تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 2720|ئىنكاس: 13

تۈركىيەدە ھەقسىز ئوقۇش ئۇچۇرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
206
تۆھپە
55
UID
2851
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 22:37:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


چەتئەلدە ئوقۇماقچى بولغان قېرىنداشلارغا پايدىلىق بىر ئۇچۇرنى مۇرات ئورخۇن ئەپەندىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن سىلەرگە يەتكۈزمەكچىمەن. مۇرات ئەپەندىنىڭ خېتىنىڭ ئەسلى نۇسقىسى تۆۋەندىكىچە:


ھۆرمەتلىك تور بىتى باشقۇرغۇچىلىرى:


بۇ يىل 4- ئايدىن باشلاپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى، دۇنيادىكى ھەممە دۆلەتلەردىن، ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ ئەكىلىپ ئوقۇتماقچى. ئوقۇغۇچىلارنى بىۋاستە توردىن تىزىملىماقچى.

تورنىڭ ئادرىسى بولسا:

   http://www.ytb.gov.tr/index.php/en/component/content/article/54-turkiye-burslari/287-turkiye-burslari


كۆرىنگەندەك، بۇ توربىتى، تۈركىيە دۆلىتىنىڭ رەسىمى (ھۆكۈمەت) تور بىتى.


بۇ توربىتىدە:  تۈركچە، ئەرەپچە، خەنزۇچە دىگەندەك 6 خىل تىلدا ئىلان بىرىلگەن.  ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاش 4-ئاينىڭ 15-20 كۈنلىرى بولماقچى.


تۈركىيەدە ئوقۇماقچى بولغان، دوكتورلۇق، ئاسپىرانتلىق ۋە تولۇق كۇرس (ئۇنىۋېرسىتېتتا) ئوقۇيدىغان ھەممە ئادەم تىزىملاتسا بولىۋىرىدۇ. ئەگەر، ئوقۇغۇچىلار تاللىنىپ قالسا، بالىلارنىڭ ئوقۇشى تۈگىگىچە، تۈركىيە دۆلىتى، بۇ ئوقۇغۇچىلارغا:


•يىلدا بىر قىتىم ھەقسىز ئايرۇپىلان بىلىتى

•ياتاق پۇلى

•كىيىم-كىچەك پۇلى

•كىتاپ-قەلەم پۇللىرى

•ئاپتوبۇسلارغا ئىشىلتىدىغان پۇللىرى ھەممىسىنى تەمىنلەپ بىرىدۇ.


بالىلار تاللانغاندا، ئوقۇماقچى بولغان كەسىپلەرگە قاراپ تاللايدىكەن.


مەسلەن، ئەگەر تىبابەتكە (دوختۇرلۇق)  100 سان بەرگەن بولسا، بۇ كەسىپتە ئوقۇماقچى بولغان ۋە تىزىملاتقان پۈتۈن بالىلاردىن ئەڭ ياخشى 100 بالىنى تاللايدىكەن. يەنى، ئەگەر ھەقىقەتەن ياخشى بالىلار بولسا، تىخىمۇ كۆپ بالىلار ئوقۇشقا كىلەلەيدىكەن. تاللاش تەپسىلاتى تور بىتىدە يەنە ئىلان قىلىنماقچى... تەخمىنەن 3000-4000 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلماقچى.


بۇ سەۋەپتىن، ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەممە مەكتەپلەرگە ۋە ئۇنۋېرستېتلەرگە خەۋەر بەسەك ياخشى بولىدۇ.


شۇڭا سىز تور بىتى باشقۇرغۇچىلىرىغا خەۋەر بەردىم. دىگىنىمدەك، بۇ تور بىتى تۈركىيەنىڭ رەسمى تور بىتى. باشقا يەرلەدىن سوراپ باقساڭلارمۇ بولىدۇ. ھىچقانداق مەسلە يوق. ياكى سىزلەر ئىلان بىرىشتىن بۇرۇن،

http://www.ytb.gov.tr/index.php/en/component/content/article/54-turkiye-burslari/287-turkiye-burslari

گە خەت يىزىپ سوراپ باقساڭلارمۇ بولىدۇ. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىمىزمۇ پايدىلىنىپ قالسۇن.


قانچىلىك كۆپ بالا تىزىملاتسا شۇنچىلىك ياخشى. چۈنكى،  ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىمىز، دۇنيانىڭ باشقا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن بالىلار بىلەن بەسلىشىدۇ.


سىلەرگە رەھمەت.


ھۆرمەت  بىلەن:


دوتسېنت، دوكتۇر مۇرات ئورخۇن

كومپيۇتېر بىلىملىرى فاكۇلتېتى

ئىستانبۇل بىلگى ئۇنۋېرستېتى

ئىستانبۇل، تۈركىيە


Tel: 0212 311 53 17


يۇقارىقى خەتنى ھەرقانداق توربەتتە كۆچۈرۈپ ئېلان قىلساڭلار بولىدۇ. قانچىلىك كۆپ قېرىنداشلار بىلسە شۇنچە ياخشى. شەرتى بارلارغا پۇرسەت يار بولسۇن. شەرتى يوقلار كېلەر يىلى بولسىمۇ شەرتنى ئادا قىلسۇن.




Rank: 1

تىللا
45
تۆھپە
13
UID
5519
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 16:38:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاپا بولماي ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش شەرتلىرىنى تەرجىمە قىلىۋەتسىڭىز بوپتىكەن.


Rank: 4

ئىسىمى
بىدار قۇتلان
تىللا
365
تۆھپە
182
UID
734

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 21:59:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىچان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ 1- شەرتى پاسپورتى بولغان بولىشى كېرەك، ئەمما پاسپورتى يوقلارنىڭ پاسپورت ئالمىقى ئاسان ئەمەس، مۇشۇ سەۋەپ بىلەن ئوقۇش ئارزۇسى كۈچلۈك نۇرغۇن ياشلارنىڭ ئۇيەردە ئوقۇشىغا مۇمكىن بولماي قالارمىكىن.


تەڭسىزلىك ئىتتىپاقلىققا ئۆچ، ئىتتىپاقسىزلىق مۇقۇملۇققا.

Rank: 2

تىللا
90
تۆھپە
40
UID
6196
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 14:57:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خەۋەر ئىشەنچىلىكمۇ يا؟


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرسان روھ
تىللا
1818
تۆھپە
656
UID
528

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 23:20:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى ئىشكەن !


كۆكتىن تامدۇق يەردىن ئۈندۇق

Rank: 6Rank: 6

تىللا
774
تۆھپە
315
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاسپىرونى تۇركىيە ھۆكۇمىتى بىجىرىشكە ياردەملىشىدىغان ئوخشىمامادۇ


Rank: 3Rank: 3

تىللا
194
تۆھپە
99
UID
3990
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلىفۇن نومۇرىنى بىرىپتىغۇ... ئىشەنچ قىلالمىغانلار ئالاقە قىلىپ باقمامسىلەر.


ۋەتەنسىز...............

Rank: 6Rank: 6

تىللا
468
تۆھپە
221
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كۆرۈپ بىلەلمىدىم ... بولمىسا تىزىملىتىپ كۆرۈپ باقىتىم..


ئادەمنىڭ ئادەم بولۇپ ئادەم بولمىقى تەس...

Rank: 1

تىللا
4
تۆھپە
1
UID
8461
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇبۇل  قىلىش  شەرىتلىرىنى تۇلۇق ئەۋەتىپ بەرسە  بوپتىكەن


Rank: 6Rank: 6

تىللا
468
تۆھپە
221
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇبۇل قىلىش شەرتلىرىنى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن..
  qqنومۇرۇم:623693148،بولمىسا qqغا ئەۋەتىپ بەرسىڭىزمۇ مەيلى.. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Castle تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-13 20:02  



ئادەمنىڭ ئادەم بولۇپ ئادەم بولمىقى تەس...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-3-17 21:48, Processed in 0.076926 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991