تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 584|ئىنكاس: 15

قۇدۇق ئىچىدىكى ئېشەك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
580
تۆھپە
363
UID
270

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 21:08:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قۇدۇق ئىچىدىكى ئېشەك

قۇدۇق ئىچىدىكى ئېشەك
            


            بىر ئىشەك ئېھتىياتسىزلىقتىن تاشلىۋېتىلگەن چۇڭقۇر قۇدۇق ئىچىگە چۇشۈپ كېتىپتۇ . ئېشەكنىڭ ئېگىسى بولسا مىڭ بىر جاپادا يەنە پۇل خەجلەپ ئېشەكنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقسا ئېشەكنىڭ ئىش ھەققىگىمۇ چىقىش قىلمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ ، بولدىلا دەپ تاشلاپ كېتىپتۇ . ئېشەك يالغۇزلۇق ئازابىغا ئاچلىق تە ئۇسسۇزلۇق ئازابى قۇشۇلۇپ تولىمۇ قايرۇرۇپتۇ . بۇ قۇدۇققا ھەر كۈنى باشقىلار ئەخلەت تۆكىدىكەن . ھەر كۈنى خالتا-خالتا ئەخلەتلەر قۇدۇققا تۆكۈلۈپ تۇرىدىكەن، ئېشەك ئۆزىنىڭ ئۆلۈش توغرا كەلسىمۇ بۇ ئۆلۈمنىڭ ئۈزىگە ئۇنداق ئاسان كەلمەيدىغانلىقىدىن قاتتىق ئاھ ئۇرۇپ ھاياتلىقتىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپتۇ .
            بىراق بىر كۈنى تۇيۇقسىز ھالسىزلانغان ، ئەخلەتلەرگە كۆمۈلۈپ قالغان ئېشەكنىڭ كاللىسىغا شۇنداق بىر خىل پەيدا بوپتۇ ۋە كۆزلىرى پاللىدە يۇرىغاندەك بوپتۇ ۋە ھاياتلىققا بولغان پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى قارار قىپتۇ . ئۇ سىلكىنىپ ئەخلەتلەر دۈۋىسى ئىچىدىن يۇلغۇنۇپ چىقىپتۇ ۋە ھەر كۈنى  ئەخلەتلەر دۈۋىسىگە كۆمۈلۈپ قالماستىن، ئەكسىچە تاشلانغان ئەخلەتلەر دۈۋىسىگە دەسسەپ چىقىۋاپتۇ . ئەخلەتلەر ئارىسىدىن ئۆزىگە يېگۈدەك بىر نەرسە ئىزدەپ شۇ ئاخىرلىشاي دەپ قالغان ھاياتىنى داۋام ئېتىپتۇ . ئاخىرى بىر كۈنى ئاشۇ ئەخلەتلەر ئۇنىڭ قۇدۇقتىن چىقىدىغان شوتىسىغا ، قورام تېشىغا ئايلىنىپ ئوڭۇشلۇق ھالدا  يەر يۈزىگە چىقىۋېلىپ قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشىپتۇ .
            كۈڭۈلسىزلىكلىرىڭىزدىن ئاغرىنماڭ ، نامراتلىقىڭىزدىن ئاغرىنماڭ ، خىزمەت شارائىتىڭىزنىڭ ناچارلىقىدىن ، باشقىلاردەك ئېسىل داچا ، ئېسىل ماشىنىز يوقلىقىدىن ئاغرىنماڭ ، نۇرمۇشتا كۈڭۈللۈك ئىشلاردىن كۆڭۈلسىز ئىشلار كۆپ بولىدۇ . ھەتتا شۇ كۈڭۈلسىز تۇرمۇشنىڭ سىزگە ھەدىيە قىلغىنى «ئەخلەت» بولسىمۇ ، سىز شۇ «ئەخلەت»لەرنى ئاياغ ئاستىڭىزغا باسۇرۇپ ، دۇنيانىڭ يەنە بىر چېتىگە ، مۇۋەپپىقىيەت سۇپىسىغا يامىشىشتىكى پەشتاق قىلسىڭىز بولىدۇ . بۇ دۇنيا سىزنىڭ قانچىلىك ئېگېزلىككە چىققانلىقىڭىز بىلەنلا ھېسابلىشىدۇ ، بىراق سىز گېگانت ئادەمنىڭ مۈرىسىگە دەسسەپ چىقتىڭىزمۇ ، ياكى «ئەخلەت» دۈۋىسىگە دەسسەپ چىقتىڭىزمۇ ؟ بۇلار بىلەن ھېسابلاشمايدۇ . ئەكسىچە «ئەخلەت»لەر دۈۋىسىگە دەسسەپ ئېگىزگە چىققان ئادەم تېخىمۇ ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدۇ .
            ھاياتلىق مانا مۇشۇنداق ، يەنە نېمە ئىشلار بار سىزنىڭ قايغۇرۇشىڭىزغا ئەرزىگىدەك ؟ شۇ ئىشلارنى دەل ئېگىزگە يامىشىشتىكى «ئەخلەت» دۈۋىسى قىلىۋېلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ !




مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىگەنلىك ئۇ  شۇئىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىدىن ئەمەس .

Rank: 6Rank: 6

تىللا
580
تۆھپە
363
UID
270

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 13:38:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-7 13:39  



مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىگەنلىك ئۇ  شۇئىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىدىن ئەمەس .

Rank: 3Rank: 3

تىللا
107
تۆھپە
69
UID
7217
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 14:05:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە


Rank: 2

تىللا
137
تۆھپە
33
UID
3759
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 14:55:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    تەربىىيۋى  ئەھمىيىتكە  ئىگە  ناھاياتىمۇ  ياخشى  تېما يوللاپسىز     


Rank: 2

تىللا
76
تۆھپە
21
UID
5586
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 23:28:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن دەل ئازاپ چەكسەممۇ بۇ باشقىلارنىڭ خوشاللىقى ئۈچۈن دىگەن قارىشىمىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى


Rank: 1

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
26
تۆھپە
8
UID
5645
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 23:47:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كۈنى بالام سورىدى:
-جاھاندىكى ئەڭ ئېسىل ماشىنا قايسى؟
مەن دېدىم:
-ئەلۋەتتە بىزنىڭ ماشىنىمىز.
مەن  ئادەم ئۆز ئەمگىگى ئارقىلىق ئىرىشكەن ۋە پايدىلىنىۋاتقان نەرسىلەر ئەڭ ئېسىل بولىدۇ دەپ قارايمەن.


Rank: 4

تىللا
638
تۆھپە
38
UID
98
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 14:13:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ماۋۇ ئىشەكمۇ ئەجەپ ماس كەپتۇ دىسە،،،،،،،، توغرا، ئادەم توغرا چۈشۈنۈپ، توغرا ھەل قىلسا، تۇرمۇش ئەمەلىيەتتە شۇنداق مەنىلىك.


Rank: 4

ئىسىمى
نۇر ئەلى
تىللا
194
تۆھپە
104
UID
5237
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 00:56:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىما ئىنتايىن ياخشى چىقىمتۇ، تەربىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە تىمىكەن رەھمەت تىمىڭىزغا ھارمىغايسىز بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KIZILYOPURMAK تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-9 00:56  



Rank: 1

تىللا
5
تۆھپە
3
UID
7966
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 11:15:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 2

ئىسىمى
سۈمەييە
تىللا
77
تۆھپە
29
UID
3351
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 11:41:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تەربىيۋې ئەھمىيەتكە ئىگە تىمىنى يوللىغىنىڭىزغا تەشەككۈر.... بىز تۇرمۇشتا دائىم كىچىككىنە قىيىنچىللىققا يولۇقىنمىزدا ئاھ ئۇرۇپ نىمە قىلارىمىزنى بىلەلمەي قالمىز  . بۇ تىمىدىن  بۇ خىل روھنى كۆرۋالغاندەك بولدۇم، رەخمەت.........


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-3-17 21:04, Processed in 0.092461 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991