دوستلىرىم
( غەزەل)
تۇردى ئىسرائىل
چاتقاللاردا باش ئەگمەي داۋان ئاشقىن دوستلىرىم،
ساپ تەرىڭدىن ئاۋامغا چاچقۇ چاچقىن دوستلىرىم.
تۇرمۇش ئاتلىق ھارۋىنى دوقاللاردا تەڭ تارتىپ،
ھاياتلىقنىڭ يولىنى مەزمۇت باسقىن دوستلىرىم.
چاڭقىغانغا بېرىپ سۇ،بېشىنى سىيلاپ بىمارنىڭ،
بۇ ياشلىققا گۈللەردىن كەشتە چەككىن دوستلىرىم.
مېھرى-ۋاپا چىرىقىن ئۈچۈرمىدۇق پەرلەپ بىز،
ئىزگۈ سۆيگۈ،دۇستلۇققا ئىشىك ئاچقىن دوستلىرىم.
ۋىجدان،سۆيگۈ ناخشىسىن مەرغۇللىتىپ جاراڭلىق،
ئىناقلىقنىڭ سۈيىدە راۋان ئاققىن دوستلىرىم.
قولىمىزدا يەلپۈنەر ئۈمىدلەردىن تۇغ-ئەلەم،
ۋىساللارنىڭ رېشتىنى مەھكەم چاتقىن دوستلىرىم.
ئازغۇنلارنىڭ دامىغا چۈشمەي ھەتتا تۈندىمۇ،
ۋەھشى قاۋان—تۈلكىنىڭ چىشىن چاققىن دوستلىرىم.
كۈلكىلەرگە يار بولدۇق،زۇغۇيلارغا ئەگمەي باش،
مەيدانىغا چېلىشنىڭ ئۆزۈڭ ئاتقىن دوستلىرىم.
مېھرى بىرلە پەپىلەپ،ئۈمىدلەرنى كۈلدۈرگەن ،
ۋەتەن ئۇلۇغ ئانام-دەپ ،لېۋىڭ ياققىن دوستلىرىم.
تۇردى ئىسرائىل
2009.5.1