقانىدى. شۇ دەقىقىدە بالا تۇيۇقسىز يىغىدىن توختىدى. بالا تولۇق بىر كېچە يىغلاپ چىققانىدى، دېرىزىدىن ئاي نۇرى ئاجىزلاپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى. ئانا بىردىنلا شۈكلەپ قالغان بالىسىنىڭ چىرايىغا ئىشەنمىگەندەك قاراپ تۇرۇپ كەتتى. بالا بىر نەچچىنى ئېسەدىۋېتىپ، ئۈستىگە قاراپ بىر خىلدا يېنىك تىن ئېلىپ ياتاتتى. ياش يۇقى يوغان كۆزلىرى چىراغ يورۇقىدا پارقىراپ كۆرۈنەتتى. بالا بىر نەرسىنىڭ ئاۋازىنى تېخىمۇ ئېنىق ئاڭلىماقچى بولغاندەك جىمجىت ياتاتتى. ئانا يېنىك بىر تىن ئالدى. مۇشۇنداق بىر ئارام ئېلىش پۇرسىتىگە تەشنا بولغان ئانا دەرھال كىچىك ئەدىيال بىلەن بۆشۈكنى ياپتى. ئاندىن كىيىملىرىنى تولۇق كىيىپ، ياغاچ سۇپىدىن پەسكە ئاۋايلاپ چۈشتى. سىرىتنىڭ چىرىغىنى ياندۇرۇپ، ھويلىغا چىقتى ۋە تۇربىدىن چۆگۈنگە سۇ چۈشۈردى. ئەتىگەنلىك ئىبادىتىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتقان بالىسىدىن سۆيۈنگەچ يوتقانغا كىردى. يوتقاننى پۈركۈنۈپ راھەتتە يېتىۋالدى. بېشى ياستۇققا تېگىش بىلەنلا شىرىن ئۇيقۇغا غەرق بولدى...
ئۇ ئۇخلا - ئۇخلىمايلا چۈش كۆردى. چۈشىدە ئېرى ئۇنى باشلاپ بىر كەڭ كەتكەن ئېتىزلارنىڭ بېشىدىكى دۆڭگە باشلاپ چىقىپ: «كۆردۈڭمۇ، بۇ بىزنىڭ يەرلىرىمىز، كەلگۈسىدە مەن جىق يەر ئاچىمەن، قۇدۇق قازىمەن. بۇ يەرنىڭ ھەممىسىگە بۇغداي تېرىيمەن...» دېدى. ئۇ ئېرىدىن «نېمانداق ئىز - دېرەكسز يوقاپ كېتىسىز؟» دەپ سوراشقا پۇرسەت تاپالمىدى. سورايمەن دەپ شۇنچە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، سوراشقا پۇرسەت بولمىدى. ئېرى ئۇنىڭغا بىر نېمىلەرنى ئىشارە قىلغاندەك قېلىپلا يوقاپ كەتتى. ئۇ ئېرىنى چاقىردى: «مەمەت!مەمەت!» ...
ئۇ چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى. چۈشى ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئېلىپ «ئۇھ...» دېدى. يۈرىكى دۈكۈلدەك سوقاتتى. ئۇ زىيادە چارچاپ كەتكەندى. ئۇ رېتىملىق پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتقان بالىسىنىڭ يىغلىمايۋاتقانلىقىغا ھازىرغىچە ئىشەنمەيۋاتقاندەك بۆشۈككە گۇمان بىلەن قاراپ قويدى. بالا ئوبدانلا ئۇخلاپ كەتكەنىدى.
ئۇ ئېرىنىڭ چوقۇم قايتىپ كېلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنەتتى. ئېرى ۋاپاسىزلىق قىلىدىغان ئەر ئەمەس ئىدى. ئېرى مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدىغان ئىش بولسىمۇ ئۇ يەنىلا كۈتەلەيدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنەتتى. باشقىلارنىڭمۇ ئىشىنىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. ئەنە، ئەنە...ئېرى ئۆي تەرەپكە قاراپ ئۇچۇپ كەلمەكتە ئىدى... ئايروپىلاندىن پەسىرەك، قۇشلاردىن ئېگىزرەك ئۇچاتتى. ئۇ ئۆينىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە ئېرى شاپپىدە پەسلەپ، دەرۋازىنىڭ ئالدىغا يېنىكلا چۈشتى - دە، ئۇزۇن بىلەكلىرى بىلەن ئانا - بالا ئىككىيلەننى مەھكەم قۇچاقلىدى...
ياش ئانا يوتقاننى تېخىمۇ مەھكەم قۇچاقلىغان پېتى شېرىن ئۇيقۇغا غەرق بولدى...
(تۈگىدى)