يۈز خەتلىك فېلىيەتونلار (ئەدەبىي تەرجىمىلەر) 2003-يىل 3-سانىدىن
ئۆزگىرىش
ئىلگىرى مەن ئۆزۈمنىڭ بىر ئىشچى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنەتتىم. بۈگۈنكى كۈندە بىر ئىشچى بولۇپ قالغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى تۆۋەن كۆرىمەن. ئىلگىرى مەن كىشىلەرنىڭ مېنى سەمىمىي، ياۋاش دېيىشىدىن بەك شەرەپ ھېس قىلاتتىم، ئەمدى بۈگۈنكى كۈندە، كىشىلەرنىڭ مېنى سەمىمىي، ياۋاش دېسە بىردىنلا ئىچىم سىيرىلىپ كېتىدۇ. مەن نامرات بولغانلىقىم ئۈچۈن، ئىلگىرى دوستلىرىم كۆپ ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە مەن يەنىلا بۇرۇنقىدەك نامرات، ئەمما، دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى كېتىپ قالدى. ھەي، جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى نېمىدېگەن تېز-ھە! شۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا مەن نىشاندىن ئادىشىپ قالدىم...
سىياسەتنىڭ تۆۋەنگە يەتكۈزۈلۈشى
ئۆلكە شەھەرگە: بۇ يىل دېھقانلارنىڭ سېلىقىنى ئۈزۈل - كېسىل يېنىكلىتىش كېرەك، دەپ يوليورۇق بەردى. شەھەر ناھىيەگە: بۇ يىل دېھقانلارنىڭ سېلىقىنى يېنىكلىتىش كېرەك دېدى. ناھىيە يېزىغا: بۇ يىل ھەر خىل قالدۇرۇقلار ئوخشاشلا تاپشۇرۇلىدۇ، دېدى.
تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرى
تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرىنى كۆپ كۆرۈۋەرگەچكە ئۇنىڭدىكى تۆۋەندىكىدەك قانۇنىيەتلەرنى بايقىدىم: تېلېۋىزىيەدىكى رەھبەرلەرنىڭ سۆزلىرى ھەممىسى مۇھىم سۆزلەر ئىكەن؛ ئاممىنىڭ سۆزلىرى ھەممىسى مەدھىيە سۆزلىرى ئىكەن؛ ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلغانلار ھەممىسى قايتىدىن ئىش تاپقانلار ئىكەن؛ دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلار ھەممىسى زىياننى پايدىغا ئۆزگەرتكەنلەر ئىكەن؛ دېھقانلار ھەممىسى ئاشلىق ۋە مېۋە - چېۋىدىن مول ھوسۇل ئالغانلار ئىكەن؛ نامرات رايونلار ھەممىسى ئوڭۇشلۇق ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىغانلار، كىرىمى ھەسسىلەپ ئاشقانلار ئىكەن؛ قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار ھەممىسى قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىدىغان، ئادىل، شەخسىيەتسىز كىشىلەر...ئىكەن.