كۆرۈش: 25296|ئىنكاس: 9

ئامېرىكا پۇقراسى تەكشۈرۈلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
280
تۆھپە
114
UID
3990
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 16:36:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                        ئامېرىكا پۇقراسى ئاپتۇنۇم رايونىمىزدا قانۇنسىز ئۆلچەش،سىزىش ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈلدى




    جۇڭگو ئاخبارات تورى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچىدىن خەۋەر قىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۆلچەش سىزىش ئىدارىسى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى سىرتقا ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر ئىدارە ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قانۇنسىز ئۆلچەش سىزىش دېلوسىنى تەكشۈرگەن.
مەزكۇر ئىدارە تونۇشتۇرىشىچە، 2011-يىلى 8-ئايدا ئاممىنىڭ مەلۇم قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، بىر ئامېرىكا پۇقراسى ماناس ناھىيىسىدىكى مەلۇم قىسىم تۇرۇشلۇق يېقىن جايدا قولدا ئېلىپ يۈرۈيدىغان GPS قوبۇللىغۇچ بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جۇغرايىپىيىلىك ئۇچۇر كوردىناتى سانلىق مەلۇماتلىرىنى يىغىپ، بىر قېتىملىق ئۆلچەش سىزىش پائالىيتىگە چېتىلغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۆلچەش سىزىش ئىدارىسىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ خادىلىرى بىلەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كەلگەن ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ قانۇنسىز ئۆلچەش سىزىش قىلمىشىنى تەكشۈرۈپ ئىسپات توپلىغان.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق، مەزكۇر ئامېرىكا پۇقراسى بېيجىڭدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كېلىپ ساياھەت شېركىتى ئىلتىماس قىلىپ، ئۈرۈمچى، سانجى قاتارلىق جايلاردا چەتئەللىك ساياھەتچىلەرگە دالا ساياھىتى ئاچماقچى بولغان. مەزكۇر ئامېرىكا پۇقراسى ئېلىپ ماڭغان ھەمدە ئىشلەتكەن ئىككى GPS قوبۇللىغۇچ ئۆلچەپ سىزىشتا ئىشلىتىدىغان GPS قوبۇللىغۇچ بولۇپ، جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدە جۇغراپىيىلىك كوردىناتلاردىن 90 مىڭنى توپلىغان ھەمدە ساقلىغان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى جۇغراپىيىلىك ئۇچۇر كوردىناتلىرىنى يىغىش پائالىيىتى دۆلەت ئۆلچەش سىزىش مەمۇرىي مەسئول تارماقلىرىنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتمىگەن.
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۆلچەش سىزىش ئىدارىسى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۆلچەش سىزىش قانۇنى» نىڭ 51-ماددىسىغا ئاساسەن، ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ساياھەت قىلغان مەزگىلدە، جۇڭگو دۆلەت مەھكىمىسى ئۆلچەش سىزىش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمەي تۇرۇپ، ئۆز ئالدىغان جۇڭگونىڭ جۇغراپىيىلىك ئۇچۇر سانلىق مەلۇماتلىرىنى يىغىش قىلمىشىغا قارىتا، قانۇنسىز ئۆلچەش سىزىش قىلمىشىنى توختىتىش بۇيرۇقى چىقارغان؛ ئىككى GPS قوبۇللىغۇچ ۋە GPS قوبۇللىغۇچ ئىچىدە ساقلىغان ئۆلچەش سىزىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى مۇسادىرە قىلغان، 20 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇش قارارىنى چىقارغان.

مەنبە: ئوكيان تورى

ۋەتەنسىز...............
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
877
تۆھپە
470
UID
1303

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 17:14:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىندىغان دۆلەت بۇ....... ياغاچ قۇلاقلىق قىلسىڭىز مۇشۇنداق ئاقىبەتكە قالىسىز «ئەجنەبى» ئەپەندۇم. شۇنداقمۇ يە كۆپچىلىك
نەغمە ناۋاسى كۆپ مىللەتنىڭ يىغىسىمۇ كۆپ بولىدۇ

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئوسمانجان
تىللا
814
تۆھپە
532
UID
4665
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 21:34:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇلەتتە قانۇن بار، ئائىلىدە يۈزۈم دىگەن شۇ...

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نەفىسە
تىللا
635
تۆھپە
271
UID
5838
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 03:27:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارتۇق ئىشقا ئارلاشمىسا بولمامدۇ ئۇ بىچچارەم ........
قارىسام كۆرىنمەيدۇ دۇنيانىڭ چېتى ،
بۇ دۇنيا بىر كونا رابات، بىز يول ئۆتكۈچى.نەفىس

Rank: 3Rank: 3

تىللا
225
تۆھپە
78
UID
1784
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 06:40:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرمۇنچە زىيان تارتىپتۇ ھە بۇ يېتىم. بىز زېمىنىمىزنى ئوغرىغا بەرمەيمىز.

Rank: 4

تىللا
622
تۆھپە
85
UID
6163
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 12:52:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ ساددا ئىنكساسقا قاراپ كۈلگۈم كېپكەتتى.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
1240
تۆھپە
987
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 13:41:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانۇن تارازا دېمەكتۇر.
سەكرا

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرسان روھ
تىللا
2261
تۆھپە
765
UID
528

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 22:32:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي بىچارە بايقۇش قانۇنسىز سىزىش ئۆلچەش ئېلىپ بارغىچە قانۇنلۇق ئۆلچىسىچۇ نۇرغۇنلىغان ئاقچىلىرىدىن قۇرۇق قاپتۇ ئەمەسمۇ؟
ئانا- يۇرتۇڭ ئامان بولسا رەڭگى-روھىڭ سامان بولماس!

Rank: 2

تىللا
36
تۆھپە
25
UID
18691
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 21:46:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېلىغۇئولچەش سىزىشكەن ،ۋەتەننىىڭ بىر ئۇچۇم تۇپرىقىنىمۇ بەرمەيمىز ئۇ خەقكە. چۈنكى قانۇن مۇقەددس دەخلىسىز!

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
مەن ھايات
تىللا
213
تۆھپە
52
UID
25497
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 11:51:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئاجايىپ ئىكەن بۇ دۇنيا،
   غارايىپ ئىكەن بۇ  دۇنيا.
    ...    ...          ...      ...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-11-2 19:36, Processed in 0.080290 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991