دادامغا دەپ قويماڭ
تولىمۇ بەختلىك ئۆتۈۋاتقان ئۈچ كىشىدىن تەركىب تاپقان بىر ئائىلە بار ئىكەن، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئانا كېسەل سەۋەبىدىن سۆيۈملۈك ئېرى ۋە بىر ياشتىن سەل ئاشقان ئوماق قىزىنى تاشلاپ بۇ دۇنيادىن خوشلىشىپتۇ. قىزچاق دائىم دادىسىدىن: «ئانام قاچان قايتىپ كېلىدۇ؟» دەپ سورايدىكەن. بىچارە دادا قىزىنى ئازابلاشنى خالىماي: «قىزىم ئانىڭىز ناھايىتى يىراق جايغا خىزمەتكە كەتتى.» دەپ بەزلەيدىكەن.
شۇنداق قىلىپ قىزمۇ ھەش-پەش دېگۈچە 6 ياشقا كىرىپ قاپتۇ. شۇ يىلى دادا ناھايىتى پەزىلەتلىك، ياخشى بىر ئايال بىلەن تۇنۇشۇپ قاپتۇ. بىر كۈنى، دادا قىزىغا كۈلۈپ تۇرۇپ: «قىزىم، ئانىڭىز قايتىپ كېلىدىغان بولدى، سىز ئانىڭىزنىڭ سىياقىنى ئەسلىيەلەمسىز؟» دەپ سوراپتۇ. كىچىككىنە قىزچاق ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، بېشىنى چايقاپتۇ . دادا قىزىنىڭ تۇرىقىغا قاراپ ھەم ئىچى سىيرىلىپتۇ ھەم سەل يېنىكلەپ قالغاندەك بولۇپتۇ. چۈنكى قىزى يەنىلا كىچىك بالا ئەمەسمۇ؟
دەل شۇ چاغدا ئىشىك ئېچىلىپ، ھېلىقى ئايال ئۆيگە كەپتۇ ۋە قۇچىقىنى كەڭ ئاچقىنىچە قىزچاقنىڭ ئىسىمىنى توۋلاپ، ئۇنى قېشىغا كېلىشكە چاقىرىپتۇ. قىزچاق ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قاپتۇ، چىرايىدىن قورۇنغانلىق ئەكس ئېتىپتۇ. دادا قىزىغا: «قىزىم ئانىڭىزنى تۇنۇمىدىڭىزمۇ؟ تېزرەك ئانا دەڭە!» دەپتۇ. قىزچاق دادىسىغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، «ئانا!» دەپ توۋلاپتۇ.
چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن، ئايال قىزچاققا ئەگىشىپ قىزچاقنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپتۇ، قىزچاق تۇيۇقسىز ئايالغا قاراپ : «سىز مېنىڭ ئانام ئەمەس!» دەپتۇ، ئايال ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قاپتۇ. قىزچاق ئەستايىدىللىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ: «ئانام ئاللىقاچان ۋاپات بولغان، مەن بۇنى ئۈلۈشكۈن بوۋام–موماملار دېيىشكەندە ئاڭلاپ قالغان ئىدىم، بۇنى پەقەت بوۋام، مومام، مەن ئۈچىمىزلا بىلىمىز، دادام ۋە باشقىلا بۇنى بىلمەيدۇ، ئۇلار تېخىغىچە ئانامنى ناھايىتى يىراق جايغا خىزمەتكە كەتكەن دەپ بىلىدۇ» دەپتۇ. بۇ چاغدا ھېلىقى ئايال ئاللىقاچان ئېسەدەشكە چۈشكەن ئىدى. قىزچاق ئايالنىڭ قولىنى تارتىپ، چىمچىلىقىنى ئەگكىنىچە: «بۇ ئىككىمىز ئارىسىدا سىر بولۇپ قالسۇن، بۇنى ھەرگىز دادامغا دەپ قويماڭ. ئۇ بىلىپ قالسا چوقۇم بەك ئازابلىنىدۇ!» دەپتۇ. بۇ چاغدا ئەر ئىشىك سىرتىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، لەۋلىرىنى چىڭ چىشلىگىنىچە، كۆز ياشلىرى ئاللىقاچان يۈ كۆزلىرىنى ھۆل قىلىۋەتكەن ئىدى.
مەزكۇر ئەسەرنىڭ تەرجىمانى: ئابدۇرېھىم (نىدا) .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-13 11:48