تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 129|ئىنكاس: 8

مانا ئاستا تارتتى يالغۇزلۇق[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
ئايشەمگۈل
تىللا
250
تۆھپە
170
UID
4300
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مانا ئاستا تارتتى يالغۇزلۇق



كېتىۋاتىسەن ئۇزاپ ھېلىھەم
يۈرەكلىرىم بوپ كەتتى قىيان.
بۇ جۇدالىق ئۇزۇندۇر بەلكىم؟
يۈرىكىمدە قالدى بىر پىغان.


قەلبىڭ قېتىدا ياتىمەن يىغلاپ،
كۆز يېشىمدىن بېرىپ ئۇسسۇزلۇق.
خىياللىرىم ئۇچۇپ بارغۇسى،
يېنىككىنە قوينۇڭغا قونۇپ.


ئامراق ئىدىڭ قىلىقلىرىمغا،
چىداشقىمۇ رايىڭ يوق سېنىڭ.
بوغۇزۇمدا ئاچچىق رېئاللىق،
سەن نەلەرگە يوقالدىڭ جېنىم.


مانا ئاستا تارتتى يالغۇزلۇق،
سىڭىپ كەتتىم قۇمغا سىڭگەندەك.
تىۋىشلىرىڭ ھەمراھ ۋە لېكىن،
يۈرمەكتىمەن غېرىب ئادەمدەك.


يۈگۈرگۈم بار شۇتاپ يېنىڭغا،
ئاڭلاپ قالدىم ئاۋازىڭنى مەن.
يېنىككىنە پىچىرلاپ ئۆتتۈڭ،
«جانىم سېنى مەڭگۈ سۆيىمەن».


كېتىپ قالدى ئەگىشىپ روھىم،
چىقىپ ئاجىز تېنىمدىن مەھەل.
خۇش بوپ قالسا قالسۇن ئۇ جېنىم،
سېنىڭ بىلەن تۇرسۇن ھەر سەھەر.


ھەمراھ بولسۇن ئۇزاق كېچىدە،
سانسىز - سانسىز خىياللىرىڭغا.
مەلھەم قىلىپ سۈرتىۋال ئۇنى،
سېغىنغاندا ئۇ ساڭا ھەمراھ.


ئارىيەت بەر سەنمۇ جانانىم،
ئاشۇ ئوتلۇق كۈلۈشلىرىڭنى.
بولۇپ قالدىم شۇنچىلىك ئاجىز،
ھاياتىمغا قوشقان ئۇ تۈسنى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-13 13:06  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتۆھپەيىغىشسەۋەبى
Castle + 4

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 4  باھا خاتىرىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
774
تۆھپە
315
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالقىش


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
715
تۆھپە
358
UID
1195
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى  يېزىپسىز   مەنىسى  بەك  چوڭقۇر ناخشىلارمۇ يۇرەكلەرنى تىترىتىۋەتتى


دوسلار ياخشىمۇ سىلەر ،بىرنەچچە كۇن بوپتۇ تۇرغا چىقمىغىلى  

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
715
تۆھپە
358
UID
1195
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېتىپ قالدى ئەگىشىپ روھىم،
چىقىپ ئاجىز تېنىمدىن مەھەل.
خۇش بوپ قالسا قالسۇن ئۇ جېنىم،
سېنىڭ بىلەن تۇرسۇن ھەر سەھەر.






دوسلار ياخشىمۇ سىلەر ،بىرنەچچە كۇن بوپتۇ تۇرغا چىقمىغىلى  

Rank: 6Rank: 6

تىللا
538
تۆھپە
301
UID
2930

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭۈللەرگە چۈشمىسە مېھىر،
ئارىيەتكە بەرگىلى بولماس.
ياقتۇرمىسا چىمەننى بۇلبۇل،
مۇڭلۇق سايراپ شاخىگە قونماس.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نۇرئېلىجان ھېدايەت
تىللا
558
تۆھپە
416
UID
504
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كۈنلۈك ھاردۇقۇم چىقتى مانا. ھېسسىيات بەك كۈچلۈك بولۇپتۇ.


Rank: 3Rank: 3

تىللا
107
تۆھپە
69
UID
7217
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە ،مەندىكى سىغىنىش ھىسياتىنى بىلگەندەك يېزىپسىز...


Rank: 6Rank: 6

تىللا
468
تۆھپە
221
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېسىياتنى ناھايىتى ياخشى سىڭدۈرۈپسىز ، مۇزىكىمۇ ناھايىتى جايىدا كەپتۇ ، يۈرەكنى تىتىرەتتى ..


ئادەمنىڭ ئادەم بولۇپ ئادەم بولمىقى تەس...

Rank: 8Rank: 8

تىللا
964
تۆھپە
724
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-3-17 20:45, Processed in 0.083631 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991