تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 615|ئىنكاس: 16

‹‹ئامەت ۋە ئاپەت›› رومانىنى ئوقۇمسىز؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ۋىسال
تىللا
362
تۆھپە
268
UID
351
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 05:36:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تەڭرىتاغ مۇنبىرىدىكى ئەزىز قىرىنداشلار،تۆۋەندە، مەن رومانىنى ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان،جۇملىدىن پۇتۇن مىللىتىمىز رومانىنى ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان،مول ھوسۇللۇق يازغۇچىمىز < جالالىدىن بەھرام > ئاكىمىزنىڭ < ئامەت ۋە ئاپەت > رومانىنى ئوقۇشۇڭلارغا سۇنىمەن.ئاللاھ خالىسا يەنە [/color]< جالالىدىن بەھرام > ئاكىمىزنىڭ < لېيىغان بۇلاق > نامىلىق رومانىنىمۇ ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن.ھازىرچە ئامەت ۋە ئاپەت رومانىدىن بەھىر ئالغايسىزلەر!




جالالىدىن بەھرام ئاكىمىزنىڭ كىچىك ئارخىپى :


جالالىدىن بەھرام 1942-يىل 8-ئاينىڭ16-كۈنى تىككۈچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتىسى بەھرام ئەپەندى ئۇستا ھۇنەرۋەن بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلى ناخشىلىرىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان يازغۇچى ھەم رەسسام خەلق ناخشىچىسى ئىدى. ئۇ مەرىپەتپەرۋەر ئادەم بولۇپ ، خۇش-پېئىللىق ۋە چاقچاقچىلىق بىلەن ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى.ئۇ زېرەك ھەم تېتىك چوڭ بولۇۋاتقان ئوغلىغا خەلق -چۆچەكلىرى ۋە داستانلىرىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن سۆزلەپ بېرەتتى. شۇنداقلا ئۇنىڭغا ھەرخىل رەسىملەرنى كۆرسىتىپ، رەسساملىقنىڭ سېھرى-كۈچىنى تەرىپلەيتتى.شۇڭا ، جالالىدىن بەھرام : «مېنىڭ يۇمران قەلبىمگە ئەدەبىيات-سەننەت ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ، رەسساملىق ۋە ئەدەبىيات بىخلىرىنى يېتىشتۇرگەن ئاتامنى ھەر دائىم مەمنۇنىيەت بىلەن ئەسلەيمەن.....» دەيدۇ. جالالىدىن بەھرام 1950-يىلدىن 1954-يىلغىچە غۇلجا شەھىرىدىكى «روشەن» باشلانغۇچ مەكتىپىدە، 1954-يىلدىن 1957-يىلغىچە ئىلى ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ. «رەسىم كۇرژۇكى»، «ئەدەبىيات كۇرژۇكى» قاتارلىقلارغا قاتنىشىپ، مەكتەپنىڭ تەشۋىقات تاختىلىرىدا تۇنجى قېتىم بالىلىق ھېسسىياتى بىلەن يازغان شېئېرلىرىنى ئېلان قىلىدۇ. جالالىدىن بەھرام 1957-يىلى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كېلىپ،1958-يىلغىچە شىنجاڭ مىللەتلەر ئىنىستىتۇنىڭ رەسىم سىنىپىدا ئوقۇدى.1958 -يىلى سەنئەت ئىنىستىتۇتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ ، 1958-يىلدىن 1961-يىلغىچە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ رەسىم كەسپى سىنىپىدا ئوقۇدى. جالالىدىن بەھرام خىزمەتكە قاتنەشقاندىن كېيىن،1961-يىلدىن 1976-يىلغىچە خوتەن ناھىيىسىنىڭ سەيشەنبە بازار ئوتتۇرا مەكـتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىدى.1976-يىلدىن 1981 -يىلغىچە خوتەن ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىدا خىزمەت قىلدى.1981-يىلدىن باشلاپ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ گۈزەل-سەنئەت بۆلۇمىدە مۇدىر مۇھەررىرلىك خىزمىتىنى ئۆتەۋاتىدۇ... جالالىدىن بەھرامنىڭ ئەدەبى ئىجادىيەت پا ئالىيىتى 1963-يىلدىن باشلانغان. ئۇ دەسلەپتە كىچىك تىپتىكى سەھنە ئەسەرلىرىنى يازغاان . لېكىن،1966 -يىلى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» باشلىنىش بىلەنلا، ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلەرى »، «ئۆمۈر خاتىرىلىرى» قاتارلىق پوۋېستلىرى ھەمدە ساقلاپ كەلگەن ئەتىۋارلىق كىتاپلىرى بۇلاپ كېتىلگەن ۋە ناھىيىنىڭ گۈلباغ رەستىسىدە كۆيدۈرۇلگەن. «مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى» دەپ ئاتالغان ئاپەتلىك يىللارنىڭ بورانلىرىدا،ئۈششۇك تەگكەن » ۋە «قوشكۆل» لەردە ئىشلەشكە سۈرگۇن قىلىندى. دەرت - ئەلەم ، ئازاپ -ئوقۇبەتكە تولغان ئۈچ قېتىملىق » ....ناملىق ساتېرىك»......قاتارلىق پوۋېستلىرى ۋە «مېھرىگىياھ»، «ناتىۋانلار»، «كۆمۇر ساتقۇچى بالا»..... ناملىق رومانلارنى ئېلان قىلغان..... جالالىدىن بەھرام ئەدەبىيات ئىجادىيىتى ھەم گۈزەل-سەنئەتتىن ئىبارەت ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قوش تۈرىدە مول-ھوسۇل بېرىۋاتقان ئىقتىدارلىق يازغۇچى، تالانتلىق رەسسامدۇر. ئۇ ھازىر كاندىدات ئالى مۇھەررىر بولۇپ، جۇڭگۇ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمى جەمىئىيىتىنڭ ئەزاسى.





ئاپتۇرى: جالالىدىن بەھرام


ھازىر زەھەرلىك چىكىملىك ياشلىرىمىزدا بارغانسىرى ئىغىر ئىجتىمائى ئاپەتكە ئايلانماقتا،ئۇ ئاپەت، خەلىقنىڭ ئۇمۇدى بولغان ياشلارنى بەخىتسىزلەر، مەھبۇسلار،ساراڭلار،جەسەتلەر لاگىرىغا ئىتتىرمەكتە.شۇنى بىلىشىمىز كىرەككى،مىللەتنى يالغۇز توپ ــ زەمبىرەكلا ئەمەس،چىكىملىك نەيچىسى،ئىچىملىك رومكىسى بىلەن بۇزۇقچىلىقمۇ خار ــ زەبۇن قىلالايدۇ.
ــ ئابدۇشكۇر مۇھەممەد ئىمىن.

ئوتتۇز ياشقا كىرمەي تۇرۇپ يۇز يىللىق ھايات قىسمەتلىرىنى بىشىدىن كەچۇرگەن ئا،ئا غا بىغىشلايمەن.

ــ جالالىدىن بەھرام.


1- باب


- قەدىردان ،مۇنداق قىلە ،قۇلىقىڭىنىڭ ئارقىسىنى كۆرۈپ باقاي ........
- تۇتما جۇمۇ ،ئاغرىيىدۇ .
- ۋاييەي ، قۇلىقىڭنىڭ يېرىلىپ كەتكەن يېرى قاقاش باغلاپ كېتىپتۇ ........
- مۇئەللىم قۇلىقىمنى يۇلۇپ پىقىراتقىلى تۇرسا ،سەن نېمىگە چىرقىراپ يۈرىسەن ؟
- قۇلىقىڭنىڭ ئارقىسىدىن قان شۇقىراپ ئاققاندىن كېيىن قورقتۇم - دە ....
- ھەي مەدىنە ،سەن چىرقىراپ كەتكەندە ، بىرى بىر نېمە دېۋىدى ،ھەممە بالىلار كۈلۈشۈپ كەتتىغۇ ؟
- سەن داۋاملىق چېچىنى ئۇرۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە چىگىپ قويىدىغان سائادەت قارا مەدەك بولمامدۇ. بېشىڭنى يەيدىغان سوبو :<< ئېشەكنى ئۇرساڭ ، قېچىر ئۇركۈيدۇ.>> دەۋاتمامدۇ .....مەدىنەنىڭ سۈتتەك ئاق ،بېجىرىم چىرايى ۋىللىدە قىزىرىپ كەتتى  .
- ئۇ نېمە دېگىنى ئەمدى ،كۈلۈشۈپ كەتكۈدەكمۇ گەپ ئەمەسكەنغۇ ؟
- ھەي پەپىلقۇش دەۋەڭ ، شۇنىڭمۇ تېگىگە يېتەلمىدىڭما ؟ بىرىنىڭ مۈڭگۈزىگە ئۇرسا ،يەنە بىرنىڭ يۇيىقى سىرقىرايدۇ ،دەپ ئۆزىچە ئىككىمىزنى چاپلاپ كەتكىنى ئۇ ........
-چاپلىسا چاپلاۋەرسۇن ،مەن چوڭ بولغاندا سېنى ئالماقچى بولغانغۇ .........
- ۋىيەي ما قېلىننى ، كىچىك چاغلىرىمىزدىكى << ئاغچا ئايلام>> نى راست دەپ قالدىڭما ؟
- ئەمسە ماڭا تەگكۈڭ يوقما ؟
- بولدى قىلە ،ئادەمنىڭ ئۇياتقىسىنى كەلتۇرۈپ.ئۇقۇماي ئۈرۈمچىگە كېتىدىغان بوپسەن - ھە ؟ توۋا ، مانىڭ قاراملىقىنى !
- << ئەمدى ئۇقۇمايمەن >> دەپ يېغلاپ تۇرۋاپتىم ،دادام بىلەن ئانام ھېچنىمە قىلالمىدى . نەق شۇ چاغدا ئەمگەك مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ باشلىقى ئابلىز ئىمىن دېگەن ئادەم كىرىپ قالدى ، ئۇ ئەھۋالنى ئاڭلاپ ،بىزنىڭ ئەمگەك مۇلازىمەت شىركىتىمىزنىڭ قارمىقىدىكى مېھمانخانىنىڭ رېستۇرانىغا ئاشپەز لازىم ،قەدىرداننى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ ئاشپەزلىك كۇرسىغا بېرەيلى ،دېۋىدى ،ئۆيدىكىلەرمۇ ئامالسىزلىقتىن ماقۇل دېدى .
- مەدىنە چىمچىلاق قولىنىڭ ئۇچىنى چىشلەپ ئۇزۇن جىمىپ كەتتى ،
- قەدىردان بىلەن مەدىنە بىر مەھەللىدە تۇغۇلۇپ ،كىچىكىدىن تارتىپ بىر كوچىدا بىللە ئويناپ چوڭ بولغان بالىلار .مەدىنەنىڭ دادىسى ئابدۇسالام ،ئانىسى ئەلانۇر ئاتىسا ئاتىقى ،تۇتسا سېپى بار نامى يوللۇق دوختۇرلاردىن ئىدى.تۇغۇت دوختۇرى ئەلانۇر قەدىرداننى تۇغدۇرۇپ تۆت ئاي تۆت كۈن بولغاندا مەدىنەنى تۇغدى. قەدىردان بىلەن مەدىنە خۇددى ئاكا - سىڭىللاردەك چوڭ بولدى . ئۇلار كوچىدا بالىلار بىلەن ئوينىغىلى تۇرسا ،خەقلەر ئۇلارنى :<< چىلگە باشلار >> دەپ قۇيۇشاتتى . دېمىسىمۇ ھەر ئىككىلىسىنىڭ سىيرىپ چۈشۈرۋەتكەن تاقىر بېشى دۈپدۈگىلەك بۇلۇپ ،مەدىنەنىڭ چوققىسدىكى ئىنچىكە ئۆرۈپ قويغان بىر تۇتام چېچى چاشقان قويرىقىدەك قۇلىقىدا پىلدىرلاپ ساڭگىلاپ تۇراتتى .قەدىرداننىڭ كۆكىرىپ تۇرغان تاقىر بېشىنىڭ ئارقا تەرپىدىكى << نىياز چېچى >>نىمۇ ئۆرۈپ قويغاچقا ،گەجگىسىگە كەندىر چىگىسى ئېسىپ قويغاندەك كۆرۈنەتتى .شۇڭا بالىلار مەدىنەنى : <<چوقاباش >> دەپ چاقىرسا ،قەدىرداننى <<گەجگەمباش>> دەپ ،چېچىنى تارتىپ ئوينىشاتتى .......
خەيرىيەت ،ئۇلار بىرىنچى سىنىپتىن ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققىچىلىك بىر سىنىپتا ،بىر پارتىدا ئولتۇرپ ئوقۇشتى . مەدىنە تال چىۋىقتەك نازۇك،خۇش پېئىل ،ئاق كۆڭۈل ،سەممىي قىز بولدى.قەدىردان ئەمدىلا 14ياشقا كىرگەن بولسىمۇ ،شاھ مەھەممەتنىڭ مەدداھلىق رىۋايەتلىرىدە تەسۋىرلىگەن قاشلىرى بىلەكتەك ،كۆزلىرى جامدەك،كۆكرەكلىرى دىۋىدەك،بويى ئۆسكىلەڭ بالا بولدى.قەدىرداننىڭ سۆز - ھەرىكەت،يۈرۈش - تۇرۇش ،مۇئامىللىرىدىن قورقۇمسىزلىقى ،تەۋەككۈلچىلىكى ،كەسكىنلىكى چىقىپ تۇراتتى.ئۇنىڭ 7-سىنىپنى پۈتتۈرمەي تۇرۇپ چىقىپ كېتىشىگىمۇ ئاشۇ چۇس مىجەزى سەۋەب بولغان ئىدى .ھەپتە ئالدىدا،قەدىردان دەرس ئاڭلاۋېتىپ ئارقىسىدىكى بالىنىڭ سىياھ قۇتىسىنى ئەمدىلا ئېلىپ تۇرۇشى،مۇئەللىم بورنى ئۇنىڭغا ئاتتى . بور ئۇنىڭ پىشانىسىگە <<تاقلا >> قىلىپ تېگىشى ،بالىلار پاراققىدە كۈلۈشۈپ كېتىشتى .
دەرس ۋاقتىدا نېمىگە ئارقاڭغا قارايسەن ؟
مۇئەللىم ،قەلىمىمنىڭ رېڭى قالماپتىكەن،-بالىلارنىڭ كۈلكىسىدىن قىزىرىپ كەتكەن قەدىردان ئاچچىقىنى ئارانلا بېسۋالدى ،ئادەمگە بور ئېتىپ .........
ۋۇي،كۈرۈك توخۇدەك ھۈرپىيىسەنغۇ ؟-ماتېماتىكا مۇئەللىم تاقىلداپ يېتىپ كەلدى،ماڭا قىلىدىغان گېپىڭمۇ بار ئوخشىمامدۇ ؟
قەلەمدە رەڭ بولمىسا دەرسلەرنى نېمىدە يازىمەن؟يارمىسام،پۇتلىرىدىكى مايماق كېپىشلىرىنى ئاتالا ......
بىر سىنىپ بالا پاراقلاپ كۈلۈشتى ،ئىزا تارتقىنىدىن بۇيۇنلىرىغىچە قىزىرىپ كەتكەن مۇئەللىم ئېتىلىپ كەلگەنچە قەدىرداننىڭ كاچىتىغا بىرنى سالدى.ئەمما،مۇئەللىم دوسكا ئالدىغا كېلە- كەلمەي ئارقىسىدىن ئۇچۇپ كەلگەن سىياھ قۇتىسى ئۇنىڭ ئاپئاق كۆڭلىكىنى كۆپكۆك بويىۋەتتى. غەزەپتىن تاتىرىپ كەتكەن مۇئەللىم قەدىرداننىڭ قۇلىقىدىن تۇتۇپ چاقپەلەكتەك پىرقىرتىۋەردى،مەدىنە قاتتىق چىقىرىۋەتتى.شۇ چاغدىلا قۇلاق ئارقىسىدىن يامراپ چىققان قان بويۇن ھەم ياقىلانى قىپقىزىل بويىۋەتكەنلىكىنى كۆرگەن مۇئەللىم ئەندىكىپ قەدىرداننىڭ قۇلىقىنى قويۋەتتى .........
مانا قەدىردان مەكتەپكە كەلمىگەن ھەپتىدىن بېرى،مەدىنە ئۈچۈن مەكتەپ ئىچى چۆلدەرەپ قالغاندەك بىلىندى. ئۇ يوللارغا ئۈمىد بىلەن تەلمۈرۈپ قارايتتى،ئەتىگەندە مەكتەپكە ماڭغاندا ناھىيىلىك پارتىكوم قوروسىغا كۆز تىكەتتى.قىسقىسى،قەدىردانسىز بۇ كۈنلەردە ئۇ چۈشەكىگەندەك گاراڭ بولۇپ يۈردى....توۋا،چوققىسىدا چاشقان قۇيرۇقىدەك ئىنچىكە ئۆرۈم چېچى،گەجگىسىدە كەندىر چىگىسىدەك نىياز چېچى قويۋالغان بۇ <<چىلگەباشلار >>نىڭ ئەمدىلىكتە بىر - بىرىنى كىنەيدىغان،كۆرمىسە كۆرگۈسى كېلىدىغان ئۆسمۈرلۈك باغلىرىغا قەدەم ئېلىشنى كىم ئويلىغان؟ تېخى ئۆز ئار تەكەللۇپ قىلىپ كېتىشلىرىچۇ.........مانا ھەش-پەش دېگۈچە بالىلىق كۆكلەمنى ئۇزىتىپ قويۇپ،ھەر ئۇچراشقاندا بىر -بىرىگە <<كۆز سالىمى>> قىلىدىغان، بىر-بىرىنى باشقىلاردىن قىزغىنىدىغا، يۈرەككە تالىق گەپ-سۆزلەردىن قىزىرىدىغان بولۇپ قېلىشتى......مەدىنە بىرەر ئوغول بالا بىلەن ئۇزاقراق مۇڭدىشىپ قالسا،قەدىردان نەچچە كۈنگىچە كۆڭلىدە باتناپ قالاتتى.ئەگەر قەدىردان قىزلار ئىچىدە ئۆزىنى كۆرسىتىپ، كۈلكە - ھەزىل قىلىپ قالسا ،مەدىنەنىڭ كۆڭلى غەش ھالدا بۇرۇقتۇم بولۇپ يۈرەتتى ياكى قارا قېشىنى يىمىرىپ،تۇمشۇقىنى دومسايتىپ تاتلىققىنا زەردە قىلۋالاتتى،تېخى قەدىرداننى بىرەر - ئىككى كۈن كۆرمەي قالسا،<< كىم بىلەن چاتاقلىشىپ يۈرىدىغاندۇ ؟>> دەپ ،كۆڭلىنىڭ ئەلەمزىدە بولۇپ كېتىشلىرىچۇ تېخى .....مەدىنە قەدىرداننىڭ ئوغۇل بالىلاردا كەم تېپىلىدىغان قاملاشقان سىن - سىپاتىدىن زوقلىناتتى ،ئۇنىڭغا يۇشۇرۇنچە ھەۋەس قىلاتتى ،كەلگۈسىدىكى بىر كۈنلەرنى كۆز ئالدىغا كەلتۇرسە،كۆڭلى مېھر ۋە لەززەتكە تولاتتى ....
مەدىنە بۈگۈن ئەتىگەن ساۋاقداشلىرىدىن قەدىرداننىڭ ئۈرۈمچىگە كېتىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ،قانداقتۇر بىر نەرسە يۈرىكىگە غاسسىدە سانجىلغاندەك بولدى.مۇئەللىمدىن<< ئاشقازىنىم قاتتىق ئاغرىپ كېتۋاتىدۇ>> دەپ رۇخسەت ئالدى-دە ،ئۇدۇل ناھىيىلىك پارتىكومنىڭ ئائىلىلىكلەر قوروسى ئالدىغا كەلدى.<<يېزا خىزمىتى بۆلۈمى >> ، << تەشۋىقات بۆلۈمى >> ،<<خەلق ئىشلار بۆلۈمى >> قاتارلىق بۆلۈملەرنىڭ بۇجاڭلىرى ئۈچۈن بىر يۈرۈش ئايرىم -ئايرىم قورۇلار خۇددى تىزىپ قويغان چاقماق قەنىتتەك قاتىرىسىغا سېلىنغانىدى. تال -بوستانلىق،نادىر ئەتىۋارلىق گۈل -گىياھلار ئېچىلىپ كەتكەن،تاملىرى ناۋات رەڭ چاقچۇق بىلەن بېزەلگەن ئەڭ چەتتىكى قورودا <<تەشكىلات بۆلۈم >> باشلىقى ئابباس بۇجاڭ ئولتۇراتتى . ناھىيلىك پارتىكوم بۇيىچە << تەشكىلات بۆلۈم >> باشلىقى ئابباس بۇجاڭنىڭ ھۆرمەت ئىناۋىتى خېلىلا يوقىرى ئىدى .ئۇنىڭ ئايالى خەيرىگۈل بولسا ، ئوقۇتقۇچىلار سېپىدە بىر ئۆمۈر جاپالىق ئىشلىگەن داڭلىق ماتېماتىكا مۇتەخەسسىسى ،دەپ تەرىپلىنەتتى .
ئۆيگە كىرىشتىن خىجىل بولغان مەدىنە قەدىرداننىڭ چىقىپ قېلىشىنى كۈتۈپ،ناھىيلىك پارتىكوم ئائىلىكلەر قورۇسى دەرۋازىسى ئالدىدا ساقلاۋاتقان مۇشۇ دەقىقىدە ،ئەمگەك مۇلازىمەت شىركىتى قارمىقىدىكى << ياشلار بىناسى >> نىڭ دېرىكتۇرى ئۇبۇل ھەسەن قەدىرداننى ئۈرۈمچىگە ئاشپەزلىك ئۆگىنىش كۇرسىغا ئەۋەتىش توغرۇلۇق ئابباس بۇجاڭنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ بۇلۇپ، ئۆزىنىڭ ھال - ئەھۋالى ئۈستىدە دات ئېيتىۋاتاتتى . لېكىن ،ئىچكەركى ئۆيدە كىتاپ كۆرىۋاتقان قەدىرداننىڭ كۆزى كىتاپ سەھىپىلىرىدە بولسىمۇ ،قۇلىقى ئۇلارنىڭ سۆھبىتىدە ئىدى .
700 توننىدىن ئارتۇق ! دېدى ئابباس بۇجاڭ ئېغىر تەلەپپۇزدا،-قۇرۇق يەل-يېمىشنى نېمانچە يېغۋالغان ؟
قانداق قىلمەن،ئەمگەك مۇلازىمەت شىركىتى يۇقىرىدىن تەقسىم قىلغان ئوقۇغۇچى ياكى ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان ،بالىلىرى بولسۇن،ھەممىنى مېنىڭ تارماقلىرىمغا ئورۇىلاشتۇرىدۇ.مەن ئۇلارنى بېقىشىم كېرەكتە ........شۇڭا ھەرخىل ئامال-چارىلەرنى قىلۋاتىمەن.
قۇرۇق يەل-يېمىش نەم ئامباردا تۇرىۋەرسە بۇزۇلىدۇ،دېدى ئابباس خاپا بولغان ئاھاڭدا،بۇ....بۇ قىپقىزىل زىيان - دە! شۇڭا بۇ 700توننا بىر نېمىنى دەرھال بىر تەرەپ قىلۋەت .
بۇلىدۇ ، بۇجاڭ ، بۇلىدۇ...مەن ئۇنىڭ كويىدا بولاي .

كويىدا بولۇش بىلەن ئىش تاڭاتمايدۇ.توپ ئالىدىغان يەرلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ،دەرھال ئالاقىلاشكىن بولامدۇ ؟
خوش...خوش...بۇجاڭ ...ئەمسە مەن چىقاي .


داۋامىنى ئىنكاس شەكىلدە كۆرۋالغايسىزلەر!

كىمنىڭ ھاياتىدا ئىلىم بەرگۇچى ئۇستازى بولمىسا،دىمەك ئۇنىڭ ئۇستازى شەيتاندۇر

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1105
تۆھپە
659
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 12:01:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ روماننى يوللاپ قويغىنىڭىزغا رەخمەت  مەن ئۇقۇپ بولغان  باشقىلارمۇ بەھىرلەنسۇن


Rank: 2

تىللا
90
تۆھپە
40
UID
6196
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 12:17:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئوقۇپ بولغان ،ھەقىقەتەن ئوقۇشقا ئەرزيىدۇ.بەك تەسىرلىك


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ۋىسال
تىللا
362
تۆھپە
268
UID
351
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 12:17:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى:


كويىدا بولۇش بىلەن ئىش تاڭاتمايدۇ.توپ ئالىدىغان يەرلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ،درھال ئالاقىلاشكىن بولامدۇ ؟
خوش........خوش......بۇجاڭ .....ئەمسە مەن چىقاي .......
توختا مەنمۇ ئىدارىگە بارىمەن،ئىككىمىز بىللە چىقىپ كېتىلى .
ئابباش بۇجاڭ چاپىنىنى ئايىغىنى كىيۋاتقان مۇشۇ پەيىتتە ،دەرۋازا ئالدىدا قەدىرداننى ساقلاۋاتقان مەدىنە جىددىيلىشىپ ،ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ ھويلا ئىچىگە قارىماقتا ئىدى.ئۇ تاقەتسىزلىنىپ<<بېشىڭنى يەيدىغان جۇۋاينىمەك كەتكۈر تەرسا،ئۆزىنى ئەجەپ ئەتىۋار قىلدا.......>>دەپ تۇمشۇقىنى بىر ئەپلىك دومسايتىپ تىللاپ تۇرۇشى ، ئابباس بۇجاڭ بىلەن ئۇبۇلھەسەن قولتۇقىغا بوبكىلىرىنى قىستۇرغان ھالدا ھويلىدا كۈرۈندى، ئۇلارنىڭ مېڭىش يۆنىلىشى ئوخشاش بولمىغاچقا ، دەرۋازا ئالدىدا توختاشتى .44-45 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان ئابباس ئوتتۇرا بوي ،تەمبەل ، قىزىتىلغان مىس تەلەڭگىدەك قىزغۇچ قارىراق،دۈپدۈگىلەك يۈزى پارقىراپ تۇراتتى. ئۇ ياشلىقىدىن تارتىپ ئېغىر-بېسىق ،سالماق ، كەم سۆز بولغاچقىمۇ ،گەپ قىلغاندا تەمكىن ،ھەر بىر سۆزنى خۇددى تارازىدا ئۆلچەۋاتقاندەك ئالدىرىماي قىلاتتى .
ئۇبۇلھەسەن،-دېدى ئابباس ئېغىر تەلەپپۇزدا،-ئەمدىلا 14ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بالىنى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ،پۇل تۆلەپ قىلغانغا بىر نېمە ئۆگىنەلەرمۇ ؟
ئابباس بۇجاڭ ، خاتىرجەم بولسىلا،ئۇبۇلھەسەن ئورۇق ،ئۇچلۇق ئېڭەكلىرىنى سىلاپ قويدى ،-قەدىردان ئالدىمىزدا چوڭ بولغان بالا ،ئۇنىڭ قانچە جىڭ، نەچچە سەر كېلدىغانلىقى ئۆزۈمگە ئايان ،ئۇ چۇقۇم ياخشى ئۆگىنەلەيدۇ.......
<<ئەمگەك مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ >>نىڭ باشلىقى ئابىلىز ئىمىنمۇ ئاغىزىنى تاتلىق ئېتىپ قەدىرداننى ماختاۋاتىدۇ. ھەي تاڭەي .......بۇ بىر قارام ، تەۋەككۈلچى بالا ...... تېخى ئويۇن بالىلىرى-دە.........
ئا بۇجاڭ ،ئاشۇنداق قارام ، تەۋەككۈلچى،باشقىلاردا يوق خاسلىققا ئىگە  بالىلار ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشنىڭ نوچىلىرى،ئۇچار دۇلدۇللىرى، سەرخىل سەردارلىرى بولىدۇ دېسىلە ...........
ھەي بولدى ، بولدى سىلەرگە گەپ توشاتقىلى بولمايدۇ....ھەر ھالدا كۆز -قۇلاق بۇلۇڭلار ،ھە ئۇنى ئۈرۈمچىگە كىم ئاپىرىپ ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قويماقچى ؟
شىنجاڭ مېھمانخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ بولدۇق . <<ئەمگەك مۇلازىمەت شىركىتى >>نىڭ سەيگۈەنى جاپپار ھاجىمغا ئىككى ماشىنا گۈلە-قاق بېسىپ بېرىمەن ،شۇنى ساتقاچ قەدىرداننى بىللە ئەكىتىدىغان بولدى .
قەدىرداننىڭ رەسمىيىتىچۇ ؟
شىنجاڭ مېھمانخانىسى ئاشپەزلىك كۇرسىنىڭ ئالتە ئايلىقى ئۈچۈن 2مىڭ سوم تۆلەيدىغان بولدۇق.......
2 مىڭ سومنى مەن بېرەي،-دېدى ئابباس بۇجاڭ يولىغا راۋان بۇلۇپ،-بولمىسا قەدىرداننى ئەۋەتمەيمەن .
ئۇبۇلھەسەن قاققان قۇزۇقتەك تۇرۇپلا قالدى،ئابباسنىڭ ئارقىسىدىن بىر ھازا قاراپ تۇرۇپ ،ئۇمۇ ئۆز يۇلىغا ماڭدى. دەرەخ ئارقىسدا ھەممە گەپنى ئاڭلىغان مەدىنە يۈرىكى پۇچىلانغان ھالدا كەتمەكچى بولۇپ تۇراتتى.قەدىردان يۈگۈرۈپ چىقىپ قالدى . بىردىنلا يۈرىكى سېلىپ كەتكەن مەدىن ئاستا توۋلىدى :
قەدىردان !
ۋۇي مەدىنە ، بۇ يەردە تۇرىسەنغۇ ،مەكتەپكە بارمىدىڭما ؟
رۇخسەت سورىغان .
نېمىشقا ؟
سېنىڭ بىلەن كۆرۈشەي دەپ .....
مەنمۇ سېنى ئىزدەپ مەكتەپكە ماڭغان.......
ئەمسە يۈر، مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ بېغىغا كىرەيلى .
ئەڭ ياخشىسى كوئېنلۇن باغچىسى ........
كوئېنلۇن باغچىسى شەھەرنىڭ سىرتىدىراق بولسىمۇ ،ئانچە يىراق ئەمەس ئىدى. بۇ باغچا 60- يىللاردا << كوئېنلۇن سۇ ئامبىرى >> دەپ ئاتالغان، ئەتراپلىرى قۇمۇش ، يىكەن ھەم ياش كۆچەتلەر بىلەن قاپلانغان ئاجايىپ زور كۆل ئىدى. ئىسلاھاتتىن كېيىنلا بۇ كۆلنىڭ ئەتراپلىرى قورشىلىپ، راۋاق ،شىپاڭ ۋە ھەرخىل دەم ئېلىش ئەسلىھەلىرى ياسىلىپ ،بارا - بارا باغچىغا ئايلىنىپ كەتكەنىدى. قەدىردان بىلەن مەدىنە كۆلنىڭ ئۇ تەرپىدىكى ئېگىز ھەم قېلىن ئۆسكەن يىكەنلىك ئىچىدىكى دەم ئېلىش سۇپىسىغا كېتىشىتى.....زىھىنىياتلىق ئوقۇرمەنلىرىمىز بۇ ئىككى ئۆسمۈرنىڭ تومتاقلا باشلانغان سۆھبىتىنىڭ ئاخىرىغا قىزىقماي قالمايدۇ ، دەپ ئويلايمەن. قېنى ھەممىمىز ئۇلارنى ئۈركۈتۈۋەتمەي ماراپ باقايلى.........
قەدىردان بىلەن مەدىنەنىڭ مۇڭدىشىۋاتقىنىغا بىر سائەتتىن ئېشىپ قالدى. قەدىرداننىڭ مەدىنەنى ئىزدەپ مەكتەپكە مېڭىشمۇ تاسادىپىي ئەمەس ئىدى. بۈگۈن ئەتىگەنلىك ناشتىدا ئابباس بۇجاڭ ئايالى خەيرىگۈلگە ، دوختۇر ئابدۇسالام بىلەن ئەلانۇرنىڭ تۈركىيىگە چىقىپ كېتىش ئۈچۈن رەسمىيەتلەرنى ئۆتىگەنلىكىنى دەپ بەردى...<< ئالتە ئايغىچە مەدىنەنى كۆرمەي چىدىغىلى بۇلارمۇ ؟!>> دەپ ساراسىمگە چۈشۈپ قالغان قەدىردان ئۈچۈن بۇ خەۋەر خۇددى << تېرىق پاتمىغان گېلىمغا ئات كاللىسى غولدۇر-غوپ >> دېگەندەكلا بولدى .شۇڭا ئۇ باياتىن بېرى بۇ توغۇرلۇق مەدىنەنىڭ گەپ ئېچىشىنى كۈتكەن بولسىمۇ، بىراق بۇ قىز قەدىرداننىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىشىنى توسۇش ئۈچۈنلا باغچىغا كەلگەندەك قىلاتتى .
ھەي ، دېدى قەدىردان چوڭ كۆزلىرىنى ئالايتىپ،مەنغۇ ئۈرۈمچىگە بارسام ئالتەئايدا قايتىپ كېلىمەن، لېكىن سەن بارسا كەلمەس يەرگە كېتىدىغان تۇرۇقلۇقمۇ ، زۇۋانىڭنى ئېچىپ << مۆ >> دەپ مۆرەپمۇ قويمايسىنا .
ۋاي خۇدايىم ، سەنمۇ ئاڭلاپسەن - دە؟ ئەسلىدە ساڭا قانداق چۈشەندۈرەرمەن دەپ ئەنسىرىگەنىدىم ،- مەدىنە دىمىققاندەك بولۇپ يەرگە قارىدى، ھەممىنى قىلغان تۈركىيىدىكى چوڭ دادام ،ئۇ << بۇيەردە دوختۇرخانا ئاچساڭلار ،مىليونېر باي بۇلۇپ كېتىسىلەر ....ئۇ نېمەڭلار بۇلىدۇ،بۇ نېمەڭلار بۇلىدۇ.....>> دەپ قىزىقتۇرۇپ .....لىكىن مەن .....دوختۇرلۇقتا ئازراق ئۇقۇۋېلىپ قايتىپ كېلمەن.....راست، سەن ماڭا ئىشەنگىن ....چۇقۇم ....چۇقۇم ................
بولدى ، گەپ ئەگىتىپ زورۇقمايلا قوي ،- قەدىردان ئاچچىقىدا ۋارقىرىۋەتتى ،- ئەمدى بىزنىڭ كۆرۈشمىكىمىز ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسى ،ئۇقتۇڭما ؟
نېمە پەيلىڭنى بۇزۇسەن ؟-قىز مىچچىدە يېغلىۋەتتى ،-سېنىڭ خىيالىڭچە ،بىز ئۆمۈرۋاقى كۆرۈشەلمەيدىكەنمىز،-دە .......كۆرۈپتۇر ،ئاشۇنداق دېگىنىڭگە،ئۆملەپ بولسىمۇ يېنىپ كەلمىسەم........
پاھ، پاھ ،يېنىپ كېلىمىش تېخى ،- قەدىردان ئاچچىقىنى قىزدىن چىقىرۋاتاتتى ،- ئۇ دېگەن قۇغۇنلۇقنىڭ يولى ئەمەس.....تېلۋىزۇردا كۆرگەن ھەشەم - دەرەملىك ئويۇنلاغا پېتىپ قېلىپ ،يۇرتۇڭنىمۇ ئۇنتارسەن ؟
تولا يېغىرىمنى ئاچمىغىنا ،- قىز ئېسەدەپ كەتتى ،ئۆز يۇرتىنى ئۇنتۇپ قالغان ئادەمنى ئادەم دېگىلى بولامدۇ؟ مومام رەھمەتلىكمۇ :<< تۇغۇلغان يۇرتىنىڭ توردغىيمۇ چىرايلىق كۆرۈنىدۇ >> دەيدىغان .
قەدىردان قىزنىڭ ئەجەب مىسكىن ھالىنى كۆرۈپ تەرەببا ئىچى ئاغرىپ قالدى. ئەمدى ئۇنىڭغا قېيىداپ تاۋان تاشلىغاننىڭ پايدىسى نېمە ؟ ئۇنىڭ ئامالى قانچە ؟ ھەممىنى قىلۋاتقانلار پۇلغا تويماس چوڭلار تۇرسا....پۇل دېسە ،ئانىسىنىڭ بىجىقىنى كېسىپ كېلىدىغان ئادەملەر نېمانداق كۆپىيپ كەتكەندۇ؟ مانا مەدىنەمۇ ئاتا - ئانىسىنىڭ زورى بىلەن كېتىۋاتمامدۇ....راست ،ئۇنىڭ يېغىرىنى تاتىلاپ، ئازابلىسام ، مەن قانداقمۇ ئادەم بولاي........ئۇ قىز ....ئۇ قىز......راستىنلا بەك بىچارە.......
قاچان ماڭىسىلەركەن ؟ قەدىردان ئەندىكىپ سورىدى،-خاپا بولما بايا جۇدۇنۇم ئۆرلەپ ..........
ھېچقىسى يوق ،-مەدىنە ئۈن سېلىپ يېغلىغىنىچە قەدىردانغا ئېسىلدى،- ئامالىم يوق... قەدىردان ، راستىنلا ئامالىم يوق ........
بولدى يېغلىمىغىنا،سەن يېغلىساڭ ، مېنىڭمۇ يېغلىغۇم كېلىدىكەن........- قەدىردان ياشقا تولغان كۆزلىرىنى ئېپقاچتى ، ئەمدى كۆچۈپلا بىر ۋىراقى كېتەمسىلەر ؟
مەدىنە << ھەئە >> دېيىشكە تىلى بارماي ، بېشىنى سىلكىدى. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن قەدىرداننىڭ يۈرىكى ئېچىشتى.....ئېيتقۇسىز ئېچىشتى ......مەدىنەنىڭ يۇمران ، پاك يۈزلىرىنى سۆيۈپ چۈشۈۋاتقان ياشلىرى خۇددى گۈل بەرگىلىرىدىن تۆكۈلۈۋاتقان شەبنەمنى ئەسلىتەتتى .....توۋا ياندىكى تاشنىڭ قەدرى يوق ،دېگەندەك بۇ قىزنىڭ لاتاپەتلىك ،ئۇز ھەم مېھىر-شەپقەتلىك ئىكەنلىكىنى قەدىردان نېمىشقا سەزمىگەن بولغىيتتى ؟ ئۇنىڭ ئەمدىلا بىلىگە چۈشكەن قاپقارا چاچلىرىنى ئەپچىل ئۆرۈپ،ياسىنىپ - تارىنىپ يۈرۈشلىرى، ھېلىقى گېپى سېسىق سائادەتنى :<< ئۆلگۈر يەكپاي كېپىش >> دەپ قىزغىنىشلىرى ، <<غەلىتە خۇيۇڭ باردە>> دېگەن چاغدىكى تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ دومسىيىپ قۇيۇشلىرىنىڭ ھەممىسى قەدىردان ئۈچۈن ئەمەسمىدى .... بۇ قارام، تەۋەككۈلچى ،قوپال جىسىم يۈرەكنى ئەركىلىتىدىغان ، سىلاپ تۇرۇپ يېغلىتىدىغان ،بۇلبۇلدەك سايرىتىپ،ئانا تۆگىدەك بوزلىتىدىغان، نازۇك ،شېرىن - شەربەت ئىما -ئىشارىلەرنى ئەجەپ سىنەكىمەي ئۆتكۈزۈۋېتىپتىكىنا! راست ، ئۇ .... ئۇ نېمىدىگەن دۆت ! ئەسلىدە مۇھەببەت دېگەن شۇكەن -دە تېخى << سېغىنىپ كەتسەم قانداق قىلارمەن؟>> دېگەننىڭ ئۆزىمۇ يەنىلا مۇھەببەتكەن ئەمەسمۇ ؟ ئەمما بۇ تاتلىق ھەم ھەسرەتلىك تۇيغۇلارنى مەدىنە ئۇنىڭدىن بالدۇرراق ھېس قىلغانىكەن! دۇنيادا ئۇنىڭدەك چىن ئەقىللىق قىز يوقتۇر ! يۇرۇڭقاش دەريا ۋادىلىرىنىڭ جەننەتتەك ساھىللىرىنى ھەر قانچە مالتىلاپ ، مەدىنەدەك يەنە بىر قىزنى تاپقىلى بولماس ....
قەدىردان گەپ قىلمايسەنغۇ ،مەدىنە پۇتىنىڭ ئۇچىغا قاراپ جىمىپ كەتكەن قەدىردانغا سۇۋۇندى ،- ئايرىلىدىغان چېغىمىزدا بىرەر ئېغىز گېپىڭ يوقما ؟
بارسا كەلمەس يەرگە كېتىۋاتساڭ ، ساڭا نېمىمۇ دەيمەن ؟ قەدىرداننىڭ ئاۋازى خۇددى يىغلىغاندەك غاراڭ -غۇرۇڭ چىقتى ، ئەمدى ھەر قانداق ۋەدە ،قەسەميادلارنىڭ ئورنى قالمىدى - دە !
ئەڭ بولمىسا - قىز تەتۇر قارىۋالدى.- <<سېنى ياخشى كۆرەتتىم >> دېگەن بىر ئېغىز سۆزۈڭنى ئاڭلۋالغۇم تارتتى ...
ئۇنداق......دېسەم.....قەدىردان دىمىغىدا سوغۇققىنا كۈلدىيۇ، كۆزلىرى لىپمۇلىپ ياشقا تولدى،- يۈرىكىم تېخىمۇ ئېچىشىپ كېتەر.......
قىز يېغلىۋەتتى ، ئەمما قەدىردان ئۇنىڭ قولىدىن تارتقانچە باغرىغا باستى ،ئاندىن ئالۇچىدەك رەڭدار، يۇمران ، كىچىك لەۋلەرگە يۇمشاق تۈك قاپلىغان لەۋلىرىنى ئاستا بېسىپ، ھايال ئۆتمەيلا تارتىۋالدى......لېكىن ئۇ تۇنجى قېتىم قىز لىۋىدىن ئىچكەن بۇ سۆيگۈ شەربىتىنىڭ ئادەمنى بىھۇش قىلىدىغان لەززىتىنىڭ نەقەدەر شېرىن ھەم باھاسىز ئىكەنلىكىنىڭ قەدىرىگە ئانچە يېتەلمىدى!
قەدىردان ،- دېدى تۇنجى سۆيۈشنىڭ لەززىتىدىن ھاياجانلانغان قىز ،- ئۈرۈمچىگە قاچان ماڭىسەن؟


داۋامى بار...


كىمنىڭ ھاياتىدا ئىلىم بەرگۇچى ئۇستازى بولمىسا،دىمەك ئۇنىڭ ئۇستازى شەيتاندۇر

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
1391
تۆھپە
864
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 12:45:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئوقۇپ بولغان ،ھەقىقەتەن ئوقۇشقا ئەرزيىدۇ.بەك تەسىرلىك


غەمىسز يۇرىدىغان كۇنلەر قاچانمۇ تۇگەر~!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
جۇماخۇن خوجا(ئىلى ئوبلاستلىق قىزىل كىرىست جەمىيىتىدە)
تىللا
1161
تۆھپە
251
UID
2050
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 12:50:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئوقىغان.ئوقىمىغانلار ۋە قايتا ئوقۇغۇسى بارلار ئۈچۈن ناھايىتى ئوبدان ئىش بوپتۇ.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نەفىسە
تىللا
459
تۆھپە
222
UID
5838
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 13:36:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇپ بولغان، لېكىن ئەجىرىڭىزگە رەھمەت.


قارىسام كۆرىنمەيدۇ دۇنيانىڭ چېتى ،
بۇ دۇنيا بىر كونا رابات، بىز يول ئۆتكۈچى.نەفىس

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئوسمانجان
تىللا
744
تۆھپە
485
UID
4665
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 14:07:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ساخلىۋالدىم ۋاقىت چىقىرىپ ئوقۇي...


Rank: 6Rank: 6

تىللا
774
تۆھپە
315
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 14:08:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جالاللىدىن بەھرام ئەسەرلىرىنىڭ بەدئىي قىممىتى يۇقۇرى


Rank: 8Rank: 8

تىللا
968
تۆھپە
726
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 17:26:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۇقۇپ بولغان .رەخمەت سىزگە


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-3-17 22:30, Processed in 0.082880 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991