تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 1604|ئىنكاس: 15

‹‹چىرايلىق ھېكايە›› مۇختار بۇغرا ئەسەرلىرى ــ چولپانلار كۈيلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
454
تۆھپە
237
UID
44

جاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ تۈۋرىكىفىلمچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 13:13:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

HA JI MUH TAR.jpg



   ئۆزىنىڭ ‹‹ئۈمىد يۇلتۇزلىرى››، ‹‹قوش مېغىز››، ‹‹ئاخشامقى لىرىكا››، ‹‹قۇم پەسلى››، ‹‹تىكەن پەسلى››، ‹‹بەشىنچى پەسىل››، ‹‹ئارمان چوققىسى›› (قىرغىزچە)، ‹‹بۈيۈك قۇم پەسلى›› (خەنزۇچە) قاتارلىق ئەسەرلىرى،  800 پارچىغا يېقىن ئاھاڭغا ئىشلەنگەن شېئىرلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان شائىر ھاجى مۇختار خېلىل بۇغرا ھازىر شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسسىىنىڭ 1 - دەرىجىلىك رېژىسسورى، شائىر بولۇپ، ھازىرغىچە ‹‹زەرەپشان ساداسى››، ‹‹ئاتۇش باراۋەت مەشرىپى››، ‹‹ئىراق مۇقامى››، ‹‹ئاقتۇ تاغ مەشرىپى››، ‹‹نورۇزنامە››، روزا ھېيت، قۇربان ھېيت ۋە ‹‹مەشرەپ›› پىروگراممىسىنىڭ 30 دىن ئارتۇق سانىغا ۋە 10 دىن ئارتۇق MTV پىلاستىنكىسىغا رېژىسسورلۇق قىلغان، شۇنداقلا ھەر خىل بەدىئىي سەنئىي كېچىلىكلىرىنىڭ 100 دىن ئارتۇق سانىغا ئاپتورلۇق قىلغان.
   مۇختار بۇغرانىڭ سەرخىل ئىجادىيەتلىرىدىن تەشكىل تاپقان بۇ كېچىلىكتە ئوتتۇرا ئاسىياغا داڭلىق سەنئەتكارلىرىمىزدىن سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ ئەڭ يېڭى تېتىملىق ناخشىلىرىدىن، ئۆزبېكىستاننىڭ ناخشىچىسى ئەخرار ئوسمانوپنىڭ كۈيلىرىدىن، ئىززەت ئىلياس، ئۆمەرجان ئالىم، مەخمۇت سۇلايمانلارنىڭ مەنىلىك، مەردانە ناخشىلىرىدىن، قازاقىستان ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ ئاتاغلىق ناخشىچىسى نۇرئالىم ۋارىسوپنىڭ لىرىك كۈيلىرىدىن، ئەسقەر رېقىپ، ئابدۇرېشىت يۈسۈپ، ئابدۇغېنى ئابلىكىم خال، ئارزۇگۈل خەندان، شىرئەلى ئەلتېكىن، مەۋلان مەمتىمىن، ئابدۇقادىر يارئېلى، رەنا روزى، ئەيسابەگ مامۇت قاتارلىق ياشلارنىڭ قەلبلەرنى لەرزىگە سالىدىغان لىرىكىلىرىدىن، كۈلكە چولپانلىرىمىزدىن ئادىل مىجىت، ئابلىكىم كەلكۈن، ئابدۇقەييۇم مۇھەممەد، گۈلجامال مەتنىياز، تۇرغۇن قۇربان، ئىمام ياسىن، ئابدۇكېرەم ئابلىمىت، ئابدۇرېھىم ئابدۇراخمانلارنىڭ كۈلكىلىك ئىتوتلىرىدىن، يېڭىدىن يېتىشىپ چىقىۋاتقان ياش سەنئەت يۇلتۇزلىرىمىزدىن ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ يېڭىچە ئىزدەنمە ناخشىلىرىدىن، سۇدىيەئاي، زۇلھايات، ئۇزنار، زۇلخۇمار خېلىل بۇغرالارنىڭ جۇشقۇن كۈيلىرىدىن قانغۇچە ھوزۇرلىنالايسىز. ئەلۋەتتە، مۇختەر بۇغرانىڭ دېكلاماتسىيەسى سىزنى شېئىرى دۇنياغا باشلاپ كىرىدۇ.
   قۇتلۇق نورۇز ئەييامدا ئۇزۇن مۇددەت، يارقىن مەزمۇندا، يۇقىرى بەدىئىي سەۋىيەدە تەييارلانغان بۇ چولپانلار كۈيلىرى ــ سىزگە ئەڭ سەمىمىي نورۇزلۇق سوۋغا بولۇپ قالغۇسى!


   بۇ كېچىلىك 17–، 18–مارت كەچتە ئاققۇۋۇق (نەنمېن) خەلق تىياتىرىدا تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.


HA JI MUH TAR001.jpg


HA JI MUH TAR002.jpg


HA JI MUH TAR003.jpg


HA JI MUH TAR004.jpg


HA JI MUH TAR012.jpg


HA JI MUH TAR011.jpg


HA JI MUH TAR005.jpg


HA JI MUH TAR007.jpg


HA JI MUH TAR018.jpg


HA JI MUH TAR014.jpg


HA JI MUH TAR013.jpg


HA JI MUH TAR009.jpg


HA JI MUH TAR008.jpg


HA JI MUH TAR017.jpg


HA JI MUH TAR010.jpg


HA JI MUH TAR016.jpg


HA JI MUH TAR019.jpg


HA JI MUH TAR015.jpg


HA JI MUH TAR006.jpg




Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئوسمانجان
تىللا
744
تۆھپە
485
UID
4665
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 13:57:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىنراق بولغان بولسا بېرىپ كۇرۈپ كېلەتتىم رەھمەت سىزگە...


Rank: 1

ئىسىمى
شەيدا
تىللا
23
تۆھپە
11
UID
6041
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 15:10:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ كېچىلىككە قاتناشقان بارلىق سەنئەتكارلارنىڭ ھاياتىغا چەكسىز ئېسىل مەنالار يار بولسۇن!


Rank: 6Rank: 6

تىللا
774
تۆھپە
315
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 15:16:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇغرا ئەپەندى ئىجادىيتىڭىزگە مۇۋاپپقىيەت تىلەيمەن


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
1479
تۆھپە
999
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 15:23:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە چولپانلار چىقىدىكەندە ، بۇ پروگراممىنىڭ ئوڭۇشلۇق ، رەڭدار چىقىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن . قارىغاندا ئىئانە ۋە پاراۋانلىق ئىشلىرىنىمۇ بىللە قىلىدىكەنسىزدە ... ياخشى بوپتۇ


تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىنىڭ ئۇنۋېرسال ئىقتىدارى كۈندىن كۈنگە كۈچىيىپ ماڭماقتا، بارمۇ مىكروبىلوگى ئېچىۋېتىلدى ، يەنە نۇرغۇن نادىر پروگراممىلار يېقىندا ئېلان قىلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ. كەڭ تورداشلارنىڭ تەڭرىتاغ تورىغا نەزەر سىلپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
538
تۆھپە
301
UID
2930

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 15:28:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇختاركا ئىجادىيىتىڭىز يەنىمۇ رۇناق تاپقاي.



Rank: 4

ئىسىمى
كۈرەش ياقۇپ
تىللا
206
تۆھپە
110
UID
5045
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 19:39:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەدئىلىك ئۈ باشقا بىر خىل سەنئىت ئۈنى قانداق لاھىلەش  شۈ كىشىنىڭ  ئىختىدارىغا باغلىق


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
1957
تۆھپە
1467
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 23:06:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئالدىنقى قېتىملىق كېچىلىكمۇ بەك ياخشى چىققان، بۇ قېتىم تېخىمۇ ياخشى چىققۇسى. قەشقەرگە كېلىپ قويغان بولسا بىر كۆرەتتۇق دە، پىلاستىنكىسىدىن بىرنى سېتېۋالاي


Rank: 2

ئىسىمى
قۇرباننىياز
تىللا
89
تۆھپە
36
UID
5191
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 00:52:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىلىكنىڭ مۇۋەپپەقەيەتلىك بولىشىغا تېلەكدەشمەن، پېلاستىنكىسىنى تېزرەك تارقاتقان بولسىكەن.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نەفىسە
تىللا
459
تۆھپە
222
UID
5838
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 02:22:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ-ۋاھ بىر كۆرەيلى جۇما......................


قارىسام كۆرىنمەيدۇ دۇنيانىڭ چېتى ،
بۇ دۇنيا بىر كونا رابات، بىز يول ئۆتكۈچى.نەفىس
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-3-17 20:53, Processed in 0.087537 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991