تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 146|ئىنكاس: 6

بىلمىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئۆگىنىڭ[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
1391
تۆھپە
864
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىلمىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئۆگىنىڭ


201111091111526718-300x214.jpg


      ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلارنىڭ تالانتلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى ئىنتايىن يۇقىرى، ئۇلار ئۆزىنىڭ كارخانىسىنىڭ گۈللىنىشىگە پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلارنى، يەنى كونكرېت، ئىشەنچلىك، قايىل قىلارلىق لايىھەلەر بىلەن كەلگەنلەرنى قارشى ئالىدۇ. مەسىلەن، مەلۇم ياش بىر شەخسىي ئىگىلىكتىكى كارخانىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىپ، كارخانا خوجايىنىنىڭ يېڭىلىقنى ئاسان قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، كارخانىنىڭ تەشۋىقاتى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىش خىيالىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى ھېس قىلىپ، مۇشۇ نۇقتىدىن پايدىلىنىپ كارخانا خوجايىنىنى قايىل قىلماقچى بولۇپتۇ، ئۇ ئاۋۋال نەچچە كېچە-كۈندۈز تىرىشىپ ئىشلەپ، بۇ كارخاننىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىنى ئىشلەپ پۈتتۈرۈپتۇ، كارخانا خوجايىنى بۇنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنى دەرھال قوبۇل قىلىشنى قارار قىلىپ، مۇشۇ ياسىغان تور بېتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خېرىدارلار خېلى كۆپ كۆرىدىغان تور بەتكە ئايلاندۇرۇپتۇ ھەم ئىچكىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك زاۋۇتلار بىلەن توردا ئالاقىلىشىپ، ئىچكىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى قۇيۇقلاشتۇرۇپتۇ. لېكىن ئارىمىزدا ھەمدەم خىيال، قۇرۇق، ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئارزۇلارنى تولا قىلىپ، ئەمەلىي ئىش قىلماي، ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغانلار ھېلىمۇ ئاز ئەمەس. ئۇلار ئەنە شۇنداق يۈرۈپ ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويۇۋاتىدۇ. ياشلارنىڭ تۈگىمەستەك كۆرۈنىدىغان ئەتىسى تەييارلىق ۋاقتى بار، شۇڭا ئۇلار ئالدىراپ كەتمەيدۇ، مانا بۇ ياشلارنىڭ ئاجىزلىقى، ئۇلار چوڭلاردەك ۋاقىتنىڭ سۈرئىتىنى چوڭقۇر چۈشەنمىگەچكە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈپ كېتىپ، ھېلىقى گۈزەل ئارمانلىرىدىن خوشلىشىپ كەتكەنلىكىنى، ئاددىي ئادەم بولۇپ قالغانلىقىنى بىلمەيلا قالىدۇ، شۇڭا ئەتراپىمىزدا ئاددىي ئىقتىدارسىز ئادەملەر كۆپ.
      سىزنىڭ كەلگۈسىدە قانداق ئادەم بۇلۇشىڭىز ھازىردىنلا بەلگىلىنىدۇ. سىز ئۆزىڭىز بىر قوشۇن، قوشۇن قوماندانى. ئەقىل، ھېسسىيات، ۋاقىت، مۇناسىۋەت… قاتارلىق بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتلىك مۇشۇنداق تەرەپلەرنى خۇددىي سىز ئارمىيەنى ياكى چوڭ كارخانىنى باشقۇرغاندەك باشقۇرىشىڭىز، تۈزۈم بېكىتىشىڭىز كېرەك. ئادەمدە ئىگىلەش ۋە يارىتىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئىقتىدار بولىدۇ، شۇڭا ھەرقانداق ياش دەۋر ئۆزگىرىشىنىڭ رېتىمىغا، دەۋرنىڭ تومۇرىنى تۇتۇشقا ماھىر بولۇشى كېرەك، ئۆگەنگەن ئازراق بىلىمى بىلەن قانائەتلىنىپ قالماسلىقى، ئۆزىگە تېڭىلغان قېلىپ ۋە ئۆلچەملەردىن ھالقىپ كېتىشى كېرەك.
      «مەنمۇ دەرستە ئەلاچى بولۇپ باققان، ئەمدىلىكتە مەن ئاشۇ ئەلاچىلىق رىقابىتىدىكى بىرىنچىلىكنى سىلەرگە ئۆتۈنۈپ بەردىم، تالىشىۋېلىڭلار، ئەشۇ ئەلاچىلىق قانداق قولغا كېلىدۇ؟ مەندەك دەرسكە تولۇق قاتنىشىپ، دەرسنى تولۇق ئاڭلاپ تاپشۇرۇقلارنى ۋاقتىدا ئىشلىسىلا كۇپايە بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق قانائەتلەنگەندە پەقەت ماڭا ئوخشاشلا دەرستە ياخشى دېگەن نەتىجىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ، ئالدىنقى قاتاردىكى ئەلاچىلىقىنى قولدىن بەرمەسلىك ئۈچۈن ئويۇندىن پۈتۈنلەي قول ئۈزۈش، بوش ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى تەكرارلاشقا سەرپ قىلىشقىلا توغرا كېلىدۇ، 90 نومۇرنىڭ ئۈستىدىكى ئاشۇ 10 نومۇرنى ئاساسەن تولۇق ئېلىش ئۈچۈن، بىلىش بىلەنلا كۇپايىلەنمەي، بىلگەننى پىششىقلىشى، پۇختىلاپ قىلچە خاتالاشماسلىققا ئادەتلىنىشى كېرەك، مەن بۇنى خالىماي قالدىم، ھەي ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار، مەندەك بەك ئەلاچى ئەمەس ئوقۇغۇچىلارنى بىكار يۈرۈيدۇ، دەپ ئويلامسىلەر؟ مەن سىلەر دەرس بىلەنلا بولۇپ كېتىپ ئۆگىنىشكە ئۈلگۈرەلمىگەن نەرسىلەرنى ئۆگىنىمەن، كومپيۇتېر مەشغۇلاتىنى، ئادەملەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى، رىياسەتچىلىك، پائالىيەتچانلىق ئىقتىدارىنى، نۇتۇق، سەنئەت، چەت ئەل تىلى، يېزىقچىلىق ۋە كەلگۈسىدە شوغۇللانماقچى بولغان كەسپىم ئۈچۈن ئاساس بولىدىغان ئىقتىدارلارنى ئۆگىنىمەن.»
      ئاشۇ ئەلاچىلىقتا، يەنە بىر خىل بىخۇدلۇق، قانائەت، ئۆتۈلگەن دەرسلىككىلا تايىنىۋېلىش، يەنى باشقىلار نېمە ئۆگەتسە شۇنىلا ئۆگىنىش، ئۆزى ئاكتىپلىق بىلەن ئۆگىنىش كەم بولۇش يوشۇرۇنغانىكەن، ئاشۇ ئەلاچىلىق ھەممىنى ھەل قىلىدۇ، دەپ ئويلايدىكەنمىز، لېكىن مۇئەللىم مەجبۇرلىغان بىلىملەرنى ئۆگىنىش بىلەنلا قانائەت قىلغانلارنىڭ كۈتكىندەك ئىستىقبالغا ئېرىشىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.
      بىز كۆزدە تۇتقان ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئۇزۇنغىچە ئۆزگەرمەي كېلىۋاتقان دەرسلىك پىروگراممىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، ئۆگىنىشنى نىشان قىلغان بىلىملەر ئىشلىتىش ئۈنۈمى يۇقىرى نەق بىلىملەر بولىدۇ.
      ياپونىيەنىڭ 20 يىل ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تەرەققىي قىلغانلىقى ياپونلۇقلارنىڭ زىل تېخنىكىنى ئىگىلىشىگە 20 يىل كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىمايدۇ، بەلكى ئەينى چاغدىكى خارابىلىكلەر ئۈستىگە قۇرۇلغان ياپونىيە دۆلىتىدىكى ياشلار ئەڭ زۆرۈر، ئەڭ كېرەكلىك تېخنىكىنى بىر نەچچە يىلدا ئۆگىنىپ بولۇپ، ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىدا. بۇ تېخنىكىلارنى غەربلىكلەر كېلىپ ئاكتىپلىق بىلەن ئۆگەتكەن ئەمەس، بەلكى ياپونلۇقلار بىلىمنى ئىزدەپ، بۇلاپ، ئوغرىلاپ ئېلىشتەك روھ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگەن، ئاشۇ بىر نەچچە يىل بويىچە ھېسابلىساق، سىزنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ھاياتىڭىز بۇنىڭغا يېتىپ ئاشىدۇ، بىلىم بىر دېڭىز، بىزدىكى ئوقۇغۇچىلارنى، زىيالىيلارنى بىلىم ئىگىلىمىدى، دېگىلى بولمايدۇ، ھەتتا جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مائارىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيەسى ئامېرىكىغا ئوخشاش غەرب دۆلەتلىرىنىڭكىدىنمۇ يۇقىرى تۇرىدىكەن، بۇ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ بىزنىڭ مائارىپىمىزدا ئۈنۈمى يۇقىرى بىلىملەرنى تاللاش يېتەرلىك ئەمەس، بىلىم دەپ ھېسابلانغان نەرسىنىڭ ھەممسىنى قارىغۇلارچە ئۆگىنىش ئېغىر، لېكىن نەچچە ئون ئىنسان ئۆمرى بېرىلسىمۇ، ئۆگىنىپ بولغىلى بولمايدىغان بىلىم مۇساپىسىگە يۈرۈش قىلىش، ئۆگەنگەنلىرىدىن جەمئىيەت ئېھتىياجى ھەققىدە ئويلانماسلىق ئۇلارنىڭ قەدىرسىزلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. تالانتلىقلارنى «تالانتلىقلار» دەپ ئاتاشتىن كۆرە «ئادەم كۈچى بايلىقى» دەپ ئاتىلىدىغان ھازىرقى زاماندا، ھەربىر ياش ئۆگىنىۋاتقان بىلىمنىڭ قەدىر-قىممىتى ھەققىدە ئويلىنىشى زۆرۈر…
      سىزمۇ ئۆگىنەي دېسىڭىز، جەمئىيەتكە ئېھتىياجلىق، لىكىن باشقىلار ئىگىلىمىگەن بىلىملەرنى، تېخنىكىلارنى چوقۇم ئىگەللەيسىز…  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-13 12:32  


غەمىسز يۇرىدىغان كۇنلەر قاچانمۇ تۇگەر~!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نۇرئېلىجان ھېدايەت
تىللا
558
تۆھپە
416
UID
504
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشلەتمىگەن بىلىم بەئەينى رەسىمدىكى گۈلگە ئوخشايدۇ. ئۇنى پەقەت قالتىسكەن دىگەن گەپ ئۈچۈنلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نەفىسە
تىللا
459
تۆھپە
222
UID
5838
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولىدۇ.


قارىسام كۆرىنمەيدۇ دۇنيانىڭ چېتى ،
بۇ دۇنيا بىر كونا رابات، بىز يول ئۆتكۈچى.نەفىس

Rank: 4

ئىسىمى
نۇر ئەلى
تىللا
194
تۆھپە
104
UID
5237
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا مەنمۇ شۇنداق قاراشتا بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KIZILYOPURMAK تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-14 00:06  



Rank: 3Rank: 3

تىللا
107
تۆھپە
69
UID
7217
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت ، ياخشى تىمىلارنى يوللاۋاتسىز..


Rank: 1

تىللا
8
تۆھپە
5
UID
8659
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 3Rank: 3

تىللا
139
تۆھپە
67
UID
6455
يوللىغان ۋاقتى 2 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-3-17 21:34, Processed in 0.078994 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991