- 出生县
- 巴楚县
- 生日
- 1969 يىل 6 ئاي 26 كۈن
- ئىسىمى
- مەمتىمىن
- 出生小区
- 阿纳库勒乡
- 职业
- كەسىپ تېخنىكا مائارىپى
- تىللا
- 579
- تۆھپە
- 251
- نادىر
- 0
- يازما
- 225
- جۇغلانما
- 1306
- ھوقۇقى
- 70
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-17
- تىزىملاتقان
- 2011-10-4
- UID
- 593
 
- ئىسىمى
- مەمتىمىن
- تىللا
- 579
- تۆھپە
- 251
- UID
- 593
 
| سىزدە ۋاقىت كۆپ ئەمما روھ كەمكەن. ئەدەبىياتقا قىزىقىدىغان ئادەم 2 يىلدىن بېرى بىرەر پارچىمۇ كىتاپ كۆرمەپسىز. قارىغاندا خەنسۇ تىل سەۋىيەرىڭىز ياخشى ئوخشايدۇ شۇڭا بىرىنچى ئىككىنچى يىلدىكى تىل ئۆگۈنىش ۋاقتى سىزگە ئۈگىنىش بېسىمى ئېلىپ كەلمەي ئاخىر ھورۇنلىشىپ كىتىپسىز. ئادەم مەكتەپتە ئۆگەنگىنىنىڭ ھەممىسىنى جەمىيەتتە تولۇق ئىشلىتىدىغان بولسا بۇ دۇنيا تەرەققى قىلىپ ئاللىقاچان چەككە يەتمەمتى ؟ سىز مەكتەپتە ئۆگەنگەن بىلىم سىز جەمىيەتكە چىققاندا كونىرىغان بولىدۇ، ئۇڭغىچە نۇرغۇن يېڭى نەزىرىيەلەر ( ھەممە پەندە ئەمەس ) ئوتتۇرغا قويىلىدۇ، ئۆزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئالى مەكتەپتە ئۆگەنگەننى ئەمەليەتتە ئىشلىتەلمەيسەن دىيىشىدۇ. لېكىن ئالى مەكتەپ ھاياتقا ئاساس سالىدىغان باسقۇچ، سىز بۇ يەردە ئۆزىڭىزنى ھەر قايسى تەرەپلەردىن تولۇقلاپ بارىسىز.ئەڭ موھىمى سىز بۇ يەردە ئۆگۈنىش ئۇسۇلىنى، ئىشلارغا بولغان چىدامچانلىقنى يىتىلدۈرىسىز، شۇڭا كەلگۈسىدە كېرەككە كەلمىسىمۇ ئۆگۈنىشنى تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ، سىزنىڭ ھازىرقى ۋەزىپىڭىز ياخشى ئۆگۈنىش. ئېسىڭىزدە بولسۇن ،« باشقىلار ئوينايدىكەن مەنمۇ ئوينىسام نىمە بوپتۇ » دەپ ئۆزىڭىزنى ئالدىماڭ. ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن سىزلەر جەمىيەتكە يۈزلىنىسىلەر، خىزمەتنى ئۆزەڭلا تاپىسىلەر، تۈرلۈك ئىمتىھانلار ئارقىلىق مەلۇم ئىش ئورنىغا ئىرىشىسىلەر، شۇڭا بىلىم ئىگەللەشنى ھەرگىزمۇ تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ. سىزنىڭ كەسپىڭىز ھەقىقەتەنمۇ ئۈگۈنىش قىيىن كەسىپ، بەزىدە ھەرقانچە تىرىشسىڭىزمۇ ئۆزلەشتۈرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، لېكىن بۇنداق چاغدا بەل قويىۋەتمەسلىك كېرەك. خۇددى يۈيگوڭنىڭ تاغ يۆتكىشىدەك ئىرادە بولىشى كېرەك. ئوغۇل بالىنىڭ ئىرادىسىنىڭ سۇنۇپ كىتىشى بەكمۇ ئېچىنىشلىق.ئىرادە بولمىسا چىدام بولمايدۇ، چىدام بولمىسا ئىلگىرلەش بولمايدۇ، ئىلگىرلەش بولمىسا ھاياتىڭىز تىنىچ سۇدەك تۇرغۇن بىلىنىپ ، كەيپىياتىڭىزنى سۇسلاشتۇرىۋېتىدۇ. ئادەم ئۆمرىدە نۇرغۇن قىيىنچىلىققا دۇچ كىلىدۇ، بەزىلەرنىڭ ھاياتى ئۇلۇغ سۇدا نابۇت بولۇش ئالدىدا تۇرغاندا سۇدا لەيلەپ كىلىۋاتقان بىرەر تال پاخال ئۇنىڭ نەزىرىدە ئۇنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغۇچى نىجات يۇلتۇزى بولۇپ تۇيۇلىشى مۇمكىن. شۇلارغا سېلىشتۇرغاندا سىز دىگەن شۇنچە بەخىتلىك ئادەم بولۇپ ھىساپلىنىسىز، چۈنكى سىزنىڭ ھاياتىڭىزغا تەھدىد بولغۇدەك ھىچقانداق ئىش بولغىنى يوق، سىز پەقەت روھى جەھەتتىنلا ئۆزىڭىزنى بىچارە ھىساپلايسىزكەن. جۇشقۇن كۆتىرەڭگۈ روھ بولۇش كېرەك. مېنىڭ بىر ئىنىممۇ ۋۇخەن ئۇنىۋېرستىتىنىڭ «قۇرۇلۇش» كەسپىنى پۈتتەرگەن، دەسلەپكى بىر يىل ئادەتتىكى ئورۇنلارنى ياراتماي يۈردى لېكىن بىر يىلدىن كېيىن رىئاللىقنى قۇبۇل قىلىىپ مىۇئاشى ئاز بولسىمۇ بەزى ئورۇنلاردا ئىشلىدى، ئېيىغا 800 يۇەندىن مۇئاش ئېلىپ ئىشلىگەن چاغلىرىمۇ بار، كەسىپنى ياخشى ئوقۇپتىكەن، بىر نەچچە چوڭ شىركەتلەرگە ئىمتىھان بىرىپ دەسلەپ پۇكاڭدىكى كۆمۈرلۈكتە ئېيىغا 3000 يۇەندىن مۇئاش ئېلىپ ئىشلىدى، 2 يىلدىن كېيىن يەنە بىر شىركەتكە ئالمىشىپ 5000 يۇەندىن مۇئاش ئېلىپ ئىشلىدى، ھازىر ماناستىكى بىر شىركەتتە ئېيىغا 12000 كويدىن مۇئاش ئېلىپ ئىشلەۋاتىدۇ، ناۋادا ئۇ ئىنژىنىرلىق ئۇنۋانى ئالسا مۇئاشى ئۇنىڭدىنمۇ يۇقۇرى ئالىدىكەن. ھايات دىگەن مانا شۇنداق، ھىچقانداق ئىشنىڭ تۇنجى قەدىمى راۋان بولمايدۇ، بىزنىڭمۇ ئايىقىمىز چىققان دەسلەپكى ۋاقىتتا تەمتىلەپ ماڭساق كىيىنچە كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يۈگۈرەيدىغان بولىمىز. كېيىنكى ۋاقتىڭىزنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزىڭ، ئاتا ئانىڭىزنىڭ « بالام ئىچكىردىكى داڭلىق مەكتەپتە ئوقۇيدۇ » دەپ پەخىرلىنىپ يۈرىشىنى پايخان قىلغۇچى بولماڭ. باشقىلار قىلغاننى نىمىشقا سىز قىلالمايسىز. |
|