تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 143|ئىنكاس: 2

قىزلار (شېئىر)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
69
تۆھپە
20
UID
2055
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قىزلار

(خانىم - قىزلار بايرىمىنى چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن)

  

قىزلار باي ھېسسىيات مېھىر - سۆيۈككە،

قىزلار ئاي، ناز - خۇلقى مەلھەم كۆيۈككە.

قىزلار كۈي، مۇھەببەت، ۋاپا چەشمىسى،

قىزلار ئوت، ھارارەت چاڭقاق يۈرەككە.



قىزلار تار، نازۇك چىڭ تارتىلغان گويا،

قىزلار دەرد، يۈرەككە ئېتىلغان ئوقيا.

قىزلار سىر؟ ۋەسلىگە يەتمەك بىر ئارمان،

قىزلارسىز كۆز - ياشلار ئاقىدۇ دەريا.



قىزلار قۇت، ئەرلەرگە زىننەت، تۇتىيا،

قىزلار گۈل، خۇشپۇراق دىللار مەھلىيا.

قىزلار چۆل - جەزىرىنى ئەيلەيدۇ گۈلشەن،

قىزلارنىڭ قەلبى كۆل سۇ ئىچەر دۇنيا.



قىزلار توز، پەرىشتە، ئاشىق كائىنات،

قىزلار پاك، ھايالىق، ئانا ئۇلۇغ زات.

قىزلار تاڭ باھارى جۇت - زىمىستاننىڭ،

قىزلارسىز جان نېمە؟ زۇلمەت بۇ ھايات.



مەنبە:ئابلىكىم ئەركىن ئۇچقۇنى

2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نۇرئېلىجان ھېدايەت
تىللا
558
تۆھپە
416
UID
504
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزلارغا بېرىلگەن تەبىر بوپتۇ. بەك جايىدا كەلتۈرۈپسىز. يەنە باشقا شىئىرلىرىڭىز بولسا ئوقۇسام بوپتىكەن.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1105
تۆھپە
659
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى شىېرلىرىڭىز مۇنبەردىن ئۇزۇلمىگەي رەخمەت


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-3-17 20:33, Processed in 0.069200 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991