تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 113|ئىنكاس: 3

سەن كەلسەڭ (شېئىر)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
538
تۆھپە
301
UID
2930

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سەن كەلسەڭ



سەن كەلسەڭ زېمىننىڭ روھى باشقىچە،

بۇلاقلار ئوينايدۇ كۈلۈپ تاشقىچە.

چاڭقىغان توغراقلار بىلىنى رۇسلاپ.

ياشىرار قايتىدىن قېرى-ياشقىچە.





سەن كەلسەڭ ھاياتلىق قايتا ئويغىنار،

دەريالار دولقۇنلاپ ھەريان تولغىنار.

ياپيېشىل مەخمەللەر دالا ئېتىزدا،

ئاجايىپ گۈلزارلىق چىمەنگە تولار.





سەن كەلسەڭ ھەممە ياق بولىدۇ جەننەت،

روھىمىز، قەلبىمىز قاقىدۇ قانات.

كەل نەۋرۇز بىز ساڭا ئەجەب ئىنتىزار،

ياشنايدۇ سەن بىلەن نەچچە مىڭ ھايات.





سەن كەلسەڭ ئېرىقتا سۇلار شىۋىرلاپ،

بۇلبۇللار چىمەنگە قىلىدۇ خىتاب.

جەنۇبتىن قارلىغاچلار كېلىپ ۋىچىرلاپ،

پىشايۋان ئىچىگە كىرەر ئۇۋىلاپ.





سەن كەلسەڭ شۇ قاقاس چۆللەر چىمەنزار،

مەجنۇنتال كۇچۇكلاپ غازاڭ چىقىرار.

سەن كەلسەڭ خىسلەتلىك شاماللىرىڭغا،

ئەگىشىپ كېلىدۇ جەزبىدار باھار،





سەن كەلسەڭ چىچەكلەر چاچار خۇشپۇراق،

ۋىسالغا ئالمىشار ھەسرەتلىك پىراق.

ئارمانلار ئىزلىگەن ئاشىق-مەشۇقلار،

ئېيتىشار ئۆزئارا سۆيگۈدىن قوشاق.





سەن كەلسەڭ جەرەنلەر كېلەر ئويناقلاپ،

توشقانلار بۆجەنلەپ تۆگە تايلاقلاپ.

ئېتىزدا دېھقانلار، ئاۋۇلدا قويچى،

ئىشلەيدۇ توختىماي شۇنچە ئالدىراپ.





كەل نەۋرۇز يېڭىچە باھارنى ئىلىپ،

تەبرىكلەپ  ئوينايلى سامالار سېلىپ.

دەريادا ئېقىتار يىراق-يىراققا،

شائىرە-شائىرلار ئەشئارلار يېزىپ.

چەرچەن مەدەنىيەت يۇرتىدىن پولات نىياز


Rank: 3Rank: 3

تىللا
107
تۆھپە
69
UID
7217
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز


Rank: 3Rank: 3

تىللا
162
تۆھپە
84
UID
4664
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  يېزىپسىز ..ئەمما  مەن  يازغان  شىئېرلار   نىمىشقا  تىكىست  شەكىلدە  چىقىدۇ؟


Rank: 2

تىللا
34
تۆھپە
22
UID
4958
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەن كەلسەڭ قۇياش چىقار جاھانغا،
سەن كەلسەڭ بوران كىتەر ماكانغا .

  





كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-3-17 21:25, Processed in 0.070787 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991