تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 86|ئىنكاس: 6

يايرىم كەلگۈدەك (شېئىر)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

ئىسىمى
كارۋان ئوغلى
تىللا
13
تۆھپە
4
UID
8218
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

    يايرىم كەلگۈدەك


ئېلىپ كەلدى شامال ھىدىڭنى،
تۇيدى كۆڭلۈم يايرىم كەلگۈدەك.
ئۈمۈدلەندى چاڭقىغان يۈرەك،
ئازاب مەندىن يىراق كەتكۈدەك.

چۆل-باياۋان كەزگەن ئاشىققا،
باغۇ-بوستان قۇچاق ئاچقۇدەك.
ۋىسال پەيتى ئىللىق قۇياش بوپ،
باشلىرىغا نۇرلار چاچقۇدەك.

زېمىستاندا مۇزلىغان كۆڭۈل،
ئېرىپ ئەمدى باھار كەلگۈدەك.
ياشارغۇدەك سارغايغان ياپراق،
تۇيدى يۈرەك يايرىم كەلگۈدەك.

يايرىم كەلسە باھار بىلەن تەڭ،
زېمىستاننىڭ قەھرى سولغۇدەك.
كائىناتقا كىرىپ قايتا جان.
جىمى زېمىن گۈلگە تولغۇدەك.

ئاپتاپ چېقىپ چاڭقىغان زېمىن،
يامغۇر يېغىپ سۇغا تويغۇدەك.
پات ئارىدا جانانىم كېلىپ،
جاننى ئېلىپ ياندا قويغۇدەك.

ئاھۇ-زارىم يەتتىمۇ كۆككە،
ئىگەممۇ ھەم تەسىرلەنگۈدەك.
ھىممىتىڭگە ئېيتاي تەشەككۈر،
كۈتۈۋالاي يايرىم كەلگۈدەك.

ئازاپلىرىم كېتىڭلار يىراق،
ئۆچسۇن ئەمدى دىلدىكى پىراق.
زۇلمەتنىمۇ يورۇتسۇن چىراق.
تۇيدى كۆڭلۈم يايرىم كەلگۈدەك.

ئەسەر ھوقۇقى پەقەت ئۆزۈمگىلا تەۋە. كۆچۈرۈشتىن نومۇس قىلىڭ.!!!



Rank: 8Rank: 8

تىللا
964
تۆھپە
724
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىكەن بۇ شېئىر


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
1042
تۆھپە
842
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يىزىپسىز،رەخمەت...


سەكرا

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سابىرجان سىيىت
تىللا
544
تۆھپە
360
UID
3338
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇيدى يۇرەك يايرىم كەلگىۇدەك
ئىسسىق بەدەن شىرىن لىۋەن كەلگۇدەك
سۇزى تاتلىق مىھرى ئىسسىق
نازنىن سۇپەت جانان كەلگۇدەك


Rank: 2

ئىسىمى
سۈمەييە
تىللا
77
تۆھپە
29
UID
3351
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1105
تۆھپە
659
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەخمەت


Rank: 2

ئىسىمى
مەمەتئلى ياسىن( گۈلچى )
تىللا
135
تۆھپە
27
UID
4502
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارلىغاچ تەك سايراپ بۇلبۇلۇم ،
دىلغا ئارام  بەخىش ئەتكۇدەك .
ئۇچۇپ كېلىپ شۇيىراق جايدىن،
تەڭلا ئەتە بىللە يۈر گىدەك ،

رەخمەت سۇنۇق كۈڭۈللەر گە سۇنغان سوغىڭىزغا


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-3-17 20:44, Processed in 0.072172 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991