شېرىن ئازاپ قىسسەسى نەسىر كۆزۈم
مەن نېمىشقا يەككە- يىگانە ،نېمىشقا بۇ يىگانىلىق شۇنچە ئازاپلىق ،يەنە نېمىشقا بۇ ئازاپ شۇنچە شېرىن ؟ مەن نېمىشقا شۇنچە يەككە يىگانە ؟خۇددى كەيىپتىن مەست بولغان كىشىدەك بۇ يىگانىلىق نىمىشقا شۇنچە مەستخۇش ،نېمشقا خۇددى باھاردەك ئىللىق ھەم سالقىن ؟ نېمىشقا بۇۋاقلاردەك ھەم ساددا ھەم ئۇماق ، نېمىشقا تۇمۇز ئىسسسىقتىمۇ قەلبىمنى مۇز بۇلۇپ سەگىتەلەيدۇ ؟ جاۋاپ بەر قېنى ؟ نېمىشقا تاڭ ئاتماستا چۇشلەرنى بۇزۇپ كۆزلەرنى نەملەيدۇ ؟ مەن نېمىشقا يەككە –يىگانە ؟ بۇ يىگانىلىق نېمىشقا شۇنچە ئازاپلىق ھەم شۇنچە شېرىن؟ كېچىللەردە ئاي نۇرى تۈڭلۈكلەردىن مارىغاندا نېمىشقا تېنىمدىن بىر ئىللىق ھارارەت شۇررىدە ئېقىپ نىمىلەرگىمۇ تەشنا بولغىنىڭنى سېزىمەن ؟ ئەي! قىزىم چۇنكى ئايالنىڭ غۇرۇرى ئەردىن تېپىلىدۇ ،ئايال ئەر بىلەن كۆكلەر ،ئۆزھالال جۇپتىنىڭ ھوزۇرىدا تېنى يايرار ،ھەتتا يۇپۇرماقمۇ جۈپ –جۈپ ،سۇلارمۇ ئەركەك-چىشى دەپ ئايرىلىدۇ،شامالمۇ يىگانە ئەمەس ،ھەتتا ھاۋامۇ ھەم . شۇنىڭ ئۈچۈنكى يىگانىلىقتا ئاشۇ جۈپتىڭنى سېغىنىپ توشىكىڭدە تولغىنىسەن،شۇڭلاشقا ئۇداغ تەگمىگەن شېرىن بىر ئازاپ ، شۇ يىگانىلىقتا ئوزاقى بەرقى گۇللەرمۇ قەتلى قېلىنار ، بارچە مەۋجۇداتلارنىڭ جېنى قەبرىگە ئايلىنار ،جىمى ھاياتلىق بارا-بارا توزۇپ ماڭار .شۇڭا ئۇ شۇنچە ئازاپلىق .

شۇتاپ كۆزلىرىم بېھۇدە بوشلۇقلارغا تاشلاندى . دۈمچەك -دۈمچەك قېنىپ ئۇخلاۋاتقان ئورمانلار ۋە تاغلارنىڭ ئۆز ئۇيقۇسىنى بۇزۇپ سۇئاللىرىمغا جاۋاپ بەرگىنى نىچۈن ماڭا بىر سىگنال.
ئۇزۇن -ئۇزۇن يوللار،مەن كەچكەن،ھەتتا سەنمۇئاتا بوۋىلىرىمىزمۇمېڭىپ تۈگىتەلمىگەن، بۇيوللار يىگانىلىق ئىچىدە تولىمۇ غېرىپسىنغان. بەزىدە بۇ غېرىبانە قەلبىمنىڭ ئىشىكىنى ئاچقۇممۇ كىلىدۇ ۋە پەقەت بەزىدىلا. ئەمما كۆزلىرىم ئەشۇ توزانلىق چېغىر يوللاردا سېنىڭ تۇنۇش ئىزلىرىڭنى ئىزلەيدۇ،ھېدلىرىڭنى پۇراپمۇ باقىمەن،تاڭ سەھەرلەردە زېمىنغا قۇلاق يېقىپ ئاياق تىۋىشلىرىڭنى تىڭشايمەن، تولىمۇ سۈزۈك بىر ئارمان يۈرىگىمدە ئوخچۈپ-ئوخچۇپ داۋالغۇيدۇ.خانەمگە تەڭرىم گۇۋاھ،نالەمگە ئايلار، يۇلتۇزلارھەم ،شۇ كېچىلەر يەنە ھەمراھ . مەن نىمىشقا يەككە-يىگانە ،نىمىشقا بۇ يىگانىلىق شۇنچە ئازاپلىق ،يەنە نېمىشقا بۇ ئازاپ شۇنچە شېرىن ؟كۆزلىرىم نېمىشقا گۇيا شەبنەمگە چىلانغاندەك دائىملا نەم؟ خىياللىرىم نېمىشقا خۇددى سىزىلغان بىر پارچە سۈرەتتەك شۇنچە گۈزەل؟ سىرلىرىم نىمىشقا گۈگۇمدا قالغاندەك بۇنچە پىنھان؟ ئېھتىمال ئۆگزەمگە قۇنىۋالغان قۇشلاردىن ھۇركىگەندىمەن،ئېھتىمال روجەكلەردىن ماراۋاتقان ئايدىن ئەندىككەندىمەن.
 شۇڭا مەن شۇنچە تەنھا،توشىگىمگە كۆز قىسقان شۇ يۇلتۇزلارغا باقىمەن ،ئەمما ئۇشبۇ قۇشلارغابەرگۈدەك دان،ئاي ۋە يۇلتۇزلار بىلەن سىرداشقۇدەك جۇرئەت مەندە يوق. چۈنكى ،بۇ توشەك بۇ تەنھالىق بىرلا ئۆز ئىگىسىگە تەلپۈنگەن.ئاسماندا پەقەت بىرلا قۇياش بولغىنىدەك يۈرىگىمدىمۇ بىر سەنلا بار. زارىققان تۇيغۇمدىكى سانسىز سۇئاللارغا بىرلا سەندن جاۋاپ كۈتىمەن.مەيلىكى تەنھالىق ئىچىدە كۈلبەمدە شېرىن ئازاپلارغا چۈمۈلسەم. مەيلىكى ،ۋىسالنىڭ ئاپتېپىدا كۆيۈپ كۈل بولسام،مەيلىكى ئاھۇ-زارىمدىن كىچىلەرمۇ تاڭ ئاتمىسا.....مەن شۇڭا يىگانە،ھەم شۇنچە مىسكىن،كۈن-ئايلار يىللارنى قوغلىشىپ ساناق ساناپ ئۈتۈشلەرگە مەن كۈنۈك،مەنزىلىم شۇڭا شۇنچە ئۇزۇن.ئاجىز تىنىم جۇت ئىچىدە تىرەپ تۇرسىمۇ يەنىلا يۈرىگىم سۇقۇپ تۇرىدۇ .مەن ئاڭلاپ تۇرىۋاتىمەن.ياشلىقىم گەرچە توزۇپ كېتىپ بارسىمۇ، مەن يەنىلا سەن ۋە ئۆزۈم ئۈچۈن ئەمدىلا ئېچىلغان بىر تال قىزىل گۈل ، يوللىرىم يەنىلا ئەينەكتەك سىلىق، تۇمۇرلىرىمدىن ئېقىۋاتقان قانلارمۇ شۇنچە قىززىق .كۆزلىرىمدە شەبنەملەرنىڭ ئىزى بولسىمۇ ئۇ يەنىلا شۇنچە روشەن.شۇڭا مەن شۇنچە بەخىتلىك ، شۇڭا مەن ھەم يىگانە،بۇ يىگانىلىق گەرچە ئازاپلىق بولسىمۇ شۇڭا ئۇ شۇنچە شىرىن .
|