تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 76|ئىنكاس: 2

بىر يۈرۈش رۇبائىيلار[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
561
تۆھپە
223
UID
296
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

« چاچراپ قوپقىن ئورنۇڭدىن شەيتانلار كەتسۇن بوينۇڭدىن،»
بۇ ھېكمەتنى ھەرگىزمۇ چىقىرىۋەتمە يادىڭدىن.
كۈن قىزىلىدا ياتقانلار قان –يىرىڭغا پاتىدۇ
بەختىڭ كۈلۈپ ياشنايدۇ ئىشىڭنى باشلا سەھەردىن.

بۈگۈن ئۆلەمدۇق ئەتە ئۆلەمدۇق بىلمەي ياشايمىز،
ئۆلمەسلىككە يوق پەقەت باھانىمىز، ئامالىمىز.
ئويغا سالار بۇ قىسمەتلەر پات-پات ھەر كىمنى ھەر خىل،
بىر-بىرىمىزگە كەتكۈچە مېھرىبان بولايلى بىز.

بەزىلەر بار ئەل قاتارى يۈرىيدۇ ياشاپ،
ياخشىلارنى يىغلىتىدۇ قاقشىتىپ پۇتلاپ.
قىلىقلىرى ئوخشىمايدۇ ئادەمنىڭكىگە،
نەپ ئالدىدا ئىت-ئېشەككە قالىدۇ ئوخشاپ.

نامەردلىك ، ئاچكۆزلۈك چىللايدۇ زاۋال،
ئەجرىسىز نېمەتنى قىلمىغىن خىيال.
دۇنياغا كەلدۇق بىز كېتىمىز بىر كۈن،
ھەمشەردە سوراق بار ياشايلى ھالال.

بىز بىلەن بىللىدۇر ئۆلۈم ھەر جايدا،
قالغانلار يوق پەقەت كېلىپ دۇنياغا.
پاك-ھالال ياشايلى بىر كۈن بولسىمۇ،
كەتمەيلى دۇنيادىن دەردتە، ئارماندا.

ئورنۇڭدىن سەھەر تۇر غەپلەتتە ياتما،
مىسكىنلەر ئالدىدا تاش بولۇپ قاتما.
قۇيۇندەك پىقىراپ شەيتان دېپىغا،
ياخشىلار بېشىغا تاش-كېسەك ئاتما.

پەخەس بول شەيتاننىڭ ھىيلىسى يامان،
ئەگىشىپ يۈرگەنلەر دوزاختا ھامان.
ئىمانىڭ مۇستەھكەم بولسىلا مەڭگۈ،
يېنىڭغا ھەرگىزمۇ كېلەلمەس شەيتان.


Rank: 2

تىللا
34
تۆھپە
22
UID
4958
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئىسىل شىئېركەن !!!


Rank: 6Rank: 6

تىللا
561
تۆھپە
223
UID
296
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركەك دېگەن جەڭگە يارالغان،
شان-شۆھرىتى جەڭدە تارالغان.
دۈشمەنلەرنى سۈر-توقاي قىلىپ،
جەڭ مەيدانىدا باتۇر ئاتالغان.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-3-17 21:53, Processed in 0.067468 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991