تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 190|ئىنكاس: 3

ئالداپ كەتتى ئالۋاستى ئايال[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
288
تۆھپە
170
UID
322
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئالداپ كەتتى ئالۋاستى ئايال

ئالداپ كەتتى ئالۋاستى ئايال،

قىلىپ ھەركۈن يالغاندىن ۋەدە.

داستان پۈتكەن شائىرلار دەڭلار:

ۋىسال تاپقان مۇھەببەت نەدە؟

ئالداپ كەتتى ئالۋاستى ئايال.

ئەپسۇن ئوقۇپ ئازدۇرۇپ دىلنى.

ياشلىق كەتتى، ئۆتكۈزۈپ بىللە،

شەيدا بولۇپ بىرقانچە يىلنى.

ئالداپ كەتتى ئالۋاستى ئايال،

سېلىپ جاننىڭ كۆكسىگە ئىكەك.

يىغلاپ يۈرەر ئارماندا، دەردتە،

يارا بولغان بىچارە يۈرەك.

ئالداپ كەتتى ئالۋاستى ئايال،

گۈلگە تولغان بەختىيار چاغنى.

قىلدى ئەلۋەك باھاردا غازاڭ،

ئاشىق بۇلبۇل سايرىغان باغنى.

ئالداپ كەتتى ئالۋاستى ئايال،

ئۇزاق تۈندە كۆيدۈرۈپ ئەقىل.

تۈمەن نازدا باغلىدى رىشتە،

ئېلىپ تەلۋە-ساراڭدىن نەقىل.

ئالداپ كەتتى ئالۋاستى ئايال،

شەيتان خۇلقى دەيدەيگە سېلىپ.

ئەسكەن شامال تارقاتتى نەغمە،

ئۇزۇن تىرناق ئىلىنمە چېلىپ.


ئالداپ كەتتى ئالۋاستى ئايال،

مەپتۇن قىلىپ زەھەرلىك مەيگە.

گۈزەل ھايات گۇناھقا پاتتى،

تۇتقۇن بولۇپ ئەجەللىك قەيگە.


مەنبە: ئىجادىيىتىم


Rank: 6Rank: 6

تىللا
509
تۆھپە
447
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىشىنىڭ ئوزىنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق  ئىش...


Rank: 3Rank: 3

تىللا
183
تۆھپە
47
UID
1699
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىسا قاراپ تۇرغانما ؟


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1105
تۆھپە
659
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە ئىش ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق ، بوشاڭ ئادەملەر  ئىرادىسىز كىلىدۇ


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-3-17 21:53, Processed in 0.069564 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991